ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتايلى
10:36:39 2024-12-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

نېلۇپەر گۈللىرى جۇلالىنىپ، كۆزنى چاقناتتى؛ خاۋجياڭ دەرياسى دولقۇنلىنىپ، ئۆركەشلەپ ئاقتى. 25 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ رايون بايرىقى ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاۋمېن تارىختىكى يېڭى دەۋرنى باشلاپ، تارىختىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلنى كۈتۈۋېلىپ، ۋەتەننىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا مەردانە قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

نەچچە يۈز يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، 25 يىلدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى، ئۆزگىچە جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى. ئاساسىي قانۇن ۋە ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بولۇپمۇ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئاھالىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. 2023- يىلى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئېشىشى %80.5كە يەتتى؛ 2024- يىلى مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئۆي، جەمئىيەت ھەم ئولتۇراق رايون مۇلازىمىتى قاتارلىقلار خامچوتىنىڭ ئومۇمىي خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %44.8كە يەتتى؛ تارىختىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولغان كۆپ خىل تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، ئىقتىساد مۇۋاپىق كۆپ خىل بولغان نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادتا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستى؛ خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش يادرولۇق قىممىتى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى... بۈگۈنكى كۈندە، ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ «گۈللەنگەن دەۋردىكى نېلۇپەر گۈلى» تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ بەش يىلدا ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولدى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال قاتناشقانلىقىدىن بولدى، بۇلارنى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن، ۋۇجۇدقا چىقارغان.» ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» دۆلەت، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ياخشى تۈزۈم. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا قەتئىي ئىشىنىپ، پۇختا يولغا قويساقلا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، مەركەز داۋاملىق تۈردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتمەسلىككە، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش. 25 يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىنى ئاۋمېننىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى. ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 23- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇشتىن «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى»غا سىستېمىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن- تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە؛ باش مەمۇر سايلىمى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمى قاتارلىق جەريانلاردا «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش تەربىيە خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش ئەنئەنىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقىچە... «بىر دۆلەت» پىرىنسىپى قانچە مۇستەھكەم بولغانسېرى، «ئىككى تۈزۈم» ئەۋزەللىكى شۇنچە نامايان بولدى. «بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم»نىڭ پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغاندىلا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچۈن چەكسىز كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ياراتقىلى بولىدۇ.

25 يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئاۋمېننى ئالقىنىدىكى مەرۋايىت بىلىپ، باشتىن- ئاخىر ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇپ، باشتىن- ئاخىر ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىنى ئەڭ چوڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. بۇ، ئاۋمېننىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭىشىشى، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئۇدۇللىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىش داۋامىدا ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، جەزمەن ئاۋمېننىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەش شانلىق سەھىپىسىنى سىجىل پۈتكىلى بولىدۇ.

جىڭخەينىڭ يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتى تولۇپ تاشتى، دولقۇن يېرىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندى. يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدە، ئاۋمېن يەنىلا ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە، يەنىلا تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. مەركەزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولغاندىلا، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى چوقۇم تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ، ئاۋمېن چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، ئاۋمېننىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد زور!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125