ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەيلى
10:44:25 2024-12-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم؛ نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىم نۇقتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: «پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

يېڭى دەۋردىن بۇيان، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتالىشىمىزدىكى سەۋەب، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مەنزىل ئېچىشىغا تاياندۇق. ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەر، ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى خىرىسلار بولۇپ، تىرىشىش ئارقىلىق يەڭگىلى بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرغاندىلا، چوقۇم كۆزلىمە نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا قارىتا بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەر، يەنى توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي جازالاش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، كۆزلىمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش مەقسەت قىلىنغان. تۆۋەندە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى مىسالغا ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، تولۇق ئېچىۋېتىلگەن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش كېرەك، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي تىرەك ۋە ئىچكى تەلەپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تۈزۈشتىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش ئومۇمىي خىزمەت لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولۇۋاتقان سىياسەت- تەدبىرلەرنى مەركەزلىك رەتكە سېلىشتىن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا نامۇۋاپىق ئارىلىشىش قىلمىش- مەسىلىلىرىنى تۈزەش ۋە تىپىك دېلو مىساللىرى بويىچە چاقىرتىپ سۆزلىشىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقىچە، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسەت- تەدبىرلەر كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشتا قەدەمنى پۇختا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇندى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىي بولۇشتا، ھەرىكەت تېز بولۇشى، تەدبىر ئەمەلىي بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ھەم ئۇنى «ھەممە ئىشتا كۆڭۈلدە سان بولۇش»تىن ئىبارەت ھەرىكەت كۈچىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، چىڭ تۇتۇپ تېز بېجىرىش كېرەك، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

ۋەزىيەت قانچىكى مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچىكى مۈشكۈل بولغانسېرى، شۇنچىكى ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىشى، مەبلەغ جەلپ قىلىشىغا دائىر قانۇن- نىزام، تۈزۈملەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئامىل بازىرىنىڭ تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كۆزدە تۇتۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ چىقىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ھەم مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرى، ھەم يەرلىك قورۇقچىلىق، بازارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق توسالغۇلارنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تۈگىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتى مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى.

ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن تەدبىر، مەسىلەن، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىق. تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىدىن قارىغاندا، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىچكى قىسىمدا رىقابەتلىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، كاپىتال بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ يولغا قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە دىققەت ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن. يىغىننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەرگە كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كېتىدىغان، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولمايدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشمايدىغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمىنى باھالاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ھۆججەت ۋە يىغىنلاردىلا قۇرۇق يەتكۈزۈلۈش داۋامىدا مەۋھۇملىشىپ قېلىشى، ئەمەلىيلەشمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا، يەنە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، ئومۇمىيەت قارىشىنى كۈچەيتىش ھەممىدىن مۇھىم. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېما خاراكتېرلىك ئىسلاھات بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇمات بازىرىنى يېتىلدۈرۈشتىن شەھەر- يېزا بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇش يېرى بازىرىنى بەرپا قىلىشقىچە، يەنە ئادىل رىقابەتلىشىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ بازاردا ئادىل رىقابەتلىشىشكە قاتنىشىشىدىكى بوسۇغىنى سىجىل يوقىتىشقىچە... سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى كۈچەيتىلىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازارنى ئايرىۋېتىشنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش داۋامىدا تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بازار مۇھىتى يارىتىلدى.

ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇمىيەت ئاساسىدا پىلانلاش، ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ تەدبىر بەلگىلىگەندە، چوڭ چوتنى كۆپرەك سوقۇپ، چوڭ ھېساباتنى كۆپرەك قىلىشى، كىچىك چوتنى ئازراق سوقۇپ، كىچىك ھېساباتنى ئازراق قىلىشى كېرەك. تار مەھكىمىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، سىياسەت تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش پۈتكۈل جەريانىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە قارىتا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تارماقلار ماسلىشىش، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئارىلىقتىكى توسالغۇلارنى يوقىتىپ، سىياسەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقىنىمىزدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125