ئادىل ئابلىز
20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، غەربىي شىمال مىللەتلەر شۆيۈەنىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلالىغان ساۋاقداشلارغا ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتىم، ئۇنى ئىنتايىن كاتتا ئىش دەپ قارايتتىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭمۇ گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم.
داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن شىنجاڭ مۇزېيى كۆرگەزمە بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىشقا تەقسىم قىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن چوڭقۇر ئۇچرىشىشقا باشلىدىم. ھەر قېتىم پېشقەدەملەرنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىلىرىنى كۆرگىنىمدە، مەندىمۇ يېزىقچىلىققا قارىتا قىزغىنلىق پەيدا بولاتتى. لېكىن ئەينى چاغدا يېزىقچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىم چەكلىك بولغاچقا، پەقەت پېشقەدەملەرنىڭ ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنى يىغىپ ساقلاپ، قايتا- قايتا ئوقۇپ ئۆگىنەتتىم.
20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، مەن «شىنجاڭ قەدىمكى دەۋر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىكى تۆگە» ناملىق ماقالىنى سىناق تەرىقىسىدە يېزىپ، دەككە- دۈككە ئىچىدە شىنجاڭ گېزىتىگە ئەۋەتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ماقالەم ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىندى، گېزىتخانا مۇھەررىرى تېلېفون قىلىپ، مېنى بۇ تۈردىكى ماقالىلەرنى كۆپرەك يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېزىقچىلىققا بولغان ئىشەنچىم بارغانسېرى ئاشتى.
چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى مەزگىللەردىكى ساپال چورا، مىس ئەينەك، فېڭنياۋ نۇسخىلىق كەشتە، خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئاشلىق مەھكىمىسى مۆھۈرى، خەن سۇلالىسى چياڭلار مۆتىۋىرىگە بەرگەن مۆھۈر... بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ھېكايىلەر مېنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا غەربىي يۇرتتىكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشى، ھېسسىياتى، قىزىقىشى، ئىنتىلىشى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىپلا قالماي، يەنە قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرتنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلاشقان، ئالماشتۇرغان، يۇغۇرۇلغان تەرەققىيات يولى نامايان قىلىنغان. مەن بۇلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ماقالە قىلىپ يېزىپ ھەمبەھرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلىدىم.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېنىڭ بىرقانچە مەخسۇس تېمىدىكى ئەسىرىم ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىندى، نۇرغۇن ئىلمىي ماقالەم ئېلان قىلىندى. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىسى قىلىپ يازدىم، بۇلار «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى. مەسىلەن، «شىنجاڭ قەدىمكى دەۋر ساپال چورىلىرى» «جۈنيى گاۋگۇەن مىس ئەينىكىدىن غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىغا نەزەر» «خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ئاياللىرىنىڭ قىز مېلى» «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىرايلىق چاچ تۈگۈنلىرىنىڭ خىلمۇخىل جىلۋىسى» «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ ئوردا قاشتېشى بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان» «شىنجاڭ قەدىمكى دەۋر ئەجدىھا نۇسخىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قاتارلىقلار.
بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئالاقىسى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. غەربىي يۇرتنىڭ قاشتېشى، چالغۇلىرى، ناخشا- ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يىپەكلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، تىل- يېزىقى، قەغەز ياساش تېخنىكىسى، سىرلانغان بۇيۇملىرى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتقا تارقالغان، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى غەربىي يۇرتتا يېتىلىپ، يىلتىز تارتقان.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزلىيەلمەيدۇ، بىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى ئۇلارغا «ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى»لەر، شىنجاڭ گېزىتى بولسا مېنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىلىرىنى چوڭقۇرلاپ بايان قىلىدىغان سەھنەم بولۇپ كەلدى. مەن داۋاملىق تۈردە بۇ سەھنىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى چۈشىنىش، تارىخنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
(ئاپتور: شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي تەتقىقاتچىسى)