تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
21:20:03 2024-12-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

 ما شىڭرۇي كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ۋاڭ مېڭغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى

 جاڭ خۇڭسېن، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

12- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات − تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جىڭۋېي ما شىڭرۇي خەلق سەنئەتكارى، داڭلىق يازغۇچى يولداش ۋاڭ مېڭغا «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى. كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى»نى تارقىتىپ بەردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات − تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپات باھالاش خىزمىتىنى تاماملىدى، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جىڭۋېي ما شىڭرۇي، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇڭسېن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىچى- سىرتى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى كېچىلىكى»نى بىللە ئۆتكۈزدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

 شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا چىراغلار چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى، سەھنىدىكى «تىيانشان تېغى»نىڭ شەكلى كۆركەم، ئۆزگىچە ئىدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى «تىيانشاندا ياڭرىغان ناخشا» ناملىق شادىيانە باشلىنىش ئۇسسۇلى بىلەن باشلاندى.

 تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تەدبىرى. تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا خەلق سەنئەتكارى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى بېرىلدى. «باشقىلارنىڭ گۈلخانى» «ئانا دەريا بويىدا» «بەيشۈيتەي» «جاڭ دېيى شېئىرلىرىدىن تاللانما» «جوۋ تاۋ نەسىرلىرىدىن تاللانما» مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «كۆكتوقايدا ئۆتكەن ئىشلار» «مەن ئەزەلدىن دۇنيا بىلەن بۇنداق ئەپ ئۆتۈپ باقمىغان» «كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي» «ئەسلىمەمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىشلار» ۋە «جيېيوۋ چارۋىچىلىق مەيدانى خاتىرىسى» نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئون ئەسەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا رومان، پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمى، شېئىرلار توپلىمى، نەسىرلەر توپلىمىغا تەۋە.

 قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، ما شىڭرۇي يولداش ۋاڭ مېڭغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇكاپاتلاش سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋاڭ مېڭ پىشقان، كۈچلۈك قەلىمى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەبىئەت گۈزەللىكى، ئادىمىيەت گۈزەللىكى، تارىخىي گۈزەللىكى، ئىتتىپاقلىق گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ، ئەدەبىياتنىڭ شىنجاڭنى بايان قىلىشىنى تەڭداشسىز ئۈلگە كۈچى بىلەن تەمىنلىدى. ۋاڭ مېڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈمىدۋار، ئاق كۆڭۈل، جاسارەتلىك، سادىق پەرزەنتلىرى. شىنجاڭ خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىش سەھىپىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شانلىق خاتىرىسى. ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭنى داۋاملىق مەدھىيەلەيمەن.

 جاڭ خۇڭسېن، ئەركىن تۇنىياز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىلىرى، نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىلىرىغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. ھەربىر نادىر ئەسەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى سەلتەنەتلىك داستانى پۈتۈلگەن؛ ھەربىر مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىدا، ھەر مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن.

 جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن جىڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن مۇراسىمدا سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئەدەبىياتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەم شىنجاڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلغانلىق ۋە مۇكاپاتلىغانلىق، شۇنداقلا يېڭى مەزگىلدىكى شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىگەنلىك ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە تۇرماقتا، كەڭ يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، گۈزەل تاغ- دەريالار ۋە بىپايان قۇملۇقلاردىن ئىلھام ئېلىپ، قويۇق تارىخ ۋە ئادىمىيەتنى چۈشىنىپ، ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يازما ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان خەلق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 «بارچە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان شىنجاڭ» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇلغا ئەگىشىپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

 قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئەزىز مېھمانلار، باھالىغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئەدەبىيات- سەنئەت تەشكىلاتلىرى ۋە ياش يازغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125