ما شىڭرۇي باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى
21:35:57 2024-12-21 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ما شىڭرۇي باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى

 سىياسىي كېڭەش تەكلىپلىرىنى بېجىرىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 12- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۆزى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدىكى سىياسىي كېڭەش تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر سىياسىي كېڭەشنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە باش بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت سۈپىتىدە پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىدا، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار ئەزالار بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى سۇندى. ما شىڭرۇي يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 25 ئورۇن بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بېجىردى.

 دوكلات يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئايرىم- ئايرىم دوكلات قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، جۇڭگو دېھقان- ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى تەكلىپ بېرىش جەريانى ۋە بېجىرىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆز قىلدى، پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئالغا سىلجىتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت زور ئىجادىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال قاراتمىلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن قىلچە ئېغىشماي، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11-  ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى جەمئىيەتتە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆگىنىش، قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئارىلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدىكى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر باش بولۇپ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سەۋىيەسى ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كېڭىشىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125