ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، بۇ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا ياخشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك تۆت مۇھىم تەجرىبىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
«خاۋجياڭ ھېكايىسى»نىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى، «گۈللەنگەن دەۋردىكى نېلۇپەر گۈلى» قالتىس پورەكلەپ ئېچىلدى. ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى 25 يىل ئاۋمېن تارىخىدىكى تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، تەرەققىيات سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەزگىل بولدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاشقى ھەمكارلىق سىجىل كېڭەيتىلىپ، ئاۋمېن تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىلدى، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا نەزەر سالساق، نېگىزلىك قانۇننىڭ 23- ماددىسىغا دائىر قانۇن چىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشتىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن- تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى سىستېمىلىق ئورنىتىشقىچە، ئاندىن يەنە باش مەمۇر ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشى سايلىمىدا «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1999- يىلىدىكى 51 مىليارد 900 مىليون ئاۋمېن يۈەنىدىن كۆپىيىپ 2023- يىلىدىكى 379 مىليارد 500 مىليون ئاۋمېن يۈەنىگە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپىيىپ 69 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، ساغلام، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش پۇختا، كۈچلۈك بولدى. تاشقى ئالاقىگە نەزەر سالساق، قاتناشقان خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپاراتلارنىڭ سانى كۆپىيىپ 190دىن ئېشىپ، 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن مۇقىم ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، دۇنيادىكى «دوستلار چەمبىرىكى» بارغانسېرى زورىيىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئالقىنىدىكى ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ مەرۋايىتتا سىياسەت راۋان، خەلق ئىناق، بايلىق مول، خەلق باياشات بولۇپ، نامى پۈتۈن دۇنياغا تارىلىپ، خەلقئارا چوڭ شەھەر «ئالتۇن نام كارتىسى» ئۈزلۈكسىز جۇلالاندى.
ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەركەز ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خاۋجياڭغا رىشتە باغلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېنغا «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى يۈكلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاۋمېننى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
25 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئاۋمېن بىر كىچىك شەھەردىن تەرەققىي قىلىپ خەلقئارا داڭلىق شەھەرگە ئايلىنىپ، دۇنياغا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيەتنىڭ «يولغا قويۇشقا بولىدىغان، قىلغىلى بولىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان»لىقىنى ئىسپاتلىدى. «ئەگەر سىز 20 يىل بۇرۇن، 15 يىل بۇرۇنلا ئاۋمېنغا كېلىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئىزچىل ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيتتىڭىز»، بۇ، ئاۋمېن داشۆدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسىراتى؛ «ئاۋمېنلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ۋە ئاۋمېنغا بولغان چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىمىز، ئىنتايىن بەختلىك ھەم تولىمۇ مىننەتدارمىز!» بۇ، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان قايىللىقى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ياخشى تۈزۈم، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ياخشى تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تۈزۈم، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»قا مۇجەسسەملەنگەن تىنچلىق، سىغدۇرۇشچانلىق، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت قىممەت ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ بولۇپ، ئورتاق قوغداشقا ئەرزىيدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت مۇھىم تەجرىبىدە باش ئورۇنغا تىزىلغىنى دەل «<بىر دۆلەت>تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاش، <ئىككى تۈزۈم>نىڭ پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش.» يىلتىز چوڭقۇر بولغاندىلا، ئاندىن يوپۇرماقلىرى باراقسان بولىدۇ، غول مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن شاخلىرى باراقسان ئۆسىدۇ. دەل «بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىككى تۈزۈم» پەرقىگە ھۆرمەت قىلىپ، «ئىككى تۈزۈم» ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئاۋمېننىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر قېيىپ كەتمەسلىكى، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش يېڭى دەۋردىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم بۇرچى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتتە كۈچەش» ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقاندىلا، جەزمەن «ۋەتەن ياخشى بولسا، ئاۋمېن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن قالتىس ھېكايىنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق مىڭلىغان كېمە بەيگىگە چۈشتى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى. دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا ئارتۇقچىلىقلار تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇلدى، كەلگۈسى پارلاق. بىز ئورتاق تىرىشىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)