ناخشا ساداسى ئەڭ ئۇزۇن مۇھەببەت ئىزھارى
10:43:10 2024-12-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋاڭ ياڭ

 ئەگەر ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭدا قانداق مۇقىم ئوقۇشلۇقۇڭ بار ئىدى دەپ سورىسىڭىز، مەن چوقۇم «شىنجاڭ گېزىتى» دەپ جاۋاب بېرىمەن. چوڭلارنىڭ ئىشخانىسىدا بار، قورۇدىكى نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىمۇ بار. مەن گېزىتنىڭ مەخسۇس بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتىم، ئەينى چاغدىكى ئاشۇ بىر چۈشەنگەندەك، بىر چۈشەنمىگەندەك يېزىقلار مېنى نۇرغۇن ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا قەلبىمدە ئەدەبىيات- سەنئەت ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرغان.

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، مەنمۇ بۇنىڭدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم. مەندە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى يوق، يول بويى ئۇستازىم، پېشقەدەملەرگە ئەگىشىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردۈم. تەلىيىمگە مەن ئېرىشكەن ئازغىنە نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ گېزىتى خەۋەر قىلدى، مەسىلەن، مەن ئىجاد قىلغان «ياخشىمۇسىز! ئۈرۈمچى» قاتارلىق يېڭى ناخشىلارنى ئېلان قىلىش، ياش ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش، شىنجاڭ ناخشىلىرىنى ئېلىپ خەلقئارا مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش، ھەمدە ئاۋسترالىيەگە بېرىپ جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت ئالماشتۇرۇش، كېڭەيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار. بۇ خەۋەرلەردە مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزنالىرىم خاتىرىلىنىپلا قالماي، يەنە مېنى سەنئەت ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇشقا يېتەكلىدى.

 2022- يىلى يازدا، مېنىڭ «ئوبرازىم»دا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولدى، مەن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئوقۇرمىنى، خەۋەر قىلىش ئوبيېكتىدىن بىر قاتناشقۇچىغا ئايلاندىم. گېزىتخانىنىڭ بىر مۇخبىرى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ گېزىتى ئىشلىگەن «يىپەك يولىدىكى گۆھەر» ناملىق چاتما كارتون فىلىم ئۈچۈن بىر باش تېما ناخشىسى ۋە MV ئىجاد قىلىپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلدى.

 مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن ناخشا ئىجاد قىلىش مەن ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان تېما. گېزىتخانا مۇخبىرى يازغان ناخشا تېكىستىنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، مەن ۋە مۇزىكا ئىشلىگۈچى، تەييارلىغۇچى، ناخشا ئېيتىدىغان ھەمراھلىرىم ھەممىمىز سەل گاڭگىراپ قالدۇق. بىر مودا ئۇسلۇبتىكى ناخشىنى كىمخاب، يازما پۈتۈك، مىس ئەينەك، يىپەك كىيىم، تۇر قاتارلىق سۆزلۈكلەرگە ئېلىپ كىرىش بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن بىر جەڭ ئېلان قىلىش ئىدى. بىز ناخشا تېكىستىدە تەسۋىرلەنگەن تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، مۇخبىر بىلەن شىنجاڭ مۇزېيىغا بېرىپ ئاشۇ ھەقىقىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلار مەيدانغا كەلگەن دەۋر ھەمدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئىگىلەپ، تەلەپپۇز تۇيغۇسىنى ئاز- ئازدىن ئىزدىدۇق.

 يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلەش، لېنتىغا ئېلىش ۋە تەييارلاش ئارقىلىق، «دوستۇم گېپىمنى ئاڭلا» ناملىق بۇ MV ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئىنكاس قوزغىدى، بۈگۈنگە قەدەر «يىپەك يولىدىكى گۆھەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كارتون مەھسۇلاتىنىڭ ئاخىرقى مۇزىكىسى سۈپىتىدە قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت مېنىڭ تەلىيىم ۋە ئىپتىخارىم، شىنجاڭ گېزىتى ماڭا ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى، تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدۇردى.

 بىر ناخشىچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناخشا ساداسى ئەڭ ئۇزۇن مۇھەببەت ئىزھارى. مەن كەلگۈسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ياخشى كۆرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشنى ھەم شىنجاڭ گېزىتى سۇپىسى ئارقىلىق كېڭەيتىپ نامايان قىلىشنى، شۇنداقلا پۇرسەت بولسىلا ناخشام بىلەن ئامما ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەربىر قۇرغۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 بىزنىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشىغا، ئەدەبىيات- سەنئەت غايىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن تېخىمۇ كۆپ ياش ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ يەردە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، ھاسىلاتقا ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، تېخىمۇ چوڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تىلەكداشمەن.

 (ئاپتور: شىنجاڭلىق مۇزىكانت، شىنجاڭ ياش ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125