«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتايلى
10:54:22 2024-12-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

 خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

 ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ: بىرىنچىدىن، «بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش كېرەك، ئىككىنچىدىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئۈچىنچىدىن، خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى جەھەتتە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، تۆتىنچىدىن، يادرولۇق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئىناق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 بۇ تۆت مۇھىم تەجرىبە ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئورگانىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ۋە ئەمەلىيەت يېتەكلەش رولىغا ئىگە. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاش، «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش شياڭگاڭ، ئاۋمېن تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى ۋە ئاچقۇچىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش شياڭگاڭ، ئاۋمېن تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە مۇقەررەر تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، تاشقى جەھەتتە تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش شياڭگاڭ، ئاۋمېن تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى ۋە مۇقەررەر يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ يادرولۇق قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سىغدۇرۇشچان، ئىناق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش شياڭگاڭ، ئاۋمېن تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ۋە كۈچلۈك تىرىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز بۇ تۆت مۇھىم تەجرىبىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھى ۋە مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتمەسلىككە، تەۋرەنمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، قېيىپ كەتمەسلىككە، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 «يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»، بۇ تەجرىبە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىزاھلىغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز بۇنى مىسال قىلىپ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

 رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى، خەۋپسىزلىكنى قوغداش ۋە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئوخشاشلا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك.» نۇرغۇن پاكىت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ قالالمىساق، چىڭ ساقلىيالمىساق، تەرەققىيات ئىمارىتى تەۋرەپ سىلكىنىپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى، ئامان- ئېسەنلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت، بۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەۋرىنىشكە بولمايدىغان پىرىنسىپ.

 ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇپ، ئەزەلدىن ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا تەۋرىنىپ قالمىدى، ئەزەلدىن سىرتنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن گاڭگىراپ قالمىدى. 2009- يىلى نېگىزلىك قانۇننىڭ 23- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاۋمېندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى تۈزۈلدى؛ 2018- يىلى باش مەمۇر رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئالغان ئالاھىدە مەمۇرىي رايون دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كومىتېتى تەسىس قىلىندى؛ 2023- يىلى ئاۋمېندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى؛ ئۇدا يەتتە يىل «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى... دەل دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇل تاش سىجىل پۇختىلانغاچقا، ئاۋمېن ئاھالىلىرى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىيەلىدى، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ياخشى خەۋپسىزلىك مۇھىتى ۋە پۇختا تىرەككە ئىگە بولدى.

 ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ بولۇپ، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن- تېخنىكا بىخەتەرلىكى، يېڭىچە ساھە بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يۆنىلىشتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈزۈم ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

 تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى باش ئاچقۇچ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يارىتىشتىكى باش تۇتقا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋمېن دىققەتنى «بىر مەركەز، بىر سۇپا، بىر بازا» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «4 + 1» ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىيات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساياھەت- ئىستىراھەت كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئومۇمىي ساغلاملىق كەسپى، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، كۆرگەزمە- سودا ھەم مەدەنىيەت- تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى ئومۇمىي ساغلاملىق كەسپىنى ئېلىپ ئېيتساق، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن تەتقىقاتى ھەم سۇپا ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشىدىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىقىدىكى جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكى پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىشىغىچە، يەنە ئاۋمېن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىپ تىجارەت باشلىشىغىچە، ئومۇمىي ساغلاملىق كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، توپلىنىش ۋە يېتەكلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

 ئاۋمېن ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان سىرتقا يۈزلەنگەن مىكرو ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايلىق ئامىلىنىڭ چەكلىمىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش − تۈپ چىقىش يولى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە تۆت تۈرلۈك ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىرىنچىسى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاۋمېننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، لاتارېيەدىن باشقا كەسىپلەرنىڭ ئاۋمېننىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %61.7كە يېتىپ، لاتارېيە كەسپىدىن ئىبارەت «بىرلا كەسىپ زورىيىش» ۋەزىيىتى تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە، بولۇپمۇ «ئاۋمېن ئىلىم- پەن 1- نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھ جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، ئاۋمېننىڭ قاتتىق يادرولۇق يۇقىرى پەن- تېخنىكا نام كارتىسىغا ئايلاندى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى بىلەن ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان، قائىدە چوڭقۇر جىپسىلاشقان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز ياراتقاندا، چوقۇم ئاۋمېننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاۋمېن ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

 «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، يېڭى دەۋردىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى يېڭى مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالماقتا. بىز ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر نۇرىنى چېچىشىغا، يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125