مەلۇمات جەدۋىلى ئازايتىلدى، غەيرەت ئاشۇرۇلدى
11:54:06 2024-12-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گاۋ ۋا

 ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %45كە يەتتى! بۇ يىل غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 3- زاۋۇتى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ماتېرىيال، مەلۇمات جەدۋىلى، ھېسابات دەپتىرىنى زور سالماق بىلەن ئىخچاملىدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىركەت خادىملىرى مۇنداق بىلدۈردى: «مەلۇمات جەدۋىلى زور دەرىجىدە ئازايتىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىز بىلەن نەق مەيدانغا ئاتلىنىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بولدۇق».

 ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىدىغان يولداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ مەلۇمات جەدۋىلى تولدۇرۇش، ماتېرىيال يوللاش كەچۈرمىشى بار. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشى تۈرلۈك دوكلات، خۇلاسە ماتېرىياللىرى، ئۇچۇر جەملەش جەدۋەللىرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ جىددىي لازىم بولىدىغان ۋاقىت. مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش بولغان ماتېرىياللارنى ھەمىشە بۇ تەرەپ مەلۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ تەرەپ يەنە مەلۇم قىلىدۇ، ئەسلىدە زېھنىي كۈچى ۋە ۋاقتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ پۇت- قولىنى ماتېرىيال جەدۋىلىدىكى شەكىلۋازلىق چۈشەپ قويىدۇ.

 مەلۇمات جەدۋىلى بەك كۆپ بولۇش، سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكا مېخانىزمى تاكامۇللاشماسلىق، تارماقلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر راۋان بولماسلىق، ھەمبەھرىلىنىش كەمچىل بولۇشتەك سەۋەبلەر بار، لېكىن يىلتىزى يەنىلا شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق. ئەمەلىيەتتە، بەزىلەر يۇقىرىدىكىلەرگە ئىپادە بىلدۈرۈشكە بېرىلىپ كېتىپ، تۆۋەندىكىلەرگە مەسئۇل بولماي، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئويلاشماي، مەلۇمات جەدۋىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ماتېرىيالنى سىياسىي نەتىجە قىلىشنىلا ئويلايدۇ. بۇ خىل پىسخىكا ۋە قىلمىش ئاساسىي قاتلامنى قىيناپلا قالماي، يەنە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ.

 ئەلۋەتتە، مەلۇمات جەدۋىلىنى ئىخچاملاش مەسئۇلىيەتنى ئازايتقانلىق ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، زۆرۈر بولمىغان خىزمەت يۈكىنى ئازايتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، زېھنىنى ئەمەلىي ئىشلەشكە سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 3- زاۋۇتى%45 مەلۇمات جەدۋىلىنى ئىخچاملاپ ئەلالاشتۇردى، ئىخچاملانغىنى مىقدار، كۆزلەنگىنى سۈپەت، قوشۇلغىنى كۈچ بولۇپ، كۆپ تەرەپ مەنپەئەتلىنىدىغان بىر قېتىملىق ئىزدىنىش دېيىشكە بولىدۇ.

 مەلۇمات جەدۋىلى ئازايتىلىپ، غەيرەت ئاشۇرۇلدى. مەيلى مەلۇمات جەدۋەللىرىنى ئىخچاملاش بولسۇن ياكى تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىنلارنى تۈزەش بولسۇن، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يەنىلا خېلى چوڭ ئاشۇرۇش بوشلۇقى بار. پەقەت شەكىلۋازلىقنى ھەقىقىي تۈگىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، خاتىرجەم ئىشلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

 («سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125