رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلدى
12:10:29 2024-12-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

 12- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، كىشىلەر ئەدەبىيات نامى بىلەن تىيانشان ئېتىكىدىكى گۈزەل ئۈرۈمچىگە جەم بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 شىنجاڭ ئەدەبىياتى تىيانشاندا قەد كۆتۈردى. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بۇ ئەڭ ئالىي شەرەپ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ يەنە ئاتلىنىشىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، كۈچلۈك مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئەدەبىيات- سەنئەت دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى، دەۋر روھىنىڭ مەشئىلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئەسلىي ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەشكىللەش خىزمىتى مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم دەۋر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئالاقىدار تارماقلار پائال قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىپ، كۈچلۈك تۈزۈم يېتەكچىلىكى ۋە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ «ئېگىزلىك»تىن «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

 ليۇ لياڭچېڭنىڭ «بېنبا» ناملىق ئەسىرى 11- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، لى جۈەننىڭ «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك»، فېڭشوۋنىڭ «غەربىي سەددىچىن سېپىلى» ناملىق ئەسىرى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى»، روزى گۈلباينىڭ «گۈل ئەبەدىي شۇنداق قىزىل» قاتارلىق ئەسەرلىرى تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. لى جو، ئىلتەمىر پەرھات قاتارلىق يېڭى ئەۋلاد يازغۇچىلار نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈردى...

 شىنجاڭ ئەدەبىياتىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر تۈركۈم دەۋر كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، تەبىئەت گۈزەللىكى، تارىخ گۈزەللىكى، قەلب گۈزەللىكى نامايان قىلىنىپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» مەدەنىيەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، يېڭى دەۋر ئەدەبىيات- سەنئىتىدە رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلدى.

 دىققەتنى دەۋرگە مەركەزلەشتۈرۈش

 كۈچلۈك قەلەم قۇۋۋىتى مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتتى

 تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە، نام چىقارغىلى ئۇزاق بولغان داڭلىق يازغۇچىلار، چېگرا رايوندا نەچچە ئون يىل يىلتىز تارتقان بىڭتۇەن يازغۇچىلىرى بار، يەنە يايلاقتىن كەلگەن چارۋىچىلىق رايونىدىكى قىزچاق، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈرىدىغان خاتىرىلىگۈچىلەر بار، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

 «تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ تۇنجى نەشرىنىڭ يىل چېكى 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ ئون يىل يەنە شىنجاڭ ئەدەبىياتى يۇقىرى پەللىگە قاراپ ماڭغان، ئېگىزلىككە يۈرۈش قىلغان ۋاقىت بۆلىكى بولۇپ، زور بىر تۈركۈم پىشىپ يېتىلگەن ھەر مىللەت يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى» دېدى تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ لياڭچېڭ.

 دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، شىنجاڭ ئەدەبىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ يازغۇچىلار ئەدەبىيات- سەنئەت بۇرچىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق دەۋر ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى.

 بۇ يەردە تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا غايە نۇرىغا تولغان دۆلەت مۇھەببىتى بار. دۇڭ لىبونىڭ «كۆكتوقايدا ئۆتكەن ئىشلار» ناملىق رومانىدا، 70 يىل ئىلگىرىكى بىر ئەۋلاد ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈرەش قىلغانلىقى، بارلىقىنى بېغىشلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئەڭ كۈچلۈك دەۋەت قىلالايدۇ.

 بۇ يەردە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك ماكاننى چىن ھېسسىيات بىلەن ئىنچىكە كۆزىتىش بار. يازغۇچى ئېركەش قۇرمانبېكنىڭ «بەيشۈيتەي» ناملىق ئەسىرىدە، ئوراي ئېسىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسلىق بايان ئوبيېكتى قىلىنىپ، تۆت پەسىل ئالمىشىش جەريانىدىكى شىنجاڭ چارۋىچىلىق رايونى تۇرمۇشىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان.

 بۇ يەردە خەلقنىڭ قايناق تۇرمۇشى يېزىلغان تەسىرلىك ھېكايىلەر بار. يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «باشقىلارنىڭ گۈلخانى» ناملىق ئەسىرىدە، تەرجىماننىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق رېئال تۇرمۇش «گۈلخانى» يېنىدا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى تەسۋىرلەشنى يېقىملىق، تەسىرلىك ھېكايە ئۆرنىكى بىلەن تەمىنلىدى.

 نۇرغۇن يازغۇچى چەت- يىراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىلاردىن كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتنىڭ كەڭ تۇپراقتا يىلتىز تارتىش، تۇرمۇشنى جۇلالاندۇرۇشتەك ئاددىي تەرىپى تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن. جوۋ جىخۇينىڭ «جيېيوۋ چارۋىچىلىق مەيدانى خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى 16 يىللىق تۇرمۇشى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئالتاي ئەدەبىي ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى قىلىنغان. يازغۇچى لى جيەننىڭ «كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي» ناملىق ئەسىرىدىكى مورى دەرياسى بويىدىكى جىلغا، شائىر جى ئېرنىڭ «مەن ئەزەلدىن دۇنيا بىلەن بۇنداق ئەپ ئۆتۈپ باقمىغان» ناملىق ئەسىرىدىكى كۈسەن قەدىمىي جايىمۇ پۈتمەس- تۈگىمەس ھېكايىلەر كانى ھېسابلىنىدۇ.

 سامانيولىدىكى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مىراسلىرى خۇددى «مەنبەلىك سۇ»غا ئوخشاش شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىنى بېيىتماقتا، بىر تۈركۈم ئەسەرلەر ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 ليۇ لياڭچېڭ «جاڭغىر»نى تۇپراق ۋە يەلكە قىلىپ، «بېنبا» ھېكايىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قەدىمكى قەھرىمانلىق ئېپوسىنى يېڭى سەھىپىگە ئىگە قىلدى؛ «گۈل مەڭگۈ مۇشۇنداق قىزىل» ناملىق ئەسەر ئاپتور روزى گۈلباي «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىنونىڭ شۇ ناملىق قىستۇرما مۇزىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ يازغان يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيە ناخشىسىدۇر؛ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياغاچ جابدۇقلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ياش يازغۇچى سەي مياۋنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بولغان بىر قېتىملىق مەركەزلىك توپلىشى ۋە رەتلىشى ھېسابلىنىدۇ...

 بۇ يازغۇچىلار ۋە ئەسەرلەر ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شىنجاڭ تۇپرىقىدىن ئوزۇق ئالغان، بۇ خىل ئوزۇق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدىن كەلگەن، بۇ تۇپراقتىكى تاغ- دەريا، ئېقىنلارنىڭ تۈسىنى ئالغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدا بارلىققا كەلگەن مول مەدەنىيەت ھالىتىدىن نەپ ئالغان.

 مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش

 بارچە گۈللەر بەس- بەستە تېخىمۇ خۇش پۇراق، رەڭگارەڭ ئېچىلدى

 جۇڭگو ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدا شىنجاڭ ئەدەبىياتى ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە.

 شىنجاڭ دۇنيادىكى «تۆت چوڭ مەدەنىيلىك سىستېمىسى» كېسىشكەن جايدا بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن بولۇشى شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ خىللىقنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئەدەبىيات سەھنىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىچە ھەيران قالارلىق ۋە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئىگە قىلدى.

 بۇ ھەيران قالارلىق ۋە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قەيەردىن كەلگەن؟

 بۇ يەردە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى بار. لى بەي، ۋاڭ ۋېي، سېن شېن قاتارلىق زور بىر تۈركۈم شائىرلار «تىيانشاندىكى تولۇن ئاي» «قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس- تۈتەك» «بۈگۈردىكى قارلىق كېچە» قاتارلىق كىلاسسىك بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقان، قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» «جاڭغىر» ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىلىپ كەلمەكتە. سان- ساناقسىز رىۋايەتلەر، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھېكايىلەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدىغان قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەۋلادمۇئەۋلاد خەلق رىشتى بار. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ياشاپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردە يىلتىز تارتىپ، قان تومۇرلارغا سىڭىپ، روھقا سىڭىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك روھىي قىياپىتىگە ئايلاندى. كۆپ مىللەت يۇغۇرۇلغان، كۆپ دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت سىغدۇرۇشچان بولغان تارىخىي تومۇر ۋە رېئال مۇۋەپپەقىيەتلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئىتتىپاقلىق مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىشتىكى جانلىق خام ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ يەردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشتىكى ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىيەت بار. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، راۋاجلاندۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كەڭ ئىستىقبالى نامايان قىلىندى. گۈزەل مەنزىرە، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى بۇ بىپايان تۇپراقتىكى ئەڭ تەسىرلىك يېڭى دەۋر مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى پۈتمەس- تۈگىمەس مەنبە ئېقىن سۈيى بىلەن تەمىنلىدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى گۈللەندۈردى ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرگە بولغان رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت بويىچە يۆلەش، رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى (2023- يىلى ئۆزگەرتىلگەن)» «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېلىشىم ئىمزالىغان يازغۇچىلارنى ئىجادىيەت بويىچە يۆلەش ۋە تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى چىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت گۈللەنگەن، راۋاجلانغان ياخشى مۇھىت ياراتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىدە، 2020- يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى ئەدەبىيات- سەنئەتنى يۆلەش- رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىدىن 30 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات- سەنئەت تۈرلىرىنى ئىجاد قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىشنى قوللىدى. تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ھەربىرى 500 مىڭ يۈەن، ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ھەربىرى 100 مىڭ يۈەن، «كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.

 2011- يىلى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسلىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، كۆپ مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ جەمئىي 357 پارچە ئەسىرى نەشر قىلىندى، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى 200گە يېقىن نادىر ئەسەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ «داڭلىق يازغۇچى» «نادىر مەھسۇلات» «داڭلىق ئەسەر» پىلانى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن بىر تۈركۈم يېڭى دەۋر ئەدەبىيات ئەمەلىيىتى نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنىپ، يازغۇچىلار يېزىق ئۈستىلىدىن ئايرىلىپ، كۇتۇپخانىدىن چىقىپ، خەلق ئارىسىغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.

 ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىشتا ئىختىساسلىقلار ئاساس، قوشۇن ئاچقۇچ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، ھەرقايسى ئەدەبىيات- سەنئەت تۈرلىرى بويىچە «1000 كىشىلىك چوڭ تەربىيەلەش» داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىدىن 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەربىيەلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات- سەنئەت تۈرىدىكى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى 15 مىڭ كىشىدىن ئاشتى، ئېتىقادلىق، مېھىر- مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئەدەبىيات- سەنئەت چوڭ قوشۇنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.

 مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بۇ ئەدەبىيات- سەنئەت چوڭ قوشۇنى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، زېھنىنى يىغىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم ئەدەبىيات- سەنئەت باشلامچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. كۆپ مىللەت يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت خىسلىتىنى نامايان قىلدى، ئەدەبىيات- سەنئەت گۈلزارلىقىدا بارچە گۈللەر بەس- بەستە ئېچىلىپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش جانلىق مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەدەبىيات كۈچىنى قوشتى.

 توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش

 ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى

 ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت ساھەسى توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرگە يېتىشىپ ماڭىدىغان نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، بىر قاتار خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى نامايان قىلدى. بولۇپمۇ ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە يېڭى تاراتقۇلار ئەدەبىيات- سەنئەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭى ئەدەبىيات- سەنئەت تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنداقلا ئەدەبىيات- سەنئەت قارىشى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

 بۇ يىل 4- ئايدا، 2023- يىللىق «جۇڭگو تور ئەدەبىياتى بويىچە تەسىر كۈچى تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ تور ئەدەبىي ئەسەرلىرى يازغۇچىسى ليۇ يىچېن (تەخەللۇسى: يى چېنچېن)نىڭ «مەردانە تىيانشان» ناملىق ئەسىرى «مەملىكەت سىرتىدا تارقىلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. «چۆللۈكتە ئېگىز بىنا سېلىشقا قەسەم قىلىمەن! قۇم دېڭىزىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرىمەن!» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بۇ شوئارى ئۇنىڭ يېزىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا كونكرېت نامايان بولدى.

 «يېڭى يازغۇچىلار تىزىملىكى»گە تاللانغان ئىلتەمىر پەرھات (تەخەللۇسى: «تارىخ فاكۇلتېتىدىكى بۆرە») چىديەن جۇڭۋېن تورىنىڭ «كامالەتكە يەتكەن يازغۇچىسى» بولۇپ، ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە چوڭقۇر تارىخ ئاساسىغا تايىنىپ، نەچچە مىليون كىتاب مەستانىسىگە ئېرىشتى، ئەسەرلىرى توردا كۆپ قېتىم ئوقۇش قىزغىنلىقى تىزىملىكىدە 1- ئورۇنغا ئۆتتى.

 ئەدەبىي ئەسەردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم» قالتىس تارقىتىش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈپ، «كىنو- تېلېۋىزىيە + مەدەنىيەت- ساياھەت»نى سىجىل قۇۋۋەت ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى بىلەن كىنو- تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت مىكرو قىسقا تىياتىرىنى ئورتاق يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، «مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا كېچىچە ئۇخلىماي مېڭىش» «تىيانشان تېغىدىكى ئېرىمەس قارلاردەك چوڭقۇر مۇھەببەت» قاتارلىق نۇرغۇن مىكرو- قىسقا تىياتىر ئىجادىيىتى ئارقا- ئارقىدىن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

 بۇ خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى 90- يىللاردا تۇغۇلغان بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشى بار بولۇپ، مەمتىمىن، تاڭ جيالۇ، گۇ شىرۇن، رۇيدو، ما جىۋېن، گۇ يۈشىن، لى زىچى، تاڭ شىڭيى، جاڭ جېن، رەن ئەن قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلار ئارقا- ئارقىدىن ئاساسىي ئېقىم ئەدەبىي ژۇرنىلى ھەم نەشرىياتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار ئەپچىللىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىنچىكە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە كۆپ خىللاشقان بايان قىلىش نۇقتىسى ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنىۋى دۇنياسىنى نامايان قىلىپ، ئۈن- تىنسىزلا شىنجاڭ ئەدەبىياتىدىكى يېڭى كۈچكە ئايلاندى.

 «داڭلىق ئەدىبلەر، ئىختىساسلىقلار بىر يەرگە جەم بولدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە يېڭى دەۋر شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ خىللىقى، موللىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى نامايان قىلىندى.» تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا شۇنچە كۆپ ياخشى يازغۇچى، ئەدەبىي تەنقىدچى، نەشرىيات، يەنە زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات ئوقۇرمەنلىرى بار ئىكەن، بۇ بىرنەچچە مۇھىم ئامىل قوشۇلسا، مۇقەررەر ھالدا ماس قەدەم ھاسىل بولىدۇ، بۇ ماس قەدەملىك نەتىجە دەل تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى بولدى. شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى!»

 ماقالە ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈچۈن، ناخشا بىلەن شېئىر رېئاللىق ئۈچۈن يېزىلىشى كېرەك.

 ھازىر، شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە تۇرماقتا، دەۋردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە، قالتىس ھېكايىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلمەكتە، كۆپ خىل پىكىر گىرەلىشىپ ھەمتۈرتكە بولماقتا، مەدەنىيەت ئامىللىرى ئۇچرىشىپ يۇغۇرۇلماقتا، كەڭ يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، گۈزەل تاغ- دەريالار ۋە بىپايان قۇملۇقلاردىن ئىلھام ئېلىپ، قويۇق تارىخ ۋە ئادىمىيەتنى چۈشىنىپ، ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يازما ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ، سەنئەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان خەلق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125