بالىلارنىڭ نەپەس سىستېمىسى يۇقۇملانسا ھەمىشە قىزىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى قانداق قىلغاندا بۇنىڭغا ئىلمىي تاقابىل تۇرالايدۇ؟
نەپەس سىستېمىسى يۇقۇملىنىشقا قىزىش قوشۇلۇپ كېلىش بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردۇر.
ئائىلە باشلىقلىرى ئالدى بىلەن بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار- يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشى كېرەك:
بوۋاق (ئۈچ ئاي ئىچىدە) قىزىپ قالسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
بارلىق ياشتىكى بالىلاردا قىزىش ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشسا ياكى نەپەس تېزلىشىش، ھاسىراش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، غىزالىنىش، ئۇيقۇ قاتارلىقلارغا تەسىر يەتكۈزسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشكېرەك.
ئائىلىدە كۆزىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش:
ۋىرۇسلۇق يۇقۇملىنىش ياكى مىكوپلازمىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاسانلا يۇقىرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بالىلاردا باشقا پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىسا، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىچكەندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىسە، ھەتتا ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنە ئۆرلەپ كەتسىمۇ، ئالدى بىلەن كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىپ، ئۆيدە يېقىندىن كۆزەتسە بولىدۇ.
ئەگەر قىزىش داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولسا ياكى روھىي ھالەت، نەپەس قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
بالىنىڭ يۆتىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرتۈشتە نورمال چىقسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارىلاشمىسا سوزۇلما يۆتەلگە ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ؟
بالىلاردىكى يۆتىلىش تۆت ھەپتىدىن ئېشىپ كېتىش ياكى تەكرار قىزىش، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. كىلىنىكىدا، بالىلاردىكى يۆتەل تۆت ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە سوزۇلما يۆتەل دەپ ئاتىلىدۇ.
سوزۇلما يۆتەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ناھايىتى كۆپ، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەردىن يۆتەلدىن ئۆزگەرگەن زىققا كېسىلى، نەپەس يولى يۆتەل يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، كىسلاتا خۇمار دانچە ھۈجەيرە خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئاشقازان- قىزىلئۆڭگەچتە تەتۈر ئېقىش كېسىلى قاتارلىقلار بار. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىپ كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى بار، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈشتە پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادە، بەدەن ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ئۆپكە ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ئويلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.
بالا مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، قانداق ئەھۋالدا تالالىق كانايچە ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش كېرەك؟
دوختۇر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىدۇ.
1. كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ دائىرىسى ۋە دەرىجىسى:
ئەگەر CT ياكى كۆكرەك نېگاتېۋىدا بالىنىڭ بىر تەرەپ ياكى كۆپ قىسىم ئۆپكە ياپراقچىلىرىدا نەپەس يولى روشەن توسۇلۇش كۆرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولسا، تالالىق كانايچە ئەينىكىدە بالدۇرراق «راۋانلاشتۇرۇش» زۆرۈر بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.
2. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى:
ئېغىر مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى بالىلار تېنىدە ئاسانلا كۈچلۈك ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر نەپەس يولىنىڭ قىسمەن ياللۇغلىنىش ئىنكاسى كۈچلۈك بولسا، نەپەس يولى دىۋارىنى قايتماس زەخىملەندۈرۈپ، يېپىق خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ئېچىلماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بالدۇرراق تالالىق كانايچە ئەينىكى ئىشلىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز.
قىسقىسى، تالالىق كانايچە ئەينىكى ئىشلەش كېرەكمۇ- يوق، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرنىڭ كونكرېت ھۆكۈم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك.