يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساغلاملىق ئىدىيەسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا كىردى. ئۆرە تۇرۇش ئۇزاق ئولتۇرۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشنىڭ ئوبدان ئۇسۇلى، دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ، ئۇزاق ۋاقىت ئېكران ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ئىشخانا خىزمەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا. لېكىن، ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش چوقۇم ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلاممۇ؟
ئالدى بىلەن خۇلاسە ئۈستىدە توختىلايلى: ناھايىتى ئەپسۇس، جاۋابى: ئۇنداق ئەمەس. ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەشنىڭ گەرچە بەزى پايدىلىق يەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ سىرى، ئەمەلىيەتتە، ئىشلىگەندە قانداق قىياپەتنى ساقلاشتا ئەمەس.
ئولتۇرۇپ ئىشلەشنىڭ ساغلاملىق خەۋپ- خەتىرى
ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ئىشلەشنىڭ سالامەتلىككە بولغان يوشۇرۇن خەتىرى مېدىتسىنا تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى، ھەمدە ھەممىگە ئايان بولدى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلىغاندا، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك، ئىككى تىپلىق دىيابېت ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئولتۇرۇش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزاق بولۇشى ناچار مېتابولىزم كۆرسەتكۈچى، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى ۋە خولېستېرىن سەۋىيەسىنىڭ نورمالسىزلىقى ئوتتۇرىسىدا روشەن باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەن. چۈنكى ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىپ، ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئولتۇرۇپ ئىشلەشنىڭ مۇسكۇل، سۆڭەك سىستېمىسىغا بولغان تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا سۆڭەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇزاق ئولتۇرغاندا ئاسانلا دۈمبە، مۈرە، بويۇن ۋە بەل ئومۇرتقىسى مۇسكۇللىرى چارچايدىكەن ۋە ئاغرىيدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرغاندا، بەلدە يېتەرلىك تىرەك كەمچىل بولۇپ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئومۇرتقا ئېگىلىپ قېلىش ۋە قىياپەت ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىش ۋە تۈۋرۈكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئۇزاق ۋاقىت ئوخشاش قىياپەتنى ساقلىغاندا، مۈرە، بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىپ، مۈرە- بويۇن يىغىندى كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇپ ئىشلەش بىلەن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىمۇ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش خامۇشلۇق كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلى خەتىرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزاق ۋاقىت بەدەن ھەرىكىتى كەمچىل بولسا، چوڭ مېڭىدىكى دوپامىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەشنىڭ ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام بولۇشى ناتايىن
ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش بەدەننىڭ ھەرىكەت سەۋىيەسى ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆرە تۇرغاندا بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئولتۇرۇش ھالىتىدىن سەل يۇقىرى بولۇپ، قان قەنتى سەۋىيەسى ۋە مېتابولىزم ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن. «كەسىپ ۋە مۇھىت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش شەكلىدىكى خىزمەت ئۈستىلىنى ئىشلەتكەندە، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋاقتىنى تەخمىنەن ئۈچ سائەت ئازايتقىلى، قان ئايلىنىشنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرگىلى ھەمدە ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان دۈمبە ۋە مۈرە- بويۇن ئاغرىقىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلى بولىدىكەن.
لېكىن، يېقىندا ئاۋسترالىيە ۋە گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش بەلكىم ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇشتىن بەك ساغلام بولۇشى ناتايىن ئىكەن، شۇنداقلا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن، بۇ تەتقىقات «خەلقئارا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.
تەتقىقاتچىلار ئۆرە تۇرۇش ۋاقتى بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوقلۇقىنى بايقىغان، بۇ ئۆرە تۇرۇش شەكلىدىكى خىزمەت ئۈستىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەت قىياپىتى ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ساغلاملىق مەسىلىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆرە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى قان بېسىمى، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ياخشىلىنىشلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشى ناتايىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشمۇ بەدەن تۇرقى خاراكتېرلىك قان ئايلىنىش كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن، ۋېنا ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ۋېنا ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق خەۋپ- خەتەرلەرنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، نوقۇل ھالدا ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ساغلام ئىشلەشنىڭ سىرى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي
ئەڭ ياخشى ساغلاملىق ئۈنۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ئولتۇرۇپ ئىشلەش ۋە ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش ئەندىزىسىنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈپ قوللىنىشى تەۋسيە قىلىنىدۇ. ئېگىزلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان خىزمەت ئۈستىلىنى ئىشلەتكەندە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىزمەت جەريانىدا قىياپىتىنى جانلىق ئۆزگەرتىپ، ئۇزاق ئولتۇرۇش ياكى ئۇزاق تۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي تەسىرنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. ھەر 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە بىر قېتىم ئولتۇرۇش- تۇرۇش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. سوزۇلۇش ۋە قىسقا ۋاقىت پىيادە ماڭغاندا، ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلىغىلى ھەمدە ساغلاملىق خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆرە تۇرۇش سېلىنچىسىنى ئىشلىتىش ياكى راھەت ئاياغ كىيىش، توغرا قىياپەتنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەسىلەن، ئىككى پۇتنى سەل- پەل ئېگىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىككى پۇتقا تەكشى تەقسىملەشمۇ مۇھىم ساغلاملىق تاكتىكىسىدۇر.
يىغىنچاقلىغاندا، ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەش ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە قارىغاندا بەلگىلىك ساغلاملىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، لېكىن مۇتلەق ئەمەس. ئۆرە تۇرۇش بىلەن ئولتۇرۇش ھالىتىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەش، كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش خىزمەت قىلىش جەريانىدا ساغلاملىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك تاكتىكىسى. خىزمەت مۇھىتى ۋە كۈندىلىك ئادەتنى تەڭشەش ئارقىلىق، ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىشلەش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.