ليۇ لياڭچېڭغا «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى . كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭغا «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى . كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىپ بەردى.
ما شىڭرۇي كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىمەكتە. ئەدەبىيات- سەنئەت ئىرادە تىكلەپ روھنى تاۋلاش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكى ھەر مىللەت زاتلارنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شەخسنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى دۆلەت ۋە مىللەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، قىزغىن ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ۋە خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشنى تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم شىنجاڭدىكى تۇنجى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭغا «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى . كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىپ بەردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ليۇ لياڭچېڭنىڭ «بېنبا» ناملىق رومانى 11- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ، شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ليۇ لياڭچېڭغا «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى . كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى. مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدە، ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىش شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئالىي شەرىپى، ليۇ لياڭچېڭ شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى باشلامچى. كەڭ ئەدەبىيات ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس مەنبەسى قىلىپ، تارىخ، دەۋر، خەلق ئىچىدىن ئەقىل- پاراسەت قوبۇل قىلىپ، تېمىلارنى تاۋلاپ، ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش خىزمىتىنى قوللاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات گۈللىرىنىڭ بەس- بەستە پورەكلەپ ئېچىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
ليۇ لياڭچېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك باھالاپ چىقىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى توپلاپ، كەڭ قورساقلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھالىتىنى نامايان قىلىپ، غايەت زور ئىنكاس قوزغىدى. تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنى شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەدەبىيات كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ جيەنشىن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقامەت، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، سېرك، تېلېۋىزىيە سەنئىتى، مۇزىكا، فوتو سۈرەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.