«شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش
00:17:58 2024-12-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ جىلى

شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقى جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ تۇپراقتا چوڭ تاغ، چوڭ قۇملۇق، چوڭ دەريالار ناھايىتى ھەيۋەتلىك.

شىنجاڭنىڭ مۇھىملىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ «شاھمات كۆزى»، «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن شاھماتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنى كۆزلەپ، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ ئۆزگىرىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ۋەزىيەتنى ئومۇملۇق جەھەتتىن كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق قەدەم ئېلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا.

ئورنىنى بېكىتىش ۋە پىلانلاش:

جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش

جەنۇبىي شىنجاڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىشى بولمايدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى.

2014- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى بېكىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭنى باشتىن- ئاخىر كۆڭلىگە چوڭقۇر پۈكۈپ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ سەمىمىي تاپىلىدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت قاتلىمىدىن بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۈشكۈللۈكى، جەنۇبىي شىنجاڭدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئومۇملۇق يۈكسەكلىكى ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

−ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارغا قايتا- قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى تىپىك ناھىيە رايونلىرىنى «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى» قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر ئۈستىدە سىستېمىلىق ئىزدىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

−ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2023- يىلى ئىككى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنىنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى، يولىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلدى. بۇ يىل 7- ئايدا يەنە قەشقەردە مەخسۇس جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلدى، سالماقنى بارغانسېرى ئاشۇردى، پىلانلاشنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇردى.

−سىستېمىلىق، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8- ئومۇمىي يىغىنىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ سىياسەت سىستېمىسى دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كونا قائىدىلەر بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئالاھىدە ئىشلار ئالاھىدە بېجىرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلدى.

−مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇم.

...

سالمىقى مىسلىسىز بولغان بىر قاتار خىزمەتلەر ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پىكىر يولى يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلدى، نىشان، تەدبىرلەر تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ چىقىش يولى قەيەردە؟

دەرۋەقە، باشقا رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇلى بوش، ئاساسى ئاجىز، تەرەققىياتىدا يېتىشسىزلىك كۆپ، بۇ، ئوبيېكتىپ رېئاللىق.

لېكىن، شۇنى تېخىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تۈرلۈك سىياسەتلەر گىرەلەشكەن، ئېنېرگىيە بايلىقى مول، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، خىزمەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلىشىشى، كۈچنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشى، بايلىقنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور، زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولدى. بۇ، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئۈستۈنلۈكى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ ئەمەسمۇ؟

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىدىيە ۋە قاراشتا ئازاد بولۇپ، مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكى ۋە شارائىتىغا قويۇپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا تېپىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

مۇقىملىق چوڭ ئالدىنقى شەرت. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقچى كۈچىنىڭ بىرىنچى سەپكە مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا مۇداپىئە- تىزگىنلەش تورىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل مۇستەھكەملىدى، كاپالەتلەندۈردى.

تەرەققىيات چىڭ داۋلى. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

كىشى قەلبى تۈپ نۇقتا. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ غايە، ئېتىقاد، ھېسسىيات، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇچرىشىشىغا ئورتاق ئاتلاندى.

تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىش:

زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش

تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئېنېرگىيە بايلىقى ئوخشاشلا مۇھىم تايانچ.

تەكلىماكان قۇملۇقىدا نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقى مول، جەنۇبىي تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغىدا شەكىللەنگەن كان بەلبېغىدا بايلىقلار مول، بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭدا يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە... ھەرقايسى جايلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال سىڭىشىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدە يېڭى مۇسابىقە يولى ئاچتى.

تارىم نېفىتلىكىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق نېفىتلىك- تەبئىي گازلىقلاردا مەھسۇلات مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، غەربىي جەنۇب تارىم شىركىتىنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 8 مىليون توننىدىن ئاشتى، قاغىلىق- گۇما رايونى بۆلىكىدە نېفىت- تەبىئىي گازنى چارلاش، ئېچىش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى، دۇنيا دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قوغۇشۇن- سىنك كېنى − خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئورتوقانىش مانگان كېنى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تېزلىتىلدى. بۇ يىل 6- ئايدا، شىنجاڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈرىدىن 127نى مەركەزلىك تونۇشتۇردى، بۇنىڭ 80گە يېقىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بىپايان قۇملۇقنى چەكسىز «يېشىللىق»قا پۈركىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىكى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، قۇرۇلۇۋاتقان چاقىلىق يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن يېڭىدىن بىر 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى كۆپەيتىدۇ.

...

جەنۇبىي شىنجاڭغا نەزەر سالساق، رايون خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز شەكىللىنىۋاتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ تىرىكى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ.

ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسى توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىقتا ئىش باشلاندى. تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدا «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، تېخىمۇ مۇھىمى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنىڭ روشەن ئىپادىسى.

بۇ يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا جۇشقۇن قۇۋۋەت بولۇپ مۇجەسسەملەندى.

تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2- قارارلىق تۈرى، بايىنغولىن ئوبلاستى لىتىيلىق باتارېيە مۇسبەت- مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيالى تۈرى، قەشقەر 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى تۈرى... 10 مىليارد دەرىجىلىك بىر تۈركۈم تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك موتورى بەرپا قىلىندى.

ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پات ئارىدا تىيانشاننى «تېشىپ ئۆتىدۇ»، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شەرقىي شىنجاڭنى تۇنجى قېتىم «فۇشىڭ» ناملىق ئوق پويىز تۇتاشتۇردى، خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، قاغىلىق مىئېردەي ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاندى... قۇملۇقتا راۋان يوللار ياسىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى كۈنسېرى راۋانلاشتى.

ئاقچى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئېقىن ئوڭۇشلۇق توسۇلدى، چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش، قورغان قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى... جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «سۇ ئىشلىرى»نىڭ سالمىقى تېخىمۇ نامايان بولدى.

يېڭى رېكورتلار جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈزلۈكسىز يارىتىلدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق ئايلانما لىنىيە تۆمۈريولى، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق ئايلانما ئېكولوگىيە توسۇقى، ئاسىيادىكى تۇنجى 10 مىڭ مېتىرلىق تىك قۇدۇق، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى... ھەربىر «ئەڭ» ۋە «تۇنجى»لارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق جاسارەت بىلەن ھالقىش ھېسابلىنىدۇ.

12- ئاينىڭ 9- كۈنى، قونجىراپ پورتى يىل بويى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو- پاكىستان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق پورتى شۇ ئايدا پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، يىل بويى ئېچىۋېتىشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇردى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئېگىزلىكتىكى قونجىراپ پورتىنىڭ ئېچىۋېتىش ھالىتى كۈنسېرى ئاكتىپلاشتى، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قونجىراپ تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان تىرانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى ۋە ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.6، %72.7 ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېچىۋېتىشكە ئائىت خۇش خەۋەرلەر ئارقا- ئارقىدىن تارقالدى. جۇڭگو − قىرغىزىستان بەدەل تاشيول پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى پات ئارىدا تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. سىرتقا ئېچىۋېتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاچماقتا.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى تەسىس قىلىنغان بىر يىلدا، 80 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئەمەلىيلىشىپ، «تۇنجى نۆۋەت، تۇنجى تۈركۈم، تۇنجى يولغا چىقىش» بويىچە 36 تۈرلۈك خىزمەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، «4+6» ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى كۈنسېرى تاكامۇللاشتى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، قەشقەر بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3282گە يېتىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 63 مىليارد 555 مىليون يۈەن ئورۇندالدى.

خەلق تۇرمۇشى ۋە كىشىلەر قەلبى:

ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىش

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەش، مەنىۋى جەھەتتە بىر- بىرىگە تايىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش.

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشتە، جەزمەن كەسىپ «تورت»ىنى زورايتىشقا تايىنىش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتى مول لىتىي، قوغۇشۇن، سىنك قاتارلىق رەڭلىك مېتال بايلىقىغا تايىنىپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلەتتى. كۇنگاڭ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، يىلىغا 600 مىڭ توننا قوغۇشۇن- سىنك تاۋلاش تۈرىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالتە كارخانا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ماكانلىشىپ، 7000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە يېزىلاردا. قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسقا قارىتا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتقان، بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ۋىلايەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 490 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 16 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.

10- ئاينىڭ ئاخىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق لىنىيە − كېلا- جەنۇبىي بۈگۈر قوش لىنىيەسى 2- نومۇرلۇق كىلاپان بۆلۈمىدىن يېڭىمەھەللىگىچە بولغان تۇرۇبا يولى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەر كۈنى 2 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز تاغ- دەريا، قۇملۇقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئوچاق بېشىدىكى كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنىنى ئۇلغايتتى.

11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ يىل سىجىل داۋاملاشقان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى قاپلىغان بۇ تۈر قۇرۇلۇشى قىش كۈنلىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇرغۇن ھارارەت بېغىشلىدى.

كونكرېت، ئەمەلىي بولغان تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۈنسېرى ئۆستۈرۈلدى، بەخت ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى.

بۇ يىل، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭغا بەخت يارىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى چوڭ ئىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى.

خوتەن شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جىجيەن مۇنداق بىلدۈردى: شۆيۈەنىمىزدە مائارىپ پەنلىرى، سانائەت پەنلىرى، تېببىي پەنلەرنى يادرولۇق پەن قىلىپ، مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا قويۇپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز.

بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر داشۆ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىدىن، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى(قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى)نىڭ تۇنجى قارارلىق تولۇق كۇرستا ئوقۇيدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشىغىچە، ئاندىن خوتەن شۆيۈەنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسىس قىلىنىشىغىچە بولغان خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىگە بولغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىش، تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ھەم ئۇلنى پۇختىلايدىغان، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش.

ئەنخۇي تەلەپپۇزىدىكى جىڭجۈ تىياتىرى بىلەن ئون ئىككى مۇقام بىرلىكتە لەرزان ياڭرىدى، شاڭخەي مەدەنىيىتى بىلەن قەشقەر خەلق ئۆرپ- ئادىتى بىر- بىرىنى جۇلالاندۇردى، خاڭجوۋ كەشتىچىلىكى بىلەن قىرغىز كەشتىچىلىكى تەڭ سەھنىگە چىقىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى... جەنۇبىي شىنجاڭدا سەيلە قىلغاندا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «ھەممە جاينى باھار تۈسىگە چۆمدۈرگەنلىكى»نى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە سىجىل ئىزدەندى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، تۈرلۈك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سورۇنلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە ئوبرازى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھى ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۇرغۇتۇلماقتا.

قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى دالىدا قېزىش باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى تارىخىي ئىزنالارنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قۇربان تاغىنىڭ ھېكايىسى ھېلىھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنى ئىلھاملاندۇرماقتا، «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغدىغان باتۇرانە ئىش ئىزلىرى ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىكى ئابىدىگە ئايلاندى.

پايانسىز تارىم دەرياسى بويىدىكى مەنزىرىلەر ھەر ۋاقىت يېڭىلانماقتا. بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇقكى، يېڭى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ جاسارەت بىلەن يېتىشىۋېلىش، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتى ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخ پۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125