ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، گاۋ فېڭ) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 477 مىليون 368 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.
1- ئايدىن 11- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 4 مىليارد 321 مىليون 938 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان.
مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش 23 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە تارقالغان. 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرغىنى ئىچكى موڭغۇل بولۇپ، 1 مىليارد 178 مىليون 466 مىڭ توننىغا يەتتى، 2- ئورۇندا تۇرغىنى سەنشى بولۇپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليارد 159 مىليون 846 مىڭ توننىغا يەتتى، 3- ئورۇندا تۇرغىنى شەنشى بولۇپ، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 710 مىليون 487 مىڭ توننىغا يەتتى، شىنجاڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەھەتتە 4- ئورۇندا تۇردى.
قىش كىرگەندىن بۇيان، ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ توك چىقىرىشىغا كېرەكلىك ۋە ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 11- ئايدا شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 52 مىليون 101 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
كۆمۈرچىلىك جەھەتتە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىش تېزلىتىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى، 12- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى 29 كۆمۈر كان ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. ھازىر، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى نۇرغۇن ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى» بولۇپ قالدى.
شىنجاڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلىدى، «14- بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر قېزىشتا «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىردى، نۆۋەتتە شىنجاڭدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە قومۇل شەھىرىدە.
ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 550 مىليون توننىدىن ئېشىپ، ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كاندىن 14ى قۇرۇلدى، يەككە كاننىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمى «12- بەش يىل» مەزگىلىدىكى 300 نەچچە مىڭ توننىدىن ھازىرقى 5 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتتى.