ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش تولۇق تاماملاندى. لېكىن بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىشنىڭ تەسىرى ئەمدىلا باشلاندى.
تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىشى ئېنىقكى، شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ بىر قېتىملىق پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامايان بولۇشى ۋە قايتا يولغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئوخشاش دېگۈدەك بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدىن تۇنجى بولۇپ ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ لياڭچېڭ يەنە «تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى . كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى «تىيانشان»نى تېخىمۇ جۇلالاندۇردى.
لېكىن تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تەسىرى ئېنىقكى ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىمۇ مۇكاپات تۈرىنىڭ ئۆزىدىن خېلىلا ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇ، شىنجاڭنىڭ بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى كۈنسېرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە تىكلەنگەن جۇلالىق بايراق.
يېڭى ئىشەنچ مۇجەسسەملەندى ۋە ئاشۇرۇلدى
شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئۈچۈن مەخسۇس بىر مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش.
ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئۈنۈمىنى دەرھال كۆرگىلى بولمايدىغان، ھازىرقى تەرەققىياتتا تەخىرسىز، جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان پەننىڭ شىنجاڭدا تۇيۇقسىز دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. ئەدەبىيات ساھەسىدىكى نۇرغۇن كىشىمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئېيتقانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەلۋەتتە بۇ ئىشنى چوڭقۇر قاتلامدىن، كەلگۈسى تەسىرى جەھەتتىن ئويلاشقان. ئەمما جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىم بۇ ئەدەبىيات ئالاھىدە شەرىپىنى بېرىشى ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، قەلبلەرنى ئىللىتتى. بۇ ئەدەبىيات ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل جەمئىيىتىگە بولغان بىر قېتىملىق رىغبەتلەندۈرۈش بولدى.
كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن ساھەسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى ۋە كۆزلىمىسىمۇ قاتلاممۇقاتلام جۇغلاندى. تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قالتىس نامايان بولۇشى ئېنىقكى بىر قېتىملىق يېڭى كۈچ قوشۇش ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە شىنجاڭنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە بەرگەن كاتتا مۇكاپاتىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان «شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر»نى كۆردى، شىنجاڭنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىدەك تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىقنى ھېس قىلدى.
يېڭى ئوبراز نامايان قىلىندى ۋە تىكلەندى
تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى يېپيېڭى مۇكاپات تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەكلىپ بېرىشتىن باھالاشقىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئىدىيە ۋە پوزىتسىيە نامايان قىلىندى. كىشىلەر بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، مول، جانلىق شىنجاڭ ئوبرازىنى كۆردى.
مۇكاپات تۈرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى يىراقنى كۆرەرلىكنى نامايان قىلدى. يەرلىك يازغۇچىلارنىڭ تەكلىپ بېرىشىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكە بولۇپ تەسىس قىلىشىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىياتقا ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ھازىرقى مەزگىلدە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بىلەن بىللە، مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىجابىي سىگنالنى قويۇپ بەردى.
مۇكاپات تۈرى بويىچە باھالاش ئىشەنچنى نامايان قىلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلىنىپ شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئېچىۋېتىلگەن ھالىتى بىلەن باشتىن- ئاخىر تومۇرداش بولدى. شىنجاڭ ئاللىقاچان «شىنجاڭغا شىنجاڭ نۇقتىسىدىنلا قارىمايدىغان بولدى»، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدىن ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولدى. تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى دۇنياغا يېڭىدىن بىر قېتىم قۇچاق ئېچىش ھېسابلىنىدۇ.
مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىشى چىن ھېسسىياتنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ ۋاڭ مېڭغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى بەردى، بېرىلگىنى قىزغىن ھېسسىيات بىلەن شىنجاڭنى تەسۋىرلىگەن، شىنجاڭنى مەدھىيەلىگەن خەلق سەنئەتكارىغا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت ۋە ئىززەت بولدى. 90 ياشلىق ۋاڭ مېڭ ئالايىتەن شىنجاڭغا كېلىپ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلدى، قوبۇل قىلغىنى ئۇ ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلگەن «شىنجاڭ خەلقىنىڭ ماڭا بولغان تاغدەك مېھىر- شەپقىتى»دىن ئىبارەت چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بولدى. بۇ ئالاھىدە شەرەپ ھەم كەسىپكە قوشقان تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغانلىق، شۇنداقلا كىشىلەر ئارىسىدىكى چىن ھېسسىياتنى قەدىرلىگەنلىك ۋە كاتتا مۇكاپاتلىغانلىق.
شىنجاڭنى تونۇش، چۈشىنىش ئۈچۈن يېڭى كۆزنەك ئېچىلدى
كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىراتى ناھايىتى كۆپ خىل بولۇپ، تەبىئەت مەنزىرىسى، مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ تۇپراقنى ئەدەبىيات ئارقىلىق خاتىرىلىگەنلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاز ئىدى.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە مۇنەۋۋەر، تەسىر كۈچكە ئىگە يازغۇچىلار كەم بولغان ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ليۇ لياڭچېڭ، لى جۈەن قاتارلىق بىر تۈركۈم يەرلىك يازغۇچىلارنىڭ ئېكراندا ۋە توردا ئالقىشلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا، شىنجاڭ ئەدەبىياتىغا بولغان دىققىتى قوزغالدى. تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بارلىققا كېلىشى شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئەدەبىيات ئېقىنلىرىدىن دەريا ھاسىل قىلىپ، «شىنجاڭ ئەدەبىياتى»نى مىسلىسىز قىياپەتتە كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلدى.
ئەدەبىيات ئاسانلا رېئاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرنى بىر- بىرىگە باغلىيالايدۇ، ئادەم بىلەن جاي ئارىسىدا ھېسسىيات ئورنىتالايدۇ، قەلبلەر رىشتىنى تۇتاشتۇرالايدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشى شۇ جايدىكى يازغۇچىلارنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق شەنشىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلگەن، بۇ ئارقىلىق شۇ جاينىڭ تاغ- دەريالىرى، تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنى چۈشەنگەن، ھېسسىيات ئالاقىسى شەكىللەندۈرگەن. تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم» بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى.
ھازىر، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئارقىلىق «شىنجاڭ ئەدەبىياتى»دا بىر ئىشىك ئېچىلدى، كىشىلەر ئاشۇ چاقناپ تۇرغان يازمىلاردىن بۇ تۇپراقتىكى تارىخ ۋە ھازىرنى، تاغ- دەريالار ۋە خەلقنى، ھاياتىي كۈچ ۋە ئىجادچانلىقنى كۆرەلەيدۇ، شۇقەدەر رەڭدار شىنجاڭنى، ھەتتا ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان شىنجاڭنى چۈشىنەلەيدۇ.
شىنجاڭدا ئەدەبىي ئىپادىلەشنى ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدىغان بايلىقلار ھازىر ئىپادىلەنگەنلىرىدىن خېلىلا مول. بىز تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كېلىشىنى، ئەدەبىيات ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇشنى، دۇنياغا شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ تونۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.