«بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى
00:51:58 2024-12-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

−رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش> ئەمەلىيىتىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.» ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە «تۆتتە كۈچەش» ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭغا ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىش، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى يۆنىلىش ۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاچقۇچلۇق مەزگىل، يېڭى باسقۇچ يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىستىن دېرەك بېرىدۇ. يېڭى دەۋردىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم بۇرچىدىن قارىغاندا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا، جەزمەن «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۇچ كەلگەن پۇرسەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن ئىبارەت تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەكىتلەندى، بۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭىشىشى، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى يېڭى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. دۇچ كەلگەن خىرىسلاردىن قارىغاندا، ھازىر تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبەرمەكتە، ئىچكى قىسىمدىكى تەرەققىيات جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، ئاھالىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىمىزغا ئېھتىياجلىق.

ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەش، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچەش. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ «تۆتتە كۈچەش»نى چۆرىدەپ بىر قاتار ئېنىق تەلەپ ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا، ھەم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش بار، ھەم چوڭقۇر، ئىنچىكە بولغان ئۇسۇل يېتەكچىلىكى بار. ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ يېتەكلىگەن يۆنىلىش بويىچە، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ تەلەپ ۋە تەدبىرلەرنى تۈرلۈك خىزمەتلەر داۋامىدا ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسىلەن، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، بۇ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما. بولۇپمۇ 2021- يىلى «خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسۈپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش رولى كۈنسېرى نامايان بولدى. 2024- يىلى 9- ئايغىچە، خېڭچىندا ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان ئاۋمېن ئاھالىسى 16 مىڭ 539 كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.1 ئاشتى؛ ئاۋمېن كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6461گە يېتىپ، ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكىدىن %39.3 ئاشتى.

ئىلگىرىكى «پالما دەرىخىگە تولغان ياپيېشىل دالا، شالاڭ كەنت- مەھەللە» بولغان خېڭچىندا بۈگۈنكى كۈندە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى، بۇ جاي گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىقىنىڭ سۇپىسىغا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ «كېسىشىش نۇقتىسى»غا ئايلاندى، كىشىلەر ھاياجانلانغان ھالدا: «گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېننىڭ چوڭقۇر ماس تەرەققىياتى <ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلاندى>» دېيىشتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «خېڭچىننى ئېچىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنىڭ ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك»؛ 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى تەبرىكلەش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم: «مەركەزنىڭ خېڭچىننى ئېچىشنى قارار قىلىشتىكى مەقسىتى ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىش» دەپ تەكىتلەپ، «بۇ ئورۇن بېكىتمىسى بىلەن بىردەك بولمىغان بەزى كەسىپ تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ تەلەپ قىلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، خېڭچىننى ئېچىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يىرىك پىلاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە- مېخانىزملارنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، خېڭچىن- ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ «قەلبلىرىنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسەك، چوقۇم خېڭچىن بىلەن ئاۋمېننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق كېڭەيتىپ، يېڭى قۇۋۋەت قوشالايمىز.

«ياشلار ئاۋمېننىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسى، ئاۋمېننى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى جەڭگىۋار كۈچ.» رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياشلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى، غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، كەڭ ياشلارنى ئاۋمېننى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ ياخشى قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئاۋمېن ياشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئاۋمېندىن ئالەم قاتنىشى ئېغىرلىق يۈكى مۇتەخەسسىسلىرى تاللاندى، ئاۋمېن ياشلىرى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ياشلىرىنىڭ ئىچكى رايونلاردا پىراكتىكا قىلىش پىلانى يولغا قويۇلدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش يېشىل يولى بەرپا قىلىندى... بىر قاتار تەدبىرلەر ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەردى، كۆۋرۈك سېلىپ بەردى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاۋمېن ياشلىرى چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش بوشلۇقى ۋە پۇرسىتى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. پەقەت ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرالايدۇ.

25 يىل قاينام- تاشقىنلىققا تولغان يىللار بولدى، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز، ئاۋمېنمۇ تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئاۋمېن چوقۇم تەرەققىيات يېڭى مەنزىلى ئېچىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتالايدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى چوقۇم ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125