ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە شىنجاڭدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 4- قېتىملىق شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش دېيىلدى) تاماملىنىپ، جەمئىي 2471 خىل جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە دورىلىق ئۆسۈملۈك 2217 خىل، دورىلىق ھايۋانات 211 خىل، دورىلىق مىنېرال ماددا 43 خىل بولۇپ، يېڭىدىن خاتىرىلەنگەن تۈردىن تۆت خىلى بايقالغان. 3- قېتىملىق شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، 4- قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە 989 خىلى كۆپەيگەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)