ۋاڭ رۇيمىن
تۇرمۇشتا، بىر ئىلھاملاندۇرغان نەزەر، بىر سۇس تەبەسسۇم، بىر قەلبنى ئىللىتىدىغان ھەرىكەت بەلكىم «ئىللىقلىق»نىڭ نامايەندىسى بولۇشى مۇمكىن.
خىياللىرىم خاتىرەمگە پېتىپ، تېڭىرقاش ئىچىدە، مەن خۇددى ئاشۇ كۈنگە قايتىپ كەتكەندەك بولدۇم.
ئۇ ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى.
ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن بەك تارتىنچاق، يۈرەكسىز ئىدىم، مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا پەقەت كاللامدىلا جاۋاب ئويلايتتىم. ئاپام ماڭا كۆپ قېتىم: «دەرس ۋاقتىدا كۆپرەك قول كۆتۈرۈپ پىكىر بايان قىلىڭ، خاتا سۆزلەپ قويسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، ئەگەر سىز دېمىسىڭىز، ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قانداق بىلەلەيسىز؟» دەپ تەلىم بەرگەن ئىدى. گەپ شۇنداق دېيىلسىمۇ، لېكىن دەرس باشلىنىشى بىلەنلا، مەن چېكىنىشكە باشلايتتىم، گەرچە قەلبىمدىكى جاۋاب سانسىز قېتىم توغرا بولسىمۇ، مەن خاتا جاۋاب بېرىپ قويۇشتىن، مۇئەللىمنىڭ تەنقىدلىشىدىن، نەچچە ئون جۈپ كۆزنىڭ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىكى تۇيغۇدىن قورقاتتىم.
تاكى ئاشۇ سائەتلىك ئەدەبىيات دەرسىگىچە، يەنىلا ئاشۇ ئاددىي دەرسخانا، يەنىلا تونۇش ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار ئىدى. دەرسخانىدا ساۋاقداشلار بەس- بەستە پىكىر بايان قىلدى، مەن پەقەت جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلىدىم، خۇددى مۇناسىۋەتسىز ئادەمدەك ئىدىم.
كۆپچىلىكنىڭ پىكرى ئەڭ جانلىنىۋاتقان چاغدا، مۇئەللىم بىر چوڭقۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گەپ چىقىشى بىلەن دەرسخانا جىمجىتلىققا چۆمدى. بۇ چاغدا، مېنىڭ چوڭ مېڭەممۇ ئۇچقاندەك ئايلىنىپ، تۇيۇقسىز بىر خىيال كاللامدا پەيدا بولدى. مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم، كۆزلىرىم نۇرلىنىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇئەللىمگە قارىدىم، قول كۆتۈرگۈم، ئورنۇمدىن تۇرغۇم، سوئالغا جاۋاب بەرگۈم كەلدى. مەن بىلىكىمنى ئاستا ئۈستەلگە قويۇپ، تۆت ئەتراپقا ئوغرىلىقچە قارىدىم، ھېچكىمنىڭ ماڭا دىققەت قىلمىغانلىقىنى بايقىدىم، ئاندىن ئاستا- ئاستا قولۇمنى كۆتۈردۈم، قولۇمنى شۇنچە پەس كۆتۈرگەن بولساممۇ، لېكىن مەن خۇددى مىڭ جىڭ ئېغىرلىقى باردەك، چوقچىيىپ تۇرغان غەلىتە تاشتەك، پەقەت قاملاشمىغاندەك ھېس قىلدىم. بۇنداق قاملاشمىغان تۇيغۇ مېنى بىئارام قىلدى، مېنىڭ قولۇمنى چۈشۈرۈۋالغۇم كەلدى. تەشۋىشلىنىۋاتقان چېغىمدا مەن تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەن دەرھال پەس كۆتۈرۈپ تۇرغان قولۇمنى چۈشۈرۈۋېلىپ، بېشىمنى چۆكۈرۈپ، كۆڭلۈمدە «مۇئەللىم ئىسمىمنى چاقىرمىسىكەن» دەپ ئويلىدىم، لېكىن مۇئەللىمنىڭ مېنى چاقىرىشىنىمۇ ئۈمىد قىلدىم، بۇنداق جىددىي ھەم زىددىيەتلىك كەيپىياتتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى. مەن ئوغرىلىقچە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمنىڭ ماڭا جىمجىت قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «غەيرەت قىلىڭ، سىز قىلالايسىز!» دەۋاتقاندەك بىلىندى. مۇئەللىمنىڭ سۇس تەبەسسۇمى گويا بىر خىل غايەت زور كۈچ ئېلىپ كېلىپ، قولۇمنى «كۆتۈرگۈزدى». مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۈچلۈك ئاۋازدا ئىسمىمنى توۋلىدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ دۇدۇقلىغىنىمچە سۆزلەپ كەتتىم ... پۈتۈن سىنىپتا مېنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازىم جاراڭلايتتى، ھەر بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى.
مەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇئەللىم يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «ياخشى جاۋاب بەردىڭىز، قارىشىڭىز باركەن، شۇغىنىسى ئاۋازىڭىز بەك تۆۋەن، كېلەر قېتىم ئۈنلۈكرەك سۆزلەڭ»، دەپ ئىلھاملاندۇردى. سۆزىنى تۈگىتىپلا باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چالدى، گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، شۇ تاپتا مەن مۇئەللىمنىڭ كۈلۈمسىرىشىنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىر خىل سىرلىق كۈچكە تولغان بولۇپ، مېنى ئىلھاملاندۇرماقتا، رىغبەتلەندۈرمەكتە ئىدى.
«بىر سۇس تەبەسسۇم، بىر ئىلھاملاندۇرغان نەزەر، بىر قەلبنى ئىللىتىدىغان ھەرىكەت بىر جىددىيلەشكەن چىراينى بوشىتالايدۇ». ھازىرغا قەدەر، مەن ئاشۇ دەقىقىنى ئويلىساملا، ئاشۇ ئىللىق تەبەسسۇم خۇددى ئىللىق ئېقىمغا ئوخشاش پۈتۈن بەدىنىمگە، قەلبىمگە سىڭىپ كىرىدۇ.
ئاشۇ دەقىقىدىكى ئىللىقلىق، مېنىڭ قەلبىمگە مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خۇاجوۋ رايونلۇق شيەنلىن ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 2ـ يىللىق 7ـ سىنىپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)