ئاق چاچ ئۆسكەنسېرى كۆپىيىپ كېتەمدۇ؟ بەلكىم بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بولۇشى مۇمكىن
16:04:28 2024-12-25 تىيانشان تورى

 ئاق چاچ نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مەسىلە، بۇنىڭدا ياشنىڭ چوڭىيىشىدىن باشقا، نۇرغۇن كىشى ئاسانلا سەل قارايدىغان يەنە بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇشتىن ئىبارەت.

 چاچنىڭ قاپقارا بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم چاچتىكى قارا پىگمېنتنىڭ نورمال بىرىكىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، قارا پىگمېنت قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىدىن پەيدا بولغاچقا، ئۇنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە ياكى ئوزۇقلۇق تۈكلەرگە نورمال يەتكۈزۈلمىسە، ئاق چاچ ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىن.

 ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاچقا، ئاق چاچ ئۆسۈپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

 ئادەتتە، بۇ ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىنىڭ چاچقا بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ:

 ئاقسىل

 ئاقسىل چاچنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى، چاچنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسىي بىرلىك − كېراتىن ئاقسىلدىن بىرىكىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئاقسىل قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، تۇيۇقسىز چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ. بۇلا ئەمەس، چاچ سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشى، يىرىكلىشىشى، سارغىيىپ كېتىشىنىڭ ھەممىسى ئاقسىل قوبۇل قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 مىكرو ئېلېمېنتلار

 ئەگەر ئاقسىلنى چاچنىڭ خام ماتېرىيالى دېسەك، مىس، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار قارا پىگمېنتنىڭ كاتالىزاتورىدۇر.

 قارا پىگمېنت تىروسىننىڭ تىروزىن ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە دوپا ھاسىل قىلىپ، ئوكسىدلانغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان پېگمېنت بولغاچقا، تىروزىن ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى بۇ جەرياننىڭ ئۈنۈمى ۋە نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىس، سىنك قاتارلىق بۇ تۈردىكى مىكرو ئېلېمېنتلار تىروزىن ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، بۇ مىكرو ئېلېمېنتلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا، تىروزىن ئېنزىمىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ، قارا پىگمېنتنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى

 ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ، چاچ، تىرناقنىڭ ئۆسۈشى ئۇلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى يېتىشمىسە، ئاسانلا چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، چاچ قۇرغاقلىشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

 ئەلۋەتتە، ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولۇشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن سەۋەبمۇ ئاق چاچنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، روھىي بېسىم، ئىرسىيەت، بەدەندىكى كېسەللىكلەر دېگەندەك.

 ياش تۇرۇپ چېچى ئاقىرىپ كېتىش قانداق ئىش؟

 ئادەتتىكى ئەھۋالدا، 35 ياشتىن كېيىن چاچنىڭ پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى چېكىنىشكە باشلاپ، ئاندىن ئاق چاچ پەيدا بولىدۇ. بىز دائىم دەيدىغان «ئاق باشلار» چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ، ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ياكى 20 نەچچە ياشتىلا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟

 ئىرسىيەت ئامىلى تۈپەيلىدىن. نۇرغۇن «ئاق باشلار» توپىنىڭ جەمەت ئىرسىيەت تارىخى بار.

 بەزى ياش- ئۆسمۈرلەردە ئاشقازان- ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشى ناچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نامۇۋاپىق غىزالىنىش ئادىتىمۇ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 بەزى سىستېما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق ھەمدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى «ئاق باش» بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 دائىم مېڭىسىنى ئىشلىتىدىغان ئەقلىي ئەمگەكچىلەر ئۇزاق مۇددەت مېڭىسىنى زىيادە ئىشلىتىش، روھىي بېسىمى زىيادە يۇقىرى بولۇش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئىچكى ئاجراتمىلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.

 ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق. مەشغۇلات ۋاقتى تەرتىپسىز بولۇش ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىۋېتىدۇ ھەمدە پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، ئاق چاچ پەيدا قىلىدۇ.

 ھەرىكەت كەمچىل بولۇش. ھەرىكەت مىقدارى ئازىيىپ كەتسە قان ئايلىنىش ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باش تېرىسى ئۈنۈملۈك قان بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشەلمەيدۇ، قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى نورمال مەشغۇلات قىلالمايدۇ.

 ئاق چاچنى يۇلۇۋەتسە كۆپىيىپ كېتەمدۇ؟

 بۇ نۇقتىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاق چاچ يۇلۇۋېتىش- يۇلۇۋەتمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئاق چاچنىڭ ئۆسۈشى تۈك خالتىسىغا باغلىق بولۇپ، ئەگەر بىر- ئىككى تال ئاق چاچ پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئۇزاققىچە كۆپەيمىسە، چوڭ مەسىلە يوق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ تۈك خالتىلىرى باشقا تۈك خالتىلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

 ئەمما، يەنە بىر ئېھتىماللىق بار، ئاشۇ بىر- ئىككى تال ئاق چاچ بەلكىم چاچ ئاقىرىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن، يۇلۇۋېتىش- يۇلۇۋەتمەسلىك بۇ جەرياننى توسۇپ قالالمايدۇ.

 سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، روھىي بېسىم قاتارلىقلار چېچىڭىزنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان تاشقى ئامىل بولۇپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

 قانداق قىلغاندا ئاق چاچنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

 چېچىڭىزغا ئاق چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا ئىمكانقەدەر تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلىشىڭىز كېرەك:

 غىزالىنىش جەھەتتە، يېمەكلىك تۈرىنىڭ مول، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاپ بېرىش، ھايۋانات جىگىرى، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەر، مېغىز، ئۆرۈك، سۇلۇ قاتارلىق مىس تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك؛

 كېچىچە ئۇخلىماسلىقنى ئازايتىپ، ئىمكانقەدەر قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش كېرەك؛

 چاچنىڭ زىيادە كۆپ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

 بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125