ما شىڭرۇي شىنجاڭ دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
12- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش چۆرىدىلىپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، پىكىر- تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتنىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى، شىنجاڭدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىدارى، بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، يادرولۇق ئىقتىدارنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئايرىم- ئايرىم دوكلات بەردى. شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى، شىنجاڭ گېئولوگىيە- قېزىلما بايلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەبلەغ سېلىش (پاي كونترول) گۇرۇھى، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى، شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى گۇرۇھى، شىنجاڭ بانكىسى، بىڭتۇەن جۇڭشىنجيەن ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى، بىڭتۇەن جۇڭشىنجيەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھى، بىڭتۇەن شىنجاڭ جۇڭشىنجيەن ئېنېرگىيە كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار ۋە كارخانا ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك، دۆلەت كارخانىلىرىنى قانداق كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك دېگەن بۇ زور دەۋر سوئالىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكى زىممىگە ئالغان بۇرچ، ۋەزىپە ۋە فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ۋە شارائىتنى ھازىرلىدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ياخشى «تۈۋرۈك» «ئاساسىي قوشۇن» بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشكە سىڭدۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەت شىركىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بازارلاشقان مېخانىزم بويىچە تىجارەت قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمنى يۆنىلىش قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، چوڭقۇر ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ كۆزلەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كەلگۈسىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ۋە پايدا يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»لارغا قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىيەتنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىسلاھ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئايلىنىشىنى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەرز، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە كەسپى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇن، دۆلەت كارخانىلىرى ھەم مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)