تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
چوڭ- چوڭ تۈرلەر شىنجاڭ ئىقتىسادىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچ.
يىل ئاخىرىدا تۇرۇپ 2024- يىلىغا نەزەر سالساق شۇنى بايقىيالايمىزكى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى چوڭ- چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك نامايان بولدى − دۆلەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تۈر تىرىكىگە تايىنىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى قۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش تۈر ۋاسىتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئوخشاشلا تۈر تىرىكىگە ئېھتىياجلىق.
بۇ بىر يىلدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، جەزمەن چوڭ- چوڭ تۈرلەردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى ئېشىش موتورىنى بەرپا قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.
ئاساسنى پۇختىلاش:
دۆلەت ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىكى بۇرچ
شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.
ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە تاپشۇرۇقى.
شىنجاڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىدىكى ئاساسىي ھالەت ۋە كۈچەش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «دۆلەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى»نى پۇختا زىممىگە ئېلىشتىكى ئاساس.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما- ئورۇنلاشتۇرۇشلار بۇنى تولۇق دەلىللىدى −
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، 2024- يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئارقىدىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2- ئاينىڭ 26- كۈنى، يەنىلا قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتقان شىنجاڭدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىلى 1- پەسىللىك چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، تۈر قۇرۇلۇشى باش ئەتىيازدىكى ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى قويۇپ بېرىلدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەر كۆپەيگەن، سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش بەلگىلىك بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا كۆلەم كېڭىيىش، قۇرۇلما ئەلالىشىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، تۈرلۈك ساقلانما مىقدار ۋە ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى تەدرىجىي نامايان بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
پۈتۈن يىلغا نەزەر سالساق، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ- ئالاتاۋ بۆلىكىدە كۆپەيتىپ ياسالغان 2- لىنىيەدە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش- كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئايروپورت قۇرۇلۇشى (خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپى) پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلاندى، بىر تۈركۈم ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلىدىغان ئۇل ئەسلىھەلەر تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمى كۆلىمىنىڭ يىل ئاخىرىدا 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار، نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى سىجىل ئاشتى؛ چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى، خوشاۋيۈن قوغۇشۇن- سىنك كېنى قاتارلىق دۇنيا دەرىجىلىك كان ياتمىلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قېزىلما بايلىقلار ئويغىتىلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قاتتىق تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
دىققەت دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، كەلگۈسى يۆنىلىش كۆزلىنىلىپ، شىنجاڭنىڭ 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك قۇرۇلۇشى، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور»ىنى بەرپا قىلىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى... ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلدى، ھەم پىلانلاش سالماق تۇتۇلدى، بىر تۈركۈم سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ئەلا، ئىستىقبالى پارلاق تۈرلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ۋە سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
دەل جايىدا كۈچەش:
ئۈنۈملۈك سېلىنما كېڭەيتىلدى
ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى لوگىكىسى بويىچە چوڭقۇر كۆزەتكەندە، ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق يەنىلا ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇۋۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق توسۇق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. يىل بېشىدىن باشلاپ، «ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش» ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە كۈچەشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ كەلدى.
«ئۈنۈملۈك سېلىنما» دېگىنىمىز، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، نەپ بېرىدىغان سېلىنمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى ئاتالغۇ ئەمەس، 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش» كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىدىمۇ: ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەرەققىيات جەھەتتىن قارىغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى نىشاننى كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، جەزمەن سېلىنمىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
2023- يىلى، شىنجاڭ چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- لىنىيەسى، لوپنۇر- چاقىلىق تۆمۈريولى، باركۆل ئايرودۇرۇمى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، چىرا دەرياسى كوئېنلۇن سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى، شۇنداقلا بۇ ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمغا دۇچ كېلىشتەك زەربە ئاستىدا، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئۇل تاش ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللىدى.
ھازىر، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە يۈزلەنگەندە، كۆپ جەھەتتىكى پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا، سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇستەھكەملەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جىددىي زۆرۈر بولماقتا.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تۈر تىزىملىكىنى داۋاملىق ئېلان قىلدى. ئوتتۇرا مەزگىللىك تەڭشەش ئارقىلىق، 2024- يىلى شىنجاڭ پىلانلاپ يولغا قويغان نۇقتىلىق تۈر 430دىن 466گە كۆپەيدى، ئومۇمىي سېلىنما 3 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يەتتى، يىللىق پىلان بويىچە 350 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
«ئومۇمىي مىقدار بىلەن كۆلەمنىڭ قوش ئېشىشى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۈندە چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، سېلىنما قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى.
دىققەتنى يىللىق سېلىنما نىشان- ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ «سېلىنما باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «ئون چوڭ مېخانىزم» ۋە «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلاردىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ئەلا سورتنى تېرىغاندا مۇقەررەر ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. 9- ئاينىڭ 28- كۈنى، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسىنىڭ توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىش باشلاندى. بۇ، بۇ يىل شىنجاڭدا ئىش باشلانغان تۇنجى 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ تۈر بولۇپ، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشتىن يانداش توك مەنبەسىنىڭ تەستىقلىنىشىغىچە، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 266 كۈنلا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسى ھەم يانداش توك مەنبەسى لايىھەسى تەستىقلىنىش جەھەتتە ئەڭ تېز بولۇش رېكورتىنى ياراتتى.
ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 170 مىليارد يۈەن بولغان دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش بازىسى تۈرىدە ئىش باشلاندى، شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش تۈرى دۆلەتنىڭ كود بېرىشىگە ئېرىشتى، قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... مەۋقە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولدى.
كاپىتال «يۈرۈشۈش» ئارقىلىق بېلەت تاشلايدۇ. قايسى رايوننىڭ بازىرى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەتراپلىق، يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى تېخىمۇ مۇكەممەل بولسا، كاپىتال ۋە مۇنەۋۋەر كارخانىلار شۇ رايونغا مەركەزلىشىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 3758 بولغان، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 716 مىليارد 868 مىليون يۈەن بولغان.
ئادەمنى ئاساس قىلىش:
تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم.
تۈرلەرنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھەربىر چوڭ- چوڭ تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى توپلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ- چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قەدىمى بارغانسېرى تېزلەشتى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى.
چىڭگىل ناھىيەسى ئارال بازىرىنىڭ چەت- يىراق جايغا جايلاشقان قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى «بەخت ئۆتىڭى»دە، مەشتىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى. ئالتاي ۋىلايىتى «بەخت ئۆتىڭى» ۋە چەت- يىراق جايدىكى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى «بەخت ئۆتىڭى»نى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىپ ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋى چارۋىچىلىق رايونى بەرپا قىلدى. ھازىر، 164 «بەخت ئۆتىڭى» يايلاق كۆچىدىغان چارۋىچىلارنىڭ يۇيۇنۇشى قىيىن بولۇش، قونۇشى قىيىن بولۇش، تاماق يېيىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىمۇ چوڭ بىر ئىشنى كۈتۈۋالىدۇ. جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى بەش تۇرۇبا تۈرى يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش 2024- يىللىق شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى. بۇ تۈر قۇرۇلۇپ پۈتكەندىن كېيىن، 24 ناھىيە، شەھەردىكى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 52 تۇەن- مەيدانىدىكى 11 مىليون ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىر ئېغىز ئۆي، بىر ئۈلۈش گاز، بىر بۆلەك يول... ئومۇمەن ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خەلق تۇرمۇشى. ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، دادىللىق بىلەن ئىشلەپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك.
مائارىپ بايلىقى سېلىنمىسى سىجىل زورايتىلدى. شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 102 بالىغا بىر يەسلى توغرا كەلدى، ھەر 783 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ توغرا كەلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.25كە يەتتى.
ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلدى. شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، ھازىر شىنجاڭدىكى ھەربىر كەنتتە ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۆيى بار، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن «كىچىك كېسەللەرنى كەنتتىن چىقمايلا داۋالىتىش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى يېزا- بازاردىن چىقمايلا داۋالىتىش، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقمايلا داۋالىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى سىجىل ياخشىلاندى. شىنجاڭدا يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيدىن جەمئىي 2 مىليون 700 مىڭ يۈرۈش سېلىنىپ، 11 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.
...
كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى راۋانلاشتۇرۇلدى، ئاممىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېھتىياجى بار بولدى، چوڭ- چوڭ تۈرلەرمۇ تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ۋە تېخىمۇ كەڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە بولدى.
ئەمدىلا ئاخىرلاشقان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش»نى كېلەر يىلى ياخشى تۇتىدىغان باش نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.
بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۇتىشىدۇ، يەنە بىر ئۇچى جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشىغا تۇتىشىدۇ، ئىستېمال ۋە سېلىنمىدىن تەركىب تاپقان ئىچكى ئېھتىياج ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشتە، كەلگۈسىدە نېمىگە مەبلەغ سالىمىز؟ مەبلەغنى قانداق سالىمىز؟
يىغىندا يەنە مۇنداق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى: تېخىمۇ زور سالماق بىلەن «مۇھىم ۋە نۇقتىلىق» تۈرلەرنى قوللاش كېرەك. مالىيە بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئارقىلىق جەمئىيەت سېلىنمىسىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك.
«مۇھىم ۋە نۇقتىلىق» دېگىنىمىز، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېلەر يىللىق قىسمەن «مۇھىم ۋە نۇقتىلىق» قۇرۇلۇش تۈرى تىزىملىكى ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سېلىنما يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر پىشىپ يېتىلگەن، چۈشۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئەستايىدىل تاللاپ، مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈردى.
يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2025- يىلى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىدىغان يىل، شۇنداقلا «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش باشلانغان يىل، شىنجاڭ يەنە تۈر قۇرۇلۇشى سەھىپىسىنى قانداق پۈتىدۇ، بىز بۇنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز!
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)