جاڭ تىڭ
2015- يىلى، مەن ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كېلىپ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي، چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم.
ئاشۇ كۈنى، ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاندا، ئوخشاشلا ياقا يۇرتتا پۇل تېپىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئانام ماڭا بىر پارچە سۈرەت ئەۋەتتى، سۈرەتتە تازا ئېچىلىۋاتقان بىر نەچچە تۈپ ئاپتاپپەرەس بولۇپ، ئۇلار بۈك- باراقسان كۆممىقوناقلىقتا كۆمۈلۈپ قالغىلى تاس قالغانىدى. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئۇلار نورمال ئاپتاپپەرەستىن خېلىلا پاكار بولسىمۇ، لېكىن ئالتۇن رەڭلىك گۈل بەرگى يەنىلا كۆزنى ئالاھىدە چاقنىتىپ، خۇددى بىر توپ شوخ زېرەككە ئوخشاپ قالغانىدى. مەن ئانامنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە تۈپ كېرەكسىز ئاپتاپپەرەس تېرىغانلىقىغا ھەيران بولۇپ، يا پۇلغا ساتقىلى، يا ئۇرۇقىدىن ھوسۇل ئالغىلى بولمىغاندىكىن، بىراقلا يۇلۇۋېتىشىنى ئېيتتىم. ئانام: «يۇلۇپ نېمە قىلىمەن؟ بېقىپ گۈلىگە قارىسا نېمە دېگەن ياخشى، بەرىبىر تاقاشمايدۇ»، دېدى. مەن بىردىنلا بۇ گەپتىن تەسىرلەندىم، چۈنكى مېنىڭ نەزەرىمدە ئانام سېپى ئۆزىدىن دېھقان، گۈزەللىكتىن زوقلىنىشنى بىلمەيدۇ، ھۇزۇرلىنىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇ پارچە- پارچە قاقاسلىقنى كۆكتاتلىققا، تاشلاندۇق بېلىق كۆلچىكىنى توخۇ، ئۆردەكلەرنىڭ شادلىق ماكانىغا، تال- تال ئۇرۇقلارنى پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا ئايلاندۇرالايدۇ، لېكىن ئەزەلدىن ئۆزىگە بىر تال گۈل ئېلىپ باقمىغان. ئەمما مۇشۇ پەيتتە، ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدە «كېرەكسىز» بىلىنگەن ئاپتاپپەرەستە چىڭ تۇرۇپ، جىمجىت باشقا يۇرتتا، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىللىقلىق ئىزدەپ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈۋېتىپتۇ.
مېنىڭ كۆز چانىقىم نەملەشتى، ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىمدا، مەن دائىم ئانامغا يۈرەك سادايىمنى ئېيتىپ، ياردەم سورايتتىم. ئانام ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ماڭا نەسىھەت قىلاتتى، زېرىكمەي- تېرىكمەي مېنى رىغبەتلەندۈرەتتى، ئۇنىڭ قەيەرلەردىندۇر ئۆگىنىۋالغان «جاھان مېنى ياراتتى قابىل قىلىپ، ئەسقاتارمەن ھامىنى كارغا كېلىپ» دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ماڭا تەسەللى بېرىشىدىن تولىمۇ تەسىرلىنەتتىم. ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ، ئاشۇ ئىنچىكە تېلېفون سىمى ئانام بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان رىشتىگە ئايلاندى.
بۈگۈنكى كۈندە، مېنىڭ ئائىلەم بار بولدى، ئانام بىلەن بولغان ئالاقىدە كۆپىنچە «ياخشى ئىشنى دەپ، يامان ئىشنى دېمەيدىغان» بولدۇم، خىزمەت، تۇرمۇشتىكى باش قېتىنچىلىقىمنى ئەمدى ئۇنىڭغا دېمەيدىغان بولدۇم، بەلكىم مەن ھەقىقىي ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسام كېرەك! يېقىندا تاسادىپىي ئاپتاپپەرەسنىڭ سۈرىتىنى ۋاراقلاپ قالدىم، مەن ئىلگىرىكى گۆدەك، ئاجىز ئۆزۈمنىڭمۇ بىرەر ئىشنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرالايدىغان ئانا بولۇپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ قالدىم... مېنىڭچە، ئانامنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقى ماڭا ئىزچىل يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. شۇنداق، «جاھان مېنى ياراتتى قابىل قىلىپ، ئەسقاتارمەن ھامىنى كارغا كېلىپ»، خۇددى كۆممىقوناقلىقتىكى ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)