سېلىنما جەلپ قىلىشقا كۈچەش
11:09:11 2024-12-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

خەلق ئىچى سېلىنمىسى بىر رايون ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «بارومېتىر». بۇ مۇھىم كۆرسەتكۈچنى كۆزەتكەندە، 2024- يىلىدىكى شىنجاڭ ئېنىقكى قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %37.4كە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئىچى كاپىتال سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق ئىچى كاپىتالىنى دۆلەتنىڭ چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلىرى، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە جەلپ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى زورايتىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، 2024- يىلى، نۇرغۇن پۇقراۋى كاپىتال شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ بىپايان مېھىرلىك تۇپراققا كېلىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشقا قۇۋۋەت ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

بىر پارچە مېھىرلىك تۇپراقنى جانلاندۇرۇش:

شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىش

«<بىر بەلباغ، بىر يول> بويىچە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈش ئۆمىكى» كەلدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، «چاڭجياڭ دېلتىسى»دىكى 21 داڭلىق، مۇنەۋۋەر كارخانىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى كەلدى، پېيى بازارغا سېلىنغان 24 شىركەت، ئالتە باشلامچى كارخانا، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» سەككىز كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر كەلدى...

شارائىت ھازىرلانسا، كېلىدىغانلار ئۆزلۈكىدىن كۆپىيىدۇ.

يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغىچە، تۈركۈم- تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، مەبلەغ سېلىپ، بۇ يەردە كارامىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەشنى ئۈمىد قىلدى.

2012- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %9لىك سەۋىيەنى ساقلىدى. بازارغا قارىتا سەزگۈر، ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانىچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ، دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.

يوشۇرۇن كۈچ مەنبەسى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىنىڭ تېز قويۇپ بېرىلىشىدىن بولدى −

قونجىراپ پورتى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، باقتۇ پورتى كىشىلەرنىڭ دائىملىق يۆتكىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۈرۈمچىدە دۆلىتىمىزدىن ئەرمېنىيەگە، بېلارۇسىيەگە قاتنايدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى كەينى- كەينىدىن ئېچىلدى... 2024- يىلى، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمى سىجىل زورايدى، ئالدىنقى 11 ئايدا، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 400 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

2024- يىلى، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىسلاھاتى ئارقىلىق، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كانچىلىق كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىپ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا پائال جەلپ قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىدىغان خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەش ئارقىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى دەل جايىدا پىلانلاپ، چوڭ- چوڭ ئېنېرگىيە ھەم كەسىپ تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇش، ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىغا ئاتلىنىشىغا مەدەت بېرىدىغان دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈردى.

يوشۇرۇن كۈچ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن يېپيېڭى قىياپەتتىن كەلگەن −

دۆلەت ئۈچۈن تۈزۈم سىناق قىلدى، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىدى. تەسىس قىلىنغىنىغا بىر يىل بولغان شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇردى. تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە تىپىك مىسالنى پۈتۈن شىنجاڭدا كۆپەيتىپ ۋە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ خەلق ئىچى كاپىتالىنى سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشى، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى، ئاساسىي تېلېگراف، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى ۋە مۇھىم جابدۇق قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق خەلق ئىچى سېلىنمىسى تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سېلىنما كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان خەلق ئىچى سېلىنمىسى تۈرلىرىنى تاللاپ ئامبارغا كىرگۈزدى.

تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى چۆرىدەپ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق يېتىلدۈرۈش:

سودىگەرلەرگە مايىللىشىش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلدى

خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئاچقۇچ. بۇنىڭ ئۈچۈن تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىچىلار خاتىرجەم مەبلەغ سالىدىغان، خاتىرجەم كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام، مۇقىم، تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەسىنى باش بولۇپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«باشتىن- ئاخىر پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئۆز ئادىمى دەپ بىلىش كېرەك» «پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ئېچىپ بېرىش كېرەك» «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ياردەملىشىپ ھەل قىلىش كېرەك»... يىغىندا يەتكۈزۈلگەن سىگنال ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ سۇچى يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى پىلانلاش- لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى غالىپجان ئابلىمىتنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى مەزگىلىدە، غالىپجان ئابلىمىت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام، مۇقىم، تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەنى سۇنغانىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پىكىر- تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 18 ئالاقىدار ئورۇن بىلەن بىرلىكتە تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

«تەۋسىيەلەر ئىچىدىكى ئىش تۈرلىرىنىڭ %80تىن كۆپرەكى ھەل قىلىندى. ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى قولايلاشتى، بىزنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى غالىپجان ئابلىمىت.

ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى قۇياش نۇرى، سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش، تىجارەت سۇبيېكتى ئۈچۈن بىردەممۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

كادىرلار ئىدىيەدە ئازاد بولمىسا، كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشمەيدۇ؛ بازار توسۇقى تۈگىتىلمىسە، كارخانىلار بازار ئىجازىتىدىكى «ئەينەك ئىشىك» «ئايلانما ئىشىك» «پۇرژىنا ئىشىك»لەرگە دۇچ كېلىدۇ... تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان جاھىل ئىللەتلەرگە قارىتا، شىنجاڭ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، ھۆكۈمەت كاپالىتى جايىدا بولغان تىجارەت- سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەرلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، سودىگەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، سودىگەرلەرگە مايىللىشىدىغان، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. سىياسەتنىڭ پايدىسىنى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، كارخانىچىلارنى كۆرگىلى بولىدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

«چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش» ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئادەتتىكى كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى 30 نەچچە خىزمەت كۈنىدىن بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى؛ بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىش بېجىرىش تەرتىپى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا پايدىلىق، خەلققە قولايلىق بولغان كۆزنەكلەر ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ھارارىتى ئارقىلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.

قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى.

سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان بولغان نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالىماسلىق تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى؛ ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش سالمىقى زورايتىلدى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچەيتىلدى؛ كارخانىلارغا ئالاقىدار دەۋا دېلولىرىدا «يېشىل يول» ئېچىلىپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ دەۋادا يەڭگەندىن كېيىنكى ھوقۇق- مەنپەئىتى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنى توپلاپ، ۋاقتىدا يۆنىلىشنى توغرىلاپ ئېغىشنى تۈزەپ، سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى.

بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئادىل، ھەققانىي بولغان قانۇنچىللاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىلماقتا.

بىر پارچە گۈزەل تۇپراق بەرپا قىلىش:

بازار گۈللىنىپ، ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى

باھار شامىلى بىر كېچىدىلا ھەممە جاينى باھار تۈسىگە كىرگۈزگەندەك بولدى.

مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىشى ۋە تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودىگەرلەر ئارقا- ئارقىدىن كەلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 3758 بولدى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 716 مىليارد 868 مىليون يۈەن بولدى.

رەت- رەت يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىقتا قاتار- قاتار تىزىلدى، قاتار- قاتار ئاقما لىنىيەلەر ئازادە، يورۇق زاۋۇت ئۆيلىرىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... نۇرغۇن سېلىنما تۈرلىرى كەسىپ زەنجىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى.

يىل ئاخىرى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ جۇڭتۇڭ ئاپتوبۇس چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئاپتوبۇس جازىلىرى كەينى- كەينىدىن تەرتىپلىك قۇراشتۇرۇلۇپ، ئەمدىلا خېرىدار بولغان ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ 305 يېڭى ئېنېرگىيەلىك (ساپ توكلۇق) ئاممىۋى ئاپتوبۇسى جىددىي ئىشلەپچىقىرىلماقتا ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان 600دىن ئارتۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەلىرىدە يولغا سېلىنىپ، شىنجاڭلىقلار ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرالايدىغان بولدى.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىنغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بۇ يىل لياڭخې يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇپ قۇردى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بۇ تۈرگە تەخمىنەن جەمئىي 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، باغچە رايونى ئىچىدە يوللار راۋان، زاۋۇت ئۆيلىرى زىچ سېلىنغان بولۇپ، قىسمەن كارخانىلار كىرىپ ئورۇنلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بۇ يىل ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولدى.

چوڭ كارخانا، چوڭ تۈرلەر ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ «پەي- تومۇر»لىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ھەرقايسى ساھەلەردە جانلىنىۋاتقان كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ «قىل قان تومۇر»لىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.

11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 579 مىڭ 300(بىڭتۇەندىكى 280 مىڭ 200 تىجارەت سۇبيېكتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.17 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا- سانائەتچى 1 مىليون 954 مىڭ 900.

يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇش- بولماسلىقى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش- بولماسلىقى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل، شىنجاڭ مەخسۇس لايىھە ئېلان قىلىپ، 42 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەككە سودا- سانائەتچىلەرنى تىپقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا يار- يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

12- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ چياڭيۈەن پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «يەككە سودا- سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش» رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، قومۇل شەھىرى يولغا قويغان «يەككە سودا- سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش» بويىچە تىزىملاش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىدىن تۇنجى مەنپەئەتلەنگۈچى بولدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ كارخانىغا ئايلانغان يەككە سودا- سانائەتچى 2000دىن ئاشتى.

«يەككە سودا- سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش» بويىچە تىزىملاش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىش يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە «تېز سۈرئەتلىك يول» ئېچىپ بېرىپ، بازارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. يەككە سودا- سانائەتچىلەر كارخانىغا ئايلىنىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مۇرەككەپ بولغان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش ۋە قايتا تەسىس قىلىش تەرتىپى ئازايتىلدى، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىنكى كارخانىلار ئەسلىي نامى، قۇرۇلغان ۋاقتى ھەمدە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودىنى داۋاملىق قوللىنالايدۇ، شۇنداقلا ئېرىشكەن تۈرلۈك شان- شەرەپلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

«كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەسلىي نامىمىزنى ساقلاپ قالدۇق، بۇ، بىزنىڭ سىجىل تىجارەت قىلىشىمىزغا ۋە ماركىمىزنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق» دېدى «يەككە سودا- سانائەتچىدىن كارخانىغا ئايلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان جىڭ ناھىيەسى خۇڭشىڭ چارۋامال دورىسى تىجارىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ۋاڭ جىخەي.

شىنجاڭ ئەلا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئارقىلىق كارخانىلارنى جەلپ قىلدى، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق كارخانىلارنى ئېلىپ قالدى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىغا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ زور تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور كۈچ قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125