بۇ بەلگىدە «شىنجاڭ» خاسلىقى كارامەت نامايان قىلىندى
بوغدا چوققىسى تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى بەلگىسىدىن «ئورۇن ئالدى»
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
12- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئۆزگىچە، يارقىن بىر مۇكاپات بەلگىسى سەھنىدىكى چوڭ ئېكراندا ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ قولىدىكى مۇكاپات لوڭقىسىدا نامايان بولدى − ھەيۋەتلىك، گۈزەل ئالتۇن رەڭلىك بوغدا چوققىسىنىڭ ئۈستىگە «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دېگەن كۆركەم، نەپىس كەيشۇ خەت شەكلىدىكى بەش خەنزۇچە خەت چۈشۈرۈلگەن، بەلگە لايىھەسىنىڭ باش تېمىسى گەۋدىلىك، ئىخچام، مەردانە، سىمۋوللۇق مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.
«تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» بەلگىسى. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن
بوغدا چوققىسى تىيانشاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5445 مېتىر بولۇپ، چوققا قار- مۇز بىلەن قاپلانغان، يىل بويى ئېرىمەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تۇرۇپ، باشنى كۆتۈرسىلا شەرقىي جەنۇب تەرەپتە قاتارلىشىپ تۇرغان ئۈچ چوققىسى بار بوغدا چوققىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ خۇددى ياندىلا تۇرغاندەك ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
«تىيانشان تېغى شىنجاڭنىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك بەلگىسى، بۇ تاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنى ئاساسىي لايىھە ئامىلى قىلىپ تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شەكلىنىڭ ناھايىتى گۈزەل، كۆرۈنۈشىنىڭ ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكى، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغانلىقىنى ئويلاشتۇق، ئاندىن، تىيانشان تاغ تىزمىسى دۇنيا تەبىئىي مىراسى بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى مۇجەسسەملەنگەن» دېدى مۇكاپات بەلگىسىنى لايىھەلىگۈچى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى باش مۇھەررىر ئىشخانىسى كۆرۈش سېزىمى مەھسۇلاتلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇھەررىرى راۋ لىۋېن.
لايىھەلەشكە كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە، راۋ لىۋېن خام ماتېرىيال بىلەن تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئارىسىدىكى يوشۇرۇن باغلىنىشنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا بوغدا چوققىسىنىڭ تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بۇ ئالىي شەرەپكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ «ئېگىزلىك»تىن «ئېگىز چوققا»غا قاراپ ئۆرلەپ ئىلگىرىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدى.
«كۆرۈش سېزىمى بويىچە نامايان قىلىشتا، بىز دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇھىم مۇكاپات مېدالى، مۇكاپات لوڭقىسى بەلگىسىنىڭ كۆرۈش ئۈنۈمى، ئۇسۇلى ۋە ئىجادىيەت ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا قاپارتما نەقىش ئۈنۈمى ئارقىلىق بوغدا چوققىسىنى نامايان قىلىشنى تاللىدۇق. ئۇ ئىخچام، ھەيۋەتلىك، كۆرۈنۈش تۇيغۇسى، ئىستېرېئولۇق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە» دېدى راۋ لىۋېن.
بەلگىدىكى «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دېگەن بەش خەتنى جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى سۈن پېڭ يازغان. ئۇ، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەھمىيىتى زور، شۇڭا خەت شەكلىنى تاللىغاندا ئۇنىڭ ئەدەبىيات، تارىخ بىلەن بولغان باغلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى. ئاخىرىدا ئۇ ئىككى خىل نۇسخىنى تاپشۇردى.
«مەن سۇ شىنىڭ شىڭشۇ ئۇسلۇبى ۋە ئوۋياڭ شۈننىڭ كەيشۇ ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ ئىككى خىل نۇسخىدا يازدىم. سۇ شىنىڭ شىڭشۇ خەت شەكلى توم، ئوۋياڭ شۈننىڭ كەيشۇ خەت شەكلى جانلىق. سۇ شىنىڭ شىڭشۇ خەت شەكلىنى تاللىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ داڭلىق ئەدىب، خەتتاتلىق ماھارىتى قالتىس بولۇپلا قالماي، يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىقتىدارى جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا بىرقەدەر ماس كېلىدۇ؛ ئوۋياڭ شۈننىڭ كەيشۇ خەت شەكلىنى تاللاشتا ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبىدىكى سالماقلىق، ئېھتىياتچانلىق، مەردانىلىكنى ھەم جاسارەتنى ئىپادىلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئاساس قىلدىم، بۇ خىل سالاپەت تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمىگە بىرقەدەر ماس كېلىدۇ.» سۈن پېڭ مۇنداق دېدى: ئاخىرىدا تەشكىلىي كومىتېت كەيشۇ نۇسخىسىدىكىنى ئىشلىتىشنى تاللىدى.
راۋ لىۋېن مۇنداق دېدى: كەيشۇ ئۇسلۇبىدا يېزىلغان «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دېگەن خەتنى ئىشلىتىشتىكى سەۋەب، بۇ خەت شەكلىدە يەنە سالماقلىق، قەيسەرلىك ۋە كەڭ قورساقلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، تىيانشان تېغىنىڭ سالاپىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.