ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:04:58 2024-12-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى 

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى 

 يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى 

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى 

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋمېندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ 2025- يىللىق يېڭى يىل ۋە باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ تور ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىش ۋە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قولىدىكى ھوقۇققا قارىتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى دەل جايىدا قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان ساھە ياكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان جايلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قارىتا تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ياخشى ئېچىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۈلگە تىكلەپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا تۈزۈپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار دېموكراتىيەنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يىغىندا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، يېڭى كەيپىيات يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى باسقۇچتىكى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىغا قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى بىلەن بولغان ئالاقىنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن سۇپىسى كۆزنىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى خىزمەتلەرنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال- خۇرام، تىنچ- ئامان، ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەش، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە توشۇش كۈچى زاپىسى سېلىنمىسى ۋە تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىر ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالەت تەييارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۆۋەتچىلىك- دىجورنىلىق قىلىشنى چىڭىتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بايرام مەزگىلىدىكى پاكلىق ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تور ئىدېئولوگىيە خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتىدىكى چوڭ ئىش. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توردىكى ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكىرنى سىجىل زورايتىپ، توردىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. قانۇن بويىچە تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تور ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىنى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئەتراپلىق ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125