ساياھەت شىددەت بىلەن جانلاندى
11:46:47 2024-12-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ساياھەت شىددەت بىلەن جانلاندى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

 گۈزەل شىنجاڭ، قايناق ھېسسىياتقا تولغان قار- مۇز. يىل ئاخىرىدىكى شىنجاڭدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قار- مۇزلارنى تاماشا قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا قار قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى. 

 2024- يىللىق كالېندارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋارىقى ئۆرۈلەي دەپ قالدى، يىل بويى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى: 12- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، شىنجاڭ 2024- يىلى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يەنە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.

 300 مىليون ئادەم قېتىملىق چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىش ئويلىغىنىمىزدەك بولدى. بۇ ھەم 2024- يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا بېكىتىلگەن نىشان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نامايەندىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2024- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى بارغانسېرى جۇلالاندى.

 شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى كۈچ- قۇۋۋەت توپلاپ، ئارتۇقچىلىقنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرىدىغان، چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋېلىپ، تەدرىجىي ھالدا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە، شۇنداقلا روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى ۋە بەخت كەسپىگە ئايلانماقتا.

 ساياھەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىكى «ھالقىلىق ئاچقۇچ»

 ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، مول تارىخىي مەدەنىيەت، قويۇق، رەڭدار مىللەتلەر ئۆرپ- ئادىتى... بۇلارنىڭ ھەممىسى گۈزەل شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى. لېكىن ساياھەت تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىدە تەرەققىيات ئىدىيەسى، بايلىق تەقسىملەش، داڭلىق ماركا يارىتىش، تەشۋىق قىلىش- ماركېتىڭ، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت. مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى جەزمەن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكتىكى ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، تەرەققىياتتىكى ھالقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى خاس ئۆرنەك ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشتى.

 توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ ئاچقۇچى. توغرىلىرىنى ساقلاش ئاساس بولۇپ، قوغدىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى؛ يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىش بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خاس ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلدى.

 ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۇچا شەھىرى كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىلىكى مۇزېيى «ميۇز لايىھەلەش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى؛ «مۇزېي قىزغىنلىقى» سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇزېي، خاتىرە سارايلار كۆرگەزمە، پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى؛ «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى، «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

 ئېچىش سالمىقى زورايتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى چوڭقۇر قېزىلىپ، ساياھەت يېڭى داڭلىق ماركىلىرى ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە)»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېچىش، قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، خوتەن ۋىلايىتى «يېڭى سەككىز مەنزىرە»نى يولغا قويۇپ، تارىمنى، كوئېنلۇن تېغىنى ئايلىنىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مەدەنىيەت- ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى.

 مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، جەمئىيەت، ئىقتىساد ئۈنۈمىدىن قوش ھوسۇل ئېلىندى. ھەرقايسى جايلار بىر تۈركۈم مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىش پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى، بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە 8000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى؛ «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «ئويۇن قويۇشقا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» «مەززىلىك تائاملارنى تېتىغاچ ساياھەت قىلىش» قاتارلىق مەدەنىيەت- ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان يېڭى ئەندىزە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى. «مېنىڭ ئالتىيىم»نىڭ قىزغىن قويۇلۇشى ئالتاينى ساياھەت قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بېرىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى، شۇنداقلا بۇ قىزغىنلىق ئەتىيازدىن قىشقىچە داۋاملىشىپ، 2024- يىلىدىكى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ساياھەت ھادىسىسىگە ئايلاندى، «ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» بىر مەھەل ئەۋج ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. 

 توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىشىدىكى «ھالقىلىق ئاچقۇچ» بولۇپ قالدى. يېڭىلىق يارىتىش يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

 تەرەققىيات ئومۇمىي قاتلىمى ئۆستۈرۈلدى 

 مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 19 ساياھەت مەنزىرە رايونىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتتى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى. بۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە ئېسىل داڭلىق ماركا بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

 دۇنياۋى ساياھەت بايلىقىغا ئىگە شىنجاڭ قانداق قىلغاندا دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنالايدۇ؟ پەقەت قەتئىي بوشاشماي سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بەرگەندىلا، ئاندىن «ئارزۇدىكىدەك جاي» مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ تەسىرلىك قىلىپ، دۇنياغا جەلپكار شىنجاڭ، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، جۇشقۇن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

 بۇ يىل مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا قاتناشقا رۇخسەت قىلىنغان تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل ئېقىمى 3 مىليون 720 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشتى. بۇ يىل، مايتاغ- كۇچا تاشيولى، پەنلۇڭ قەدىمىي يولى، S101 لىنىيەسى، G219 لىنىيەسى، ئالتاي- قۇمقاناس تاشيولى، باغراش كۆلى ئايلانما تاشيولى قاتارلىق «ۋاڭخۇڭ تاشيول»لار ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. تاشيول ساياھىتىنىڭ «ئوتتەك قىزىش»ىغا تۈرتكە بولغىنى شىنجاڭنىڭ تاشيول خاس مەنزىرە يوللىرىنىڭ سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش پىلانى ۋە كونكرېت ھەرىكىتى بولدى، بۇ يەنە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساياھەت ماركىسى توپلانغان رايون بەرپا قىلىش، دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشتىكى كۆپلىگەن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

 دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھى جەزمەن مۇكەممەل زامانىۋى ساياھەت سىستېمىسىنى ھازىرلىشى كېرەك. سىستېما قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت تەمىناتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە خاسلىقىنى بېيىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قاتلىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

 بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈردى. شىنجاڭ ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغىنىڭ مول قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قار- مۇز كەسپىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار- مۇز ساياھىتىدىكى داڭلىق جاي بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ سانى 101 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى، شىنجاڭ يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، شۇنداقلا جىكپۇلىن، جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى، تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتى، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ساياھىتى، قۇملۇق ساياھىتى، تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى قاتارلىق ئالاھىدە تۈر ساياھەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، خەلق ئۆرپ- ئادەت ساياھىتىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇردى، چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاچتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، قار- مۇز ساياھىتى، ئالاھىدە تۈر ساياھىتى قاتارلىقلار پۈتۈن مەملىكەتتە داڭ چىقاردى.

 ئۇنىۋېرسال ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش، قونالغۇ، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاقىل ساياھەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «خۇش چىراي شىنجاڭ» مۇلازىمەت داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى. 2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىنغان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلغان تۈر 104كە يېتىپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 8 مىليارد 19 مىليون يۈەن بولدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلغان مېھمانساراي تۈرى 185 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 49 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولدى؛ يېڭىدىن 171 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىندى، 618 ساياھەت ھاجەتخانىسى ئۆزگەرتىلدى.

 2024- يىلى، شىنجاڭ يەنە دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 11نى، دۆلەت دەرىجىلىك كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايوندىن ئۈچنى، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستراھەت ئورنىدىن ئىككىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى... شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىدىكى ئېسىل داڭلىق ماركا قوشۇنى سىجىل زورايدى، بۇ، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرغانلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە 300 مىليون ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

 كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

 بۇ يىل 8- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ توپلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى 2024- يىلىدىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىدىكى كىشىنى ئەڭ روھلاندۇرىدىغان خەۋەر بولدى.

 كەسىپ توپى بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق، بىر- بىرىگە تايىنىدىغان كۆپ مىقداردىكى كارخانا ۋە ئاپپاراتلارنىڭ توپلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى جەزمەن ئۆزىنىڭ يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، باغلىنىشلىق كەسىپلىرى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، يۇغۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىرىنى يۇغۇرۇشى، يۇغۇرۇشقا بولىدىغانلىرىنى تولۇق يۇغۇرۇشى كېرەك.

 «شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، شىنجاڭنىڭ سەمىمىيلىكى، شىنجاڭنىڭ تەمى، شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ يادرولۇق جەلپ قىلىش كۈچىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۈيجۈن.

 يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش ماھىيەتتە شىنجاڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ توپىنىڭ يادرولۇق جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم. شىنجاڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مول تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت قاتارلىق بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەزمۇنىغا باي، خاسلىقى روشەن بولغان ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى خارابىلىكى توپى ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلىكلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل مىڭئۆي، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى قاتارلىق دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تايىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلدى؛ «تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەت قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما پائالىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 «قاتناش +» «تەنتەربىيە +» «يېزا ئىگىلىكى +»... مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

 قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تېزلىشىۋاتىدۇ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» «جىڭخې ناملىق» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزلىرى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى. مايتاغ- كۇچا تاشيولى قاتارلىق ۋاڭخۇڭ تاشيوللاردا، قاتناش تارماقلىرى بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ يېقىشلىق مۇلازىمەت ۋە تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلىدى.

 تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنى ۋەكىل قىلغان مۇسابىقە داڭلىق ماركىلىرىنى پائال يارىتىپ، يۈرۈشلۈك مۇسابىقە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

 يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى، شىنجاڭ يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنى سىجىل بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن سەيلە- ساياھەت، ئىستراھەت- ئارام ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 يۇغۇرما تەرەققىيات مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلدى. 2024- يىلى شىنجاڭدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ھەم ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت سۇبيېكتى تەخمىنەن 514 مىڭ 100 بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈر 165كە يېتىپ، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 77 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى كۈچلۈك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى.

 5- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى «مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىسى»غا ئايلاندى، ئۇلار ياكى ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، ئۆز جايىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، مەدەنىيەت تارىخىنى جانلىق، ئوبرازلىق تونۇشتۇردى؛ ياكى ساياھەتچى سالاھىيىتىدە شەھەرچە ۋە كونا كوچىلارنى سەيلە قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي» ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي ھەمبەھرىلىدى. شىنجاڭدا مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى ھەقىقىي تۈردە «بىرىنچى باشلىق» قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قالدى، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت- سائادەت كەسپى بولۇش خاراكتېرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

 بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا قار- مۇزلار بىلەن قاپلانغان دالىلاردا تەرەپ- تەرەپلەردىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭنىڭ قار- مۇز گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانماقتا. 2025- يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار 700 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ساياھەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىشتىكى مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرىدۇ. 300 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش مۇكەممەل ئاخىرلىشىش، شۇنداقلا يېڭى شانلىق باشلىنىش، يېڭى بىر يىلدىكى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىدىن تېخىمۇ ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125