لەن گېيۈ
سان- ساناقسىز ئادەم دېڭىزى ئىچىدە، ھامان تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەر سىزگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، سىزگە كۈچ- قۇۋۋەت بېرىدۇ.
مەن شىمالدىكى بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدا چوڭ بولغان، ئۇ ناھىيە ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى، ئالغا ئىلگىرىلىمەكچى بولدى، ئۇ شىمالدىكى نۇرغۇن ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇشقا تىرىشتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، لېكىن بىردىنبىر ئۆزگەرمىگىنى بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئاددىيلىق ۋە ھەققانىيلىق.
ئىللىق ياز شامىلى ۋېنچۈەن دەرياسىنىڭ دولقۇنسىز سۇ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ياز كۈنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسسىق قەلبىگە كىردى. مەن قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلانغاچ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا ھازىر يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتقىنىمدا، ئاسماندىكى بۇلۇتلار تۇيۇقسىز توپلىشىپ قارا تۈس ئېلىپ، ئېغىرلىقىدىن خۇددى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك قويۇقلىشىپ كەتتى. بايىلا تېخى مۇلايىم چىقىپ تۇرغان شامال تۇيۇقسىز شىددەتلىك سوقۇپ، كىشىلەرنىڭ چۆچۈگەن ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. ئاياغ ئاستىمدىكى گۈل- گىياھلار ئىغاڭلاشقا باشلىدى، دەرەخ يوپۇرماقلىرىمۇ شالدىرلىشىپ، كىشىلەرنى دەرھال يامغۇردىن دالدىلىنىشقا چاقىردى، تۆت ئەتراپنى يامغۇر ياغىدىغان، بوران چىقىدىغان مەنزىرە قاپلىدى.
مەن ئالاقزەدە بولۇپ بىر شىپاڭغا يۈگۈرۈپ بېرىۋالدىم، يامغۇر تامچىلىرى لەمپىنى بويلاپ تامچىلاپ چۈشۈۋاتاتتى، ئەگەر كۈنلۈك ۋە پۇل ئېلىۋالمىغانلىقىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ بىر گۈزەل مەنزىرە ئىدى. مەن ئۇ چاغدا «بۇ يامغۇر بىردەمدىلا توختايدۇ»، دەپ ئويلىدىم، شۇڭا تەخمىنەن يېرىم سائەتتەك جىمجىت تۇرۇپ تۇردۇم، لېكىن يامغۇر كىچىكلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. مەن بۇ چاغدا دەل بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە بارىدىغان بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈرۈپ باردىم. ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان چېغىمدا، مەن ئۆزۈمنىڭ پۇل ئېلىۋالمىغانلىقىمنى بايقىدىم. ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا، ئاپتوبۇس شوپۇرى تۇيۇقسىز: «قىزچاق، چاپىنىڭىز ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، نېمىشقا تېخىچە ئاپتوبۇسقا چىقمايسىز؟ تېز چىقىڭ، يامغۇردا قېلىپ زۇكام بولۇپ قالماڭ يەنە»، دېدى. مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ قارىسام، چاپىنىم يامغۇردا ھۆل بولۇپ بولاي دەپ قاپتۇ، لېكىن مەن «پۇل ئالماپتىمەن» دېيىشتىن خىجىل بولدۇم. يامغۇردىن دالدىلىنىش ئۈچۈن شىپاڭغا قايتىپ كېتەي دەپ تۇرغىنىمدا، شوپۇر ئۇستام يەنە ئېغىز ئاچتى: «قىزچاق، نېمىشقا تېخىچە ئاپتوبۇسقا چىقمايسىز؟ پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ھېچقىسى يوق، مەن تۆلەپ قوياي، تېز چىقىپ ئولتۇرۇڭ»، دېدى، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ راستتىنلا ئۆيگە قايتقۇم بولغاچقا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقتىم.
يامغۇر يېغىۋاتقانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۇ ياق- بۇ ياققا ماڭىدىغان ۋاقتى بولمىغانلىقتىن، ئاپتوبۇستا پەقەت بىر مومايلا بار ئىدى، تېخى شارپا توقۇۋاتاتتى. مەن ئاپتوبۇسقا ئەمدىلا چىقىشىمغا، كىيىمىم ھۆل بولغاچقا تىترەپ كەتتىم، بۇنى ھېلىقى موماي كۆرۈپ قالدى. موماي مېنىڭ يۈزۈمدىكى يامغۇر سۈيىنى سۈرتۈشۈمگە بىر نەچچە پارچە قەغەز قولياغلىق بەردى، مەن مومايغا رەھمەت ئېيتىپ، ئارقىدىراق بىر ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن، موماي مەن بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتى. شارپا توقۇش ئۇسۇلى، نەۋرىسىنىڭ ئۆگىنىشى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى ... مەن قەغەز قولياغلىقتا يۈز- كۆزۈمنى سۈرتكەچ، ئۇنىڭ سۆزىنى زوق- شوق بىلەن ئاڭلىدىم، كۆڭلۈمدە ئېيتقىپ بەرگۈسىز بىر خىل ئىللىق ئېقىم بار ئىدى، خۇددى خۇەينەندىكى جىزى چېچەكلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرگەندەك خۇشال بولدۇم. بىردەمدىن كېيىن موماي ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالدى، بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدىكى بېكەتكىمۇ كېلەي دەپ قالدۇق. ئاپتوبۇستىن چۈشەر چاغدا، مەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. مەن راستىنلا بەك تەسىرلەندىم، ئەگەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرىغا يولۇقمىغان بولسام، ئۆيگە قاچان كېلەلىشىممۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى. شوپۇر ئۇستام بولسا ئاق كۆڭۈل، ساددا كۈلۈمسىرەپ، ماڭا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «تېز ئۆيگە قايتىڭ، يامغۇر ھازىر توختىدى، سەل تۇرۇپ يەنە يېغىپ قېلىشى مۇمكىن»، دېدى. ئاممىۋى ئاپتوبۇس تۇمان ئىچىدە غايىب بولغاندىن كېيىن، مەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
ئاشۇ كۈندىن كېيىن، مەن بۇ ناھىيە بازىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئىلگىرى مەن «جەنۇب تەرەپتىكى شەھەرلەرنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەنىدىم، چۈنكى ئۇ جايلاردا تاغ، سۇ، قولۋاق بار ئىدى. لېكىن ھازىر ئۆزۈم چوڭ بولغان بۇ كىچىك ناھىيە بازىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. بەلكىم ئۇ جەنۇب تەرەپلەردەك رومانتىك بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ئاددىي- ساددىلىقى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان شائىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يۇرتىنى سېغىنىدىغان ھەر خىل داڭلىق مىسرالارنى يازىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە چىن ھېسسىيات ۋە ئەسلىمىلەر ئەڭ كۆپ ئىكەن.
يامغۇر توختىدى، يامغۇردىن كېيىنكى كوچا، ھاۋا ئوچۇق چاغدىكىدەك ئېنىق كۆرۈنمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى يورۇق ئىدى؛ يامغۇر يېغىپ مانانلاشتۇرۇپ قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىرە ئىدى. قۇياشنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈچلۈك نۇرى ئاجىزلاپ قالغان بولۇپ، دۇنيانى ناھايىتى يېقىشلىق، ئىللىق يورۇتۇپ تۇراتتى، يورۇتقىنى مەنزىرە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىللىقلىققا تولغان قەلب ۋە ياز يامغۇرىغا يوشۇرۇنغان ئاقكۆڭۈللۈك ئىدى.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 8- يىللىق 5- سىنىپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)