ياغسىز يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاش كېرەك؟ سىزگە ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى كۆرۈپ چۈشىنىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي
17:05:50 2024-12-30 تىيانشان تورى

ساغلام تۇرمۇش يېمەكلىكنى توغرا تاللاشتىن باشلىنىدۇ

ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى كۆرۈپ چۈشىنىپ، ياغسىز، مەززىلىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ

ھەر كۈنى بەدەننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭ

ساغلام بولۇش ئەمدى چۈش ئەمەس

ياغقا قانداق ئىلمىي قاراش كېرەك؟

 ياغ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددا، لېكىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش سېمىزلىك ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سېمىزلەر، قاندا ياغ كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى ۋە (چوڭ تەرىتى ياغلىق كېلىدىغان) ياغ مەنبەلىك ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەر توپى ئىمكانقەدەر ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللىشى كېرەك.

ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

 ياغسىز يېمەكلىكلەرنى تاللاشتا، يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ، ھەر 100 گىرام (قاتتىق ماددا) ياكى ھەر 100 مىللىلىتىر (سۇيۇقلۇق)دىكى ياغ مىقدارىنىڭ ئۈچ گىرام (قاتتىق ماددا) ياكى 1.5 گىرام (سۇيۇقلۇق)دىن تۆۋەن بولغاننى تاللىساق ئەڭ ياخشى.

تۇرمۇشتا ياغنى ئازايتىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

 تاماق ئەتكەندە ياغنى ئاز ئىشلىتىش، ھوردا پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش قاتارلىق ياغسىز ياكى ياغ ئاز ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللارنى تاللاش كېرەك، قاينىتىپ پىشۇرۇش ياغدا پىشۇرغاندىن ياخشى. ياغ چەينىكى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياغنى كونترول قىلىش، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، توخۇ پاچىقى، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك. قورۇما سەينىڭ سۈيىنى ئىچىشتىن ساقلىنىش، ئۇنى تاماققا ئىلەشتۈرۈپ يېمەسلىك كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125