20 ئېسىل لىنىيە، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبارلىق باھا، قالتىس ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى بار... 2025- يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى مول، رەڭدار بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 26- كۈنى 2025- يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۈرۈمچى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 200دىن ئارتۇق تۈرلۈك قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى، قار- مۇز تەنتەربىيە پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن. مەسىلەن: يېڭى يىل مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرى قالتىس مەدەنىيەت- ساياھەت قار- مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ «تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى»، شىداچياۋ، يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى، گاۋتيې ۋوگزالى قاتارلىق رايونلاردىكى باش تېما چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى، يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى ۋە بەييۈن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ يېڭى يىل شادلىقى ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان خوڭشۇلىن چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى تاۋ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو . ئۈرۈمچى تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى»مۇ 12- ئاينىڭ 31- كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ، بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1191 مو كېلىدۇ، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال داڭلىق قار- مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى ھېسابلىنىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى مەزگىلىدە 70 گۇرۇپپا قار- مۇز ئويمىسى ياسىلىپ، 33 مەنزىرە بەرپا قىلىنىدىغان بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، قارلىق موتوسىكلىتى، ئات سۆرەيدىغان چانا، بانان شەكىللىك كېمە، ئەپەندى قار شەھىرى شادلىق باغچىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئۆيى قاتارلىق كۆپ خىل قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ۋە يۈرۈشلۈك تۈر بار ئىكەن. بۇ تۈرنى خۇاتىڭ پاي كونترول گۇرۇھى بىلەن چۇاڭبو دۆلەت مۈلكى گۇرۇھى 55 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلغان بولۇپ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى كاتتا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ مۇراسىم ساليۇت كۆرگەزمىسى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق قار ئۈستى ۋە مۇز ئۈستى تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
باھار بايرىمى مەزگىلىدە تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى خىيالىي قار- مۇز شەھەرچىسى، ھەرقايسى باغچىلاردىكى مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلىدىكەن؛ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدىكى 17- نۆۋەتلىك شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق مال كۆرگەزمىسى، «مول ھوسۇلدىن دېرەك بەردى خاسىيەتلىك قار يېغىپ، مېھىر ـ مۇھەببەت يۇغۇرۇلدى خۇشاللىقتىن كۈچ ئېلىپ ئىلھام بەردى» تېمىسىدىكى 2025- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى كوچا ئويۇنى سەييارە ئويۇنى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرگە 2025- يىللىق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى يېڭى تەسىراتى ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە 20 ئېسىل لىنىيەنى يولغا قويۇپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتى، قار- مۇزلۇقتا كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، مەززىلىك تائاملار ساياھىتى، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار كۆڭۈل ئېچىش، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئىبارەت ئالتە چوڭ تېمىنى مۇجەسسەملەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرىدىكەن. (مۇخبىر لى كەي)