ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
18:30:37 2024-12-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك

 ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

12- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو خۇلاسە سۆزى قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. تۇنجى قېتىملىق مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، باش شۇجى مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنى تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئورنى- رولى، مەسئۇلىيىتى- بۇرچى، ئومۇمىي تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

   ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىدە پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- ئورۇنلاشتۇرۇشىغا توغرىلىنىپ، ئىسلاھاتتىكى «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىجىل مۇقىم بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا- بازار (كوچا) كۈچلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «كىچىك ئات بىلەن چوڭ ھارۋىنى سۆرەش»تەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا كۈچ قوشۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قاپلاش ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن قاپلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. كۇچا «كۈسەن كىچىك كوچىسى» قاتارلىق ئېسىل تەجرىبە- ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ، كېڭەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەتنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، چەكتىن ئاشقان ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قوشۇنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئورگان ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، بولۇپمۇ جەمئىيەت خىزمىتى سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار جەمئىيەت خىزمىتىگە دائىر نەزەرىيە سىستېمىسى، سىياسەت، قانۇن- نىزام، كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ماس ھەمكارلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

 چېن مىڭگو خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قوشۇننى كۈچلۈك قۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىدىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار ۋە جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125