شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولايلى
10:02:13 2024-12-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىدا پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جەمئىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بەختى، ئامان ـ ئېسەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل، مەركەز تۇنجى قېتىم جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە توغرىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئاقىللار ۋاقىت- شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدۇ، دانالار ئىشقا قاراپ تەدبىر تۈزىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىدە پائال ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى. لېكىن بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتىگە قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، جەمئىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز. بىز شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز، بۇرچ تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن قاپلاش ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن قاپلاشنى تۈرلۈك تەشكىلاتلار، تۈرلۈك كىشىلەر توپىغىچە ئۈنۈملۈك ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

دەۋر چوڭ دولقۇنىدا تۇرۇپ، جەمئىيەت خىزمىتىدە دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى «ئاچقۇچلۇق تەدبىر»دىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور قىممەتنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىجىل مۇقىم بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىچە ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، جەمئىيەت خىزمىتى تەشكىلاتلىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن- نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئورگان ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ تىنچ- ئامانلىقى، ھال- ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەمئىيەت خىزمىتىدە جەزمەن يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125