ما شىڭرۇي جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 12- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى خۇ شېڭ ۋە جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ھەم ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ مۇقىملىقنى قوغدىدى، تەرەققىياتنى تۇتتى، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «مۇقىم» بولۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ياخشى» بولۇش ئامىللىرى ئۈزلۈكسىز توپلاندى، «ئىلگىرىلەش» قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئەۋزەل، ھازىر مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالماقتا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، شۇنداقلا تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلدى، تېخىمۇ چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىلدى. بىز كەڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ۋە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشتە تېخىمۇ چوڭ نەتىجە يارىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
خۇ شېڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بولۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جەمئىيەتتىكى ئالاقىدار يولداشلار ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور، كارخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ھېسابلاش كۈچى، مەدەنىيەت- ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز.
چېن ۋېيجۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)