تۈجۈپىلىك تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىشىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۈكسىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى، ۋۇجياچۈ، سانجىدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسىدە ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، بۇلغىنىش سەۋەبىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۈرۈمچى، ۋۇجياچۈ، سانجىدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۈچ جايدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن ئايرىم- ئايرىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلەشتى، يۈزتۇرا مۇھاكىمە قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەپ، رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تۈجۈپىلىك تىزگىنلەش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاسمىنى دائىم كۆك بولۇش، ھاۋاسى دائىم ساپ بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بايرامنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، يېڭى بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسى، ۋۇجياچۈ شەھەرلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە- مۇھىت ئىدارىسىگە باردى، ھەربىر جايغا بارغاندا، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن ھازىرقى ھاۋا سۈپىتىگە ئورتاق ھۆكۈم قىلىپ، بۇلغىنىش سەۋەبىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى− سانجى− شىخەنزە» رايونى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتىكى ئەڭ مۇھىم جاي. سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر سالماقنى بوشاشتۇرماي داۋاملاشتۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ ھاۋا مۇھىتى سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بولۇپمۇ ئېكولوگىيە- مۇھىت تارماقلىرى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يادرولۇق سەۋەبنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، تولۇق تەتقىق قىلىپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، پەيدا بولۇش سەۋەبى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ئامىللارغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سانائەتنى مەنبە قىلغان بۇلغىنىشنى چوڭقۇر تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە كارخانىلارغا چىڭ قادىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ- ئۆلچەپ، دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە نىشانلىق تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ سانائەت باغچە رايونلىرىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆچمە مەنبەدىن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، ئاساسلىق يولدا قاتنىمايدىغان كۆچمە ماشىنىلار قاتارلىقلارغا بولغان نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كۆچمە مەنبە بويىچە مۇھىت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك. كۆزىتىش- ئۆلچەش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈجۈپىلىك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش- ئۆلچەش تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىتقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. كەلگۈسىنى كۆزلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق خىزمەت، بۇ، بىر رايون ياكى بىر تارماقنىڭ ئىشى ئەمەس، جەزمەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشى، رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىشى، تارماقلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، ئوخشاش مەسىلىگە ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىتى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، تەپەككۇر شەكلى، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەتتە ئادەتتىكىلەشتۈرۈش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
قادېن كەبىن، جۇ لىفەن، لى يۇڭخۇڭ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.