−يېڭى يىللىق بېغىشلىما
خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
يىللار تەرتىپ بويىچە ئالمىشىپ، يېڭى شانلىق سەھىپە ئېچىلدى. ناھايىتى ئالاھىدە بولغان 2024- يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، بىز ئۈمىدكە تولغان 2025- يىلنى كۈتۈۋالدۇق.
ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا، يۈز مىليونلىغان خەلق ۋاقىتنىڭ زور قەلىمىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
بۇ يېڭى سەھىپىدە، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرمىسى» بار، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن «كۈچ ئۇلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» بار، يىللىق ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭدىن ئاشقان «تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش» بار، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغان «كۈچلۈك قۇۋۋەت» بار... ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى.
بۇ يېڭى سەھىپىدە، چاڭئې 6- نومۇر ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا يۈزىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليوندىن ئېشىشتەك ئىجادىي يۈكسىلىش بار، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشتەك خەلق تۇرمۇشىدىكى ياخشىلىنىش بار، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى پۈتۈن يىلدا 194 قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولۇشتەك تارىخىي ياخشى نەتىجە بار، تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەر قاتارلىقلار جانلىق ئىزاھلاپ بەرگەن يېڭى دەۋر جۇڭگو روھى بار. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، پەن- تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا ماڭدى، خەلق تۇرمۇشى ئاساس قىلىندى، جۇڭگو روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى.
بۇ يېڭى سەھىپىدە، «تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش»تىن «ئىناق بىللە ياشاش»قىچە بولغان تومۇرداش ۋە تارىخىي ھالقىش بار، «چيەنكەيدىن شاڭخەيگىچە» «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا گۇۋاھ بولۇپ نامايان بولغان «داغدام يول» بار، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىغا ئورتاق ئىنتىلىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بەلگە سالغان «يەرشارى جەنۇبىنىڭ ۋاقتى» بار. دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا، جۇڭگونىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، «سەپەرداشلار» بارغانسېرى كۆپەيدى.
«بوران- چاپقۇن» ئالدىدا سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، «ئوتتۇرا ئېقىندا شىددەتلىك دولقۇن بىلەن ئېلىشىش» جەريانىدا ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
مۇھىم تارىخىي تۈگۈن ۋاقىتقا چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشتى. بۈگۈنكى جۇڭگو «ئاچقۇچلۇق مەزگىل»دە يۈرۈش قىلماقتا، لېكىن يېرىم يولغا بارغاندا تىرىشىپ، قىيىنچىلىق، جاپا- مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش شەرت. يېپيېڭى بىر يىلدا، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ، بۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئەھمىيىتى زور. قانچىكى ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق بولغانسېرى، داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتكەنسېرى، ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.
ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتايلى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىكى «ئالتۇن يول»غا ئايلاندى، شاڭخەي جاڭجياڭ ئىلگىرىكى «جياڭسەي كىچىك بازىرى»دىن «پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى»گە ئايلاندى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى... جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىشلەر ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچ توپلىشى، ئېنېرگىيە قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك غەيرەت- شىجائەتنى ئۇرغۇتساق، بىز مۇقەررەر ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.
ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتايلى. ھېچقانداق بىر مۇۋەپپەقىيەت مېۋىسىنى ئاسانلا ئۈزۈپ ئالغىلى بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىقلار، توسالغۇلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. نىشان يېتەكچىلىكى بولسا، پەقەت قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، «تۆمۈر يەلكە» «كەڭ يەلكە»نى تاۋلىغاندىلا، ئاندىن يېڭى مەنزىل ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ھەم دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىگە بولغان كۆپلىگەن ئەۋزەللىك، پايدىلىق شارائىت ۋە غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى كۆرۈپ، ھەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولساقلا، بىز ھەرقانداق بوران- چاپقۇندىن قورقماي، باشتىن- ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىيەلەيمىز.
ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلىكتە ئەمەلىي ئىشلەيلى، كۈرەش قىلايلى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، ھەم ئەڭ ئۇلۇغ ئىش.» يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش دەل ئۇنىڭدىكى «ئەڭ قىيىن ئىش»نى ھەل قىلىش، ئۇنىڭدىكى «ئەڭ ئۇلۇغ ئىش»نى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچ. ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ تۆككەن تەرى يىغىلىپ يېڭى دەۋردىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېقىننى ھاسىل قىلدى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىدىن ياڭرىغىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان گۈللىنىش كۈچلۈك ساداسى. ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان نىشان يوق، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.
چەكسىز ئۆتمۈش ھازىرنى ماكان قىلىدۇ، چەكسىز كەلگۈسى ھازىرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مەنبەسىدە تۇرۇۋاتىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14- بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى، مۇنداق سادا قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا:
«بىز جەزمەن ۋاقىتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دەۋرنىڭ ئەزىمەتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)