قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | بالامغا تۇغۇلغان كۈنىدە ئېيتقانلىرىم
13:07:14 2025-01-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جياڭ فاڭ

 بالام، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

 ئەسلىدە بۈگۈن بىر نەرسە دېگۈم يوق ئىدى، لېكىن يەنىلا چىداپ تۇرالمىدىم ... سىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققان بۇ بىر يىلدا، بىز سىزنىڭ بۇ مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتكە تىرىشىپ ئۇيغۇنلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇق. بولۇپمۇ سىز تۇنجى خىزمىتىڭىزدە، خىزمەت نەتىجىسى مەسىلىسى سەۋەبىدىن دائىم رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئەيىبلەندىڭىز، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ دېمىدىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت ئەھۋالىڭىزنى سورىغىنىمىزدا، سىز پەقەت «يامان ئەمەس» دەپلا جاۋاب بەردىڭىز. كېيىن ئۇزاققىچە سۈكۈتكە چۆمۈپ كەتتىڭىز ...

 سىزنىڭ چوڭ بولۇشىڭىز ۋە مۇستەقىل بولۇشىڭىز ئۈچۈن، بىز سۈكۈت قىلىشنى تاللىدۇق. ئاخىرى، سىز ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇۋالچىلىقىڭىز ۋە تۆلىگەن بەدىلىڭىزنى بايان قىلدىڭىز، بىزنىڭ يۈرىكىمىز پارە- پارە بولۇپ كەتتى. شۇ دەقىقىدە، بىز تۇيۇقسىز ئىلگىرى ئەركىلەيدىغان سىزنىڭ بىردىنلا چوڭ بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بايقىدۇق... بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئاغرىشتىن باشقا ئىش بولمىدى... يىغلاۋاتقان سىزگە قاراپ، نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق... بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق ئىلھام، مەدەت، تۈرلۈك ۋەدىنىڭ ھەممىسى خۇنۈك، كۈچسىز بىلىندى.

 بالام، بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىزدە سىز ئۈچۈن قىلالايدىغىنىمىز شۇكى، پەقەت سىزنى ئازراقمۇ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراتمىساق، ئاندىن خاتىرجەم بولالايمىز. ئىككىنچى ۋاقىتلىق خىزمىتىڭىزدە، بەلكىم ئىدارىنىڭ خاراكتېرى ئوخشىماسلىقىدىن، بەلكىم خىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قەدەر تونۇش بولۇشىدىن بولسا كېرەك، گەرچە مائاشىڭىز يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كۆپ گەپ قىلىدىغان، چىرايىڭىزدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىڭىز، دائىم بىز بىلەن خىزمەتتىكى ھەر خىل چۈشەنمەسلىكلەرنى مۇزاكىرە قىلدىڭىز ... بەزىدە رەھبەرلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن خوشال بولدىڭىز. بالام، بىز سىزنىڭ ھەر بىر خىزمەتدىشىڭىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى، بۇ خىزمەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇق، ئۇ سىزگە ئىشەنچ، غۇرۇر ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى روھىي جەھەتتىن گۈزەل ھۇزۇر ئېلىپ كەلدى.

 بالام، بىز سىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭىزغا قارىتا ئەڭ ئاساسىي پىلان تۈزۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ خىزمەت گەرچە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاققا بارمايدۇ. ئاشۇ قېتىمقى ئۆلكىلىك ئىمتىھاندا، سىز جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، شىئەنگە بېرىپ سىزنىڭ ئالدىراش تەكرار قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆردۇق، بىزگە گەپ قىلغۇدەك ۋاقتىڭىزنىمۇ ئايىدىڭىز. بىز ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ تەكرار قىلىۋاتقان سىزگە قاراپ، ھەر قىسما ھېسلاردا بولدۇق... بالام، ئىلگىرىكى تىرىشماسلىق، كېيىنكى ئون مىڭ ھەسسە جاپا- مۇشەققەتنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەل شۇ چاغدا، بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئاغرىشتىن باشقا ئىش بولمىدى ... باۋجىدا، ئىمتىھاننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى، پەقەت جىمجىت ھالدا ھالقىلىق پەيتتە پىچاقنى بىلەش ئۈچۈن، سىز بىزنى مېھمانخانىدىن كەتكۈزۈۋەتتىڭىز، بىز مېھمانخانىنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇرغان شۇ دەقىقىدە، تۈگىشىپ كېتەيلا دەپ قالدۇق، نەتىجە مۇھىم ئەمەس، تىرىشسىڭىزلا بولدى... سىز ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، دادىڭىز ئىككىمىز دەرھال چىقىپ يېقىن ئەتراپتىن چۈشلۈك تاماق يەيدىغان جاينى ئىزدىدۇق، پات- پات سائەتكە قاراپ، ۋاقىتنى ھېسابلىدۇق. دەپ كەلسەك قىزىق، ئەگەر قول سائىتى قەغەز بولغان بولسا، بەلكىم يىرتىلىپ كەتكەن بولاتتى...

 ئالدىنقى ئايدا بوۋىڭىز- مومىڭىز، كىچىك بوۋىڭىز- كىچىك مومىڭىزنى ئېلىپ دالى فېڭتۇيىساڭغا ساياھەتكە باردۇق، سىز بىزنى سېپىلغا چىقىپ ئويناشقا دەۋەت قىلدىڭىز، ئۆزىڭىز قېلىپ ياشىنىپ قالغان مومىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ، خۇشال قىلدىڭىز. ئۆيگە قايتقاندا سىز ئاپتوموبىل ھەيدىدىڭىز، بوۋىڭىز كىچىك بوۋىڭىزنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، يول بويى سىزنى: «ئاپتوموبىلنى پۇختا ھەيدەيدىكەن، ئاستا ھەيدەشكە توغرا كەلگەندە ئاستا ھەيدەيدىكەن، تېز ھەيدەشكە توغرا كەلگەندە تېز ھەيدەيدىكەن، چوڭلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى بىلىدىكەن ...»، دەپ ماختىدى.

 بالام، چوڭ بولغاندا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنىشىڭىز، ھەممە ئىشتا ئۆز ئىرادىڭىزگە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك، دۇنيادا ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مىننەتدارلىقتىن باشقا، يەنە «رەت قىلىش»نى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، «ياق» دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلەلەيسىز.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھەرلىك مەدەنىيەت- سەنئەت مەركىزى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125