2024- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، «باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ناھايىتى تېزلا، بىز تۇنجى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى نۇسخىسى»دىكى باھار بايرىمىنى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالىمىز.
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2025- يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى(كىچىك يىل)دىن 2- ئاينىڭ 12- كۈنى (يۈەنشياۋ بايرىمى)گىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش»نى باش تېما قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 12- نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسىي مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تور ۋە تور سىرتىدا 228 تۈرلۈك ھەر خىل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئاساسىي مەيدان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى(كىچىك يىل) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00دە، بۇ نۆۋەتلىك باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لو جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە «خەنزۇچە خەتتىكى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت» باش تېما قىلىنىپ، «ئادەمنى كۆرۈش، نەرسىلەرنى كۆرۈش، تۇرمۇشنى كۆرۈش» ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تىنچ ھالەتتە كۆرگەزمە قىلىش، جانلىق ئىپادىلەش، ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسىگە ۋە زامانىمىزدا ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرىنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، خەنزۇچە خەتكە ئالاقىدار ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت مەزمۇنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى نامايان قىلىنىپ، يېڭى ئېقىمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى پۇرىقىغا تولغان باھار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىدە بەخت- سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان «بەخت، گۈزەللىك، مۇزىكا، يېڭىلىق، يىل، ياخشىلىق، يېمەك- ئىچمەك، خۇشاللىق، باھار، خاتىرجەملىك»تىن ئىبارەت 10 خەت ئوخشاش بولمىغان باش تېمىغا ئايرىلىپ تەسىس قىلىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان مەيدان كۆرۈنۈشى بەرپا قىلىنىدۇ، تامغا ئويۇش، نۇسخا چۈشۈرۈش، قەغەز قىيما، باھار بايرىمىلىق رەسىم، ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇملار، كەشتە، سىرلانغان بۇيۇملار، لەگلەك، خېمىر ھەيكەل قاتارلىق تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت نەپس بۇيۇملىرى نامايان قىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىشتا «خەنزۇچە خەتتىكى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ- ئادەت» باش تېمىسى چۆرىدىلىپ، خەنزۇچە خەت يېزىش، ۋارىسلىق قىلغۇچىلار كۆرگەزمە قىلىش، باھار بايرىمىلىق ئۆرپ-ئادەت بىلىملىرىگە دائىر سوئال- جاۋاب قاتارلىق كۆپلىگەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ھېس قىلىش رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەكلەرنى جانلىق نامايان قىلىش ھەمدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى، ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش سەنئەت تۈرىدىكى تۈرلەرنى ھېس قىلىش ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ گۈزەللىكى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىنىدۇ.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكىدە خەلق ناخشىسى، چالغۇ، جىڭجۈ تىياتىرى، يۈجۈ تىياتىرى، شىنجاڭ ئەلنەغمىسى، تېرە قونچاق تىياتىرى، شياڭشېڭ قاتارلىق سەنئەت تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى ئورۇنلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش گۈللۈك پانۇس كۆرگەزمىسى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى(يۈەنشياۋ بايرىمى) ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوردا پانۇسى، شايى پانۇس، گۈللۈك سېۋەت چىرىغى، قىرلىق پانۇس قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل ئەنئەنىۋى رەڭلىك پانۇسلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، پانۇس تېپىشمىقى تېپىش ۋە پانۇس، تاڭيۈەن، جۇڭگو تۈگۈچى چىگىش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەر يانداشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېڭى يىلنى تەبرىكلەش كىنو فىلىملىرى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى(كىچىك يىل)دىن 1- ئاينىڭ 27- كۈنى(دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12- ئاينىڭ 28- كۈنى)گىچە قويۇلىدۇ، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا كۆرۈرمەنلەرگە يۈزلەنگەن بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان چۇنليەن سوۋغا قىلىش، بەخت خېتى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.