12- ئاينىڭ 30- كۈنى، «گۈزەل كاتتا، مەرىكە سىمفونىيە ئارقىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئۈرۈمچى 2025- يىللىق يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىدە يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى جاڭ تەيلېي «كۆڭۈللۈك كۈنلەر» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)
يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىگە 2025- يىلىنىڭ دەرۋازىسىنى «چېكىپ» بەردى. 12- ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە «گۈزەل كاتتا مەرىكە، سىمفونىيە ئارقىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ئۈرۈمچى 2025- يىللىق يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. قىشتىكى قەھرىتان سوغۇقتا بۇ كاتتا مۇزىكا مەرىكىسى شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆزگىچە مۇزىكا ھۇزۇرى بېغىشلىدى.
بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنى ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئورۇنلىدى. شۇ كۈنى كەچتە خۇددى چۈش كەبى سېھىرلىك مۇزىكا ئاۋازى تاماشىبىنلارنى كاتتا مۇزىكا دۇنياسىغا باشلاپ كىردى.
كېچىلىكتە مۇزىكا، ناخشا قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلاندى.
ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق شەھەر ئاھالىسى لى ۋاڭدې مۇنداق دېدى: «مەن ھەر يىلى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرگىلى كېلىمەن. بۇ يىلقى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىدە نەق مەيداندا ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلىنىپلا قالماي، دىرىژور يەنە شەھەر ئاھالىلىرىگە بۇ كىلاسسىك داڭلىق مۇزىكىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە چالغۇلاردا ئىپادىلەنگەن مۇزىكا ھېسسىياتىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇنىڭدىن نۇرغۇن ساۋاتلارنى ئۆگىنىۋالدىم».
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ليۇ يا ئون ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بۇ ئويۇننى كۆردى. ئۇنىڭ قىزى مۇنداق دېدى: دىرىژورنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن، قايسى مۇزىكىلارنىڭ ئورمان، ئېرىق ۋە گۈللەرنى تەسۋىرلەۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدىم، بۇ بەك مەنىلىك ئىكەن. ليۇ يانىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر يىلى بالىسىنى ئېلىپ يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، بالىسىغا سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىدىكەن.
خەلقئارا تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاڭ خۇەن مۇنداق دېدى: «ئادەتتە خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولغاچقا، مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىم بەك ئاز، بۇ قېتىم ئاپامنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاپامغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىمنى بىلدۈرمەكچى بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتىسىنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىغا، ۋەتەننىڭ تېخىمۇ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن».
ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ باشلىقى گو ۋېنشياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى 1998- يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى، ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە كېلەر يىلىنىڭ بېشى ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرى ئېسىل مۇزىكىلارنى ئاساس قىلغان ئويۇنلارنى قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئەڭ گۈزەل مېلودىيە ئارقىلىق يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزىدۇ.
ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئوركېستىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتىغا قاراشلىق بولۇپ، 1975- يىلى قۇرۇلغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماركىسىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۇدا نەچچە يىل كۆپلىگەن مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. سىمفونىيە مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان زور بىر تۈركۈم مۇزىكا مەستانىلىرىنى يېتىشتۈردى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل تاشقى ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كەسىپداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. (مۇخبىر سەي جۈن)