بوران- چاپقۇنغا قارىماي دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش
− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
تارىخ ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، ۋاقىت ئېقىنى دولقۇنلاپ ئالغا ئىلگىرىلىدى −
2024- يىلى، خەلق جۇمھۇرىيىتى 75 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق بىر يىلغا كىردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەلكەن چىقىرىپ يەنە يولغا چىقتى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئاچقۇچلۇق بىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.
بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، كۆزدىن كەچۈردى، تۆت قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقتى، بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
بۇ بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ناھايىتى قالتىس تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل ئاشتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى.
بوران- چاپقۇنغا قارىماي دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. تارىخنىڭ يېڭى بىر بېتى ئېچىلغاندا، گۈللىنىشنىڭ تاڭ نۇرى كۆتۈرۈلدى.
توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش −
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ تۈپ نېگىزى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا»
«قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك، لېكىن يېرىم يولغا بارغاندا تىرىشىش شەرت؛ كۆڭۈل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش قىيىن ئەمەس، قىيىنچىلىق، جاپا- مۇشەققەتنى يېڭىپ، ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش شەرت».
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنيۆ خېڭشەندىكى بىر دۈيليەننى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تارىخىي مۇساپىدىكى ئورنىنى تەسۋىرلىدى.
ئادەم تاغنىڭ بېلىگە كەلگەندە يول تېخىمۇ تىكلىشىدۇ، پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە دولقۇن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ۋاقىت 2024- يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىچكى- تاشقى مۇھىتىدا مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى: يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەردى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، چوڭ تەڭشەش، چوڭ بۆلۈنۈش، چوڭ قايتا تەشكىللىنىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى.
بۇ بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋر، تېخىمۇ مۇھىمى چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان دەۋر.
مۇشۇ پەيتتە، «دەۋر بۆلگۈچ» ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىغا 40 نەچچە يىل بولدى؛ «دەۋر بۆلگۈچ» ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىغىمۇ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.
پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل».
دەۋر يېڭى تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيت يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا.
2024- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرى ئېلېكتىر دولقۇنى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى −
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 7- ئايدا پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدى».
بىر ئاي بولمايلا، 5- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر- تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
رىجاۋ پورتىدا، بىپايان دېڭىز ئاسمىنى چەكسىز بولۇپ، زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پىرىستان بويىدا توختاپ، مەيىن دېڭىز شامىلىدا يىراققا نەزەر سېلىپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.
40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دەل ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ كۈچى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىلگىرىكى بۇ نامى چىقمىغان ئاددىي پورتنى تېز سۈرئەتتە 500 مىليون تونناژلىق «ئەڭ ياش» پورتقا ئايلاندۇردى، يىللىق مال كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 7- ئورۇنغا ئۆتتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بىز مۇنداق بىر ئېتىقادنى چىڭىتىشىمىز كېرەك، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ».
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، نېمىگە تايىنىپ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز؟ نېمىگە تايىنىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز؟ نېمىگە تايىنىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرىمىز؟
«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم.» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى، شۇنداقلا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش داۋامىدا مۇقەررەر پارلاق مەنزىل ئاچىدۇ».
چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش چىقىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
2023- يىلى قەھرىتان قىشتىن 2024- يىلى تومۇز مەزگىلىگىچە يەتتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، پۈتۈن جەرياننى پىلانلىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى.
2024- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.
«ماقۇللاندى!»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. دەۋرگە بەلگە سالىدىغان ئىسلاھات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى بارلىققا كەلدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېڭى ئابىدە تىكلەندى.
20 نەچچە مىڭ خەتلىك ھۆججەتتە، يېڭى مۇساپىدىكى ئىسلاھاتنىڭ رەڭگارەڭ «ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلدى −
2035- يىلى چىڭ كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قوللانما ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى؛ «دىققەتنى يەتتىگە مەركەزلەشتۈرۈش» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى؛ 300 نەچچە تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتتى، يەنە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى...
بۇ زور ھەم ئەمەلىي ئىسلاھات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەت ئەل تاراتقۇلىرى بەس- بەستە مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگودا «يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىسلاھات باسقۇچى»، «نامايان بولغىنى تەرەققىياتنىڭ يېڭى يۆنىلىشى».
بۇ، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.
«پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ <قارار>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.
2024- يىلى 10- ئايدا، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەپەر ئورۇنلاشتۇرمىسى زىچ بولغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلىدى، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويىدىن چاڭجياڭ- خۇەيخې رايونى تۇپرىقىغىچە، تۆت كۈن ۋاقىتتا ئىككى ئۆلكىدىكى تۆت شەھەرگە بېرىپ، زور تەرەققىيات دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەممە ساھەنىڭ بەيگىگە چۈشكەنلىكىنى كۆردى.
فۇجيەن شيامېندا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەنخۇي خېفېيدا، مۇھىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى تۇتۇشتا، مەيلى چوڭقۇرلۇق ياكى كەڭلىك جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى قويۇلدى» «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش كېرەك».
فۇجيەن، ئەنخۇيدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك تۆت جۈپ مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن «سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش»نى، «زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماي، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولدى، پەيتنى قولدىن بەرمىدى.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى، «ئىختىيارىي، ئېلاستىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى...
ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، سالمىقى زور بولغان بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يېڭى مەنزىرىسى نامايان بولدى.
قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش −
«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك»
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ئاخبارات خەۋەرلىرىدىكى «ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش» دېگەن بىر جۈملە سۆز مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
1- پەسىلدە ياخشى باشلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدىن 2 -، 3- پەسىلدە تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ تەدرىجىي زورىيىشىغىچە، بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئىقتىسادى ئاچقۇچلۇق پەيت، مۇھىم تۈگۈنگە كىرىۋاتاتتى.
تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي بازىرى ۋە پاي بازىرىنى جانلاندۇرۇش، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش... ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، يىغىندا بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرى دەل ۋاقتىدا كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش... ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى» ماس ھەمكارلاشتى، دەل جايىدا كۈچىدى.
10- ئاي كىرىشى بىلەن، جەمئىيەت كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچى ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا «ئالدىنقى مەزگىلدە يۇقىرى بولۇش، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۆۋەن بولۇش، ئاخىرقى مەزگىلدە ئۆرلەش» ۋەزىيىتى نامايان بولۇپ، پۈتۈن يىلدا ئىقتىسادنىڭ %5 ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلدى ۋە ھۆكۈم قىلدى، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى بېسىپ ئۆتكەن قالتىس يولنى ئەسلىسەك، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.
2024- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى، يېڭى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ھەيدەپ چىقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۇنجى قېتىم يىلدا 10 مىليون دانىدىن ئېشىپ، جۇڭگو ئاپتوموبىل چوڭ دۆلىتىدىن ئاپتوموبىل كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ پۇختا بىر قەدەم تاشلىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىشتىن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگىچە، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچى، تىرەكلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: «ئالاھىدىلىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچلۇقى سۈپىتى ئەلا بولۇش، ماھىيىتى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى».
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «داغدۇغا پەيدا قىلىشقا، داغدۇغا بىلەن ئىش باشلاپ، ئاخىرىدا نەتىجىسىز تارقىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، چوقۇم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشى، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك».
ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنى «ھۆكۈمەت، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە، مۇلازىمەت، قوللىنىش»تىن ئىبارەت پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، 200دىن ئارتۇق پەن- تېخنىكا كارخانىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، 700دىن كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلىدى.
2024- يىلى 11- ئاينىڭ 5- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا قارىتا تېخىمۇ تەخىرسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى».
«پەن- تېخنىكا + كەسىپ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر يىل ئىچىدە يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بۇ مۇھىم يولنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى.
تۈزۈلمە- مېخانىزم جەھەتتە، كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى كۈچەيتىلىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىدە يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىلدى، بىيوياسىمىچىلىق، كىۋانت پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپلەردە ئادەمسىز رايونغا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىلدى... يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇلدى.
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2024- يىللىق يەرشارىۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش كۈچى رەت تەرتىپىدە 2023- يىلىدىكىدىن بىر ئورۇن ئۆرلەپ 11- ئورۇندا تۇرغان، ئون يىلدا 18 ئورۇن ئۆرلەپ، رەت تەرتىپى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىي مېلودىيەسىدە، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات دېگەن ئومۇمىي خور تېخىمۇ ياڭرىدى.
3- ئايدا چاڭشادا، دىققەت يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى؛ 4- ئايدا چۇڭچىڭدا، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش تەتقىق قىلىندى؛ 9- ئايدا لەنجوۋدا، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى...
بىر يىل ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئۈچ مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇقنى كۆزلەپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى پىلانلىدى: «بۇ يىغىنلارنى ھەر نۆۋەتتە بىر قېتىم ئېچىپ، خىزمەتلەرنى بىرمۇبىر تۇتۇپ، نۆۋەتمۇنۆۋەت تۇتۇپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەزمەن نەتىجە يارىتىمىز...»
مەركەز قاتلىمىدىن ھۆججەت چىقىرىلىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان مەركەز كارخانىسى باش ئىشتابى جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى... جۇڭگو زېمىنىدىكى رايون بۆلەكلىرى بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، بىر تاختا چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىنى ھاسىل قىلدى.
«پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى رايونلار غەربىي قىسىمدىكى رايونلارغا ياردەم بېرىشى، تەرەققىي تاپقان رايونلار ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشى، ھەممىسى ئۆزىنىڭ رولىنى دەل جايىدا تېپىشى كېرەك.» 2024- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.
«مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش» «ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» «ھەممىنى قىلىۋېرىشكە بولمايدۇ، تاللاپ تۇرۇپ قىلىدىغاننى قىلىش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۆز ئارتۇقچىلىقىغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن 1- لىكنى تالىشىپ، چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىدە بىر- بىرلەپ قەدەم ئالدى.
بۇ چوڭ تاختا شاھماتتا ئۇرۇقنى ياخشى بېسىشتا، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم.
«ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا «يىل بېشىدىكى تۇنجى دەرس»نى ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى، بولۇپمۇ سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى: «يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، باش شۇجى: «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە جەزمەن ئۆزىمىزگە تايىنىپ كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تاپىلىدى...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سالمىقى ئەڭ زور قەرزنى تۈگىتىش تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى... بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى.
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا «10 + 1» سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاساسلىق خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد باغلاپ، جۇڭگو باشتىن- ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ، دەپ قارىدى.
«بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» 12- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن يىللىق نەتىجىلەرنى شۇنداق خۇلاسىلىدى.
خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئىرادىدىن قايتماسلىق −
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم»
كۆك تاش تاختا، قىزىل خىش ئۆي، خۇاڭجۆ دەرىخى... چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو رايونىنىڭ شيېجياۋەن كوچا باشقارمىسى مىنجۇسۈن مەھەللىسىدە، ئازادە بولغان مەھەللە مېھمان قوبۇل قىلىش زالى، ئىقتىدارى تولۇق بولغان پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، تاماقلارنىڭ مەززىلىك ھىدى بىلەن تولغان مەھەللە ئاشخانىسى... ھەممىسى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى بارار جايى ئىدى.
ئىلگىرىكى يىراق- يېقىنغا داڭلىق «كونا، ۋەيرانە، كىچىك» مەھەللە شەھەرنى يېڭىلاش ئارقىلىق، كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلغان يېڭى ماكانغا ئايلاندى.
2024- يىلى 4- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مىنجۇسۈن مەھەللىسىگە كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشتى: «بىر كىشىلىك تاماق قانچە پۇل؟» «تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ كىم؟ پايدا ئالالىدىمۇ؟» «چوقۇم ئىمكانىيەتلىك سىجىل داۋاملاشتۇرۇڭلار».
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمىتى پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.» باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ شۇنداق دېدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.
2024- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنى باشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 14- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.
ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش بېسىمى باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت بولۇپ، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئەمگەكچىلەرنىڭ تەخىرسىز ئارزۇسى بولۇپ قالدى... ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى، يېڭى بۇرچى.
9- ئايدا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركەز قاتلىمىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى. 12- ئايدا، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزا ئاساسىي قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق توپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.
خەلق تۇرمۇشى چوڭ ئىش، خەلق تۇرمۇشى مۇھىم ئىش.
خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشقىچە، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مەكتەپكە كىرىش، داۋالىنىشتىن تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا يار- يۆلەك بولۇشقىچە... تاغ- دەريالارنى كېزىپ، كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە كىرىپ، بۇ بىر يىلدا باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي كۆردى، ئىچكىرىلەپ سورىدى، ئەتراپلىق ئويلىدى.
مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مائارىپنىڭ سىياسىي خاراكتېرى، خەلقچىللىق خاراكتېرى، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى مەھكەم ئىگىلەشنى تەكىتلەشتىن، مەركەز جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشكىچە، شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىن تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە... پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشلارغا پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىدە ئۈزلۈكسىز ئىنكاس قايتۇرۇلدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ تېما.
قىش كۈنلىرىدىكى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيايۈ ناھىيەسى پەنجياۋەن بازىرى، ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. 2024- يىلى 11- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئېتىز قىرىنى بويلاپ كۆكتاتلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى، يىغىۋېلىش، ساقلاش، سېتىش مىقدارى، باھاسىنى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگىنى يەنىلا يۇرتداشلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى بولدى: «دېھقانلاردىن ئىبارەت بۇ تەرەپنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك».
كىرىم توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، كۆكتاتچى دېھقان يې شياڭسۇڭ باش شۇجىغا بىرمۇبىر «ھېسابات دوكلاتى بەردى». مېڭىش ئالدىدا، باش شۇجى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىغا بېرىپ قولىنى سۇندى. يې شياڭسۇڭ ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.
چىڭ سىقىلغىنى قول، تۇتاشقىنى خەلق داھىيسى بىلەن خەلقنىڭ قەلبى.
بۇ بىر يىلدا، پارنىكلاردا، ئېتىز قىرلىرىدا، مېۋىلىك دەرەخلەر ئارىسىدا، بېلىقچىلىق كەنتلىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قانداق قىلىپ يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنى تېخىمۇ بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛
ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈش، مۇڭدىشىش، قىيىنچىلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىش، ئېھتىياجنى سوراش، «يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ <دېڭىز>نى چۆرىدەپ ئىشنى ياخشى قىلىش» «ئۇرۇقلۇق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش» «دىققەتنى ھازىرقى باسقۇچتىكى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغان، تۇتقىلى بولىدىغان، نەچچە يىل تۇتسىلا ئۈنۈم بېرىدىغان نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئىشنى نەتىجىلىك تاماملاش»... باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.
شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى.
شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى «قارار»ىدا شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادى زورايتىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىندى...
2024- يىلى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭلىق يېڭى سەۋىيەگە يېتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بىلەن يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقى، رايونلار پەرقى، كىرىم پەرقى تىرىشىپ كىچىكلىتىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى.
«پۇقرالارنىڭ ئىشى ئەڭ مۇھىم ئىش». 2024- يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىچىڭ رايونىدىكى دىليۇبۇ كەنتىگە كەلدى.
2023- يىلى خەيخې دەرياسىدا ۋادى خاراكتېرلىك پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن كەلگەندە، دىليۇبۇ كەنتىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانىدى. كەنت ئاھالىسى دۇ خۇڭگاڭنىڭ ئۆيىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئاپەت ئەھۋالى، زىيىنى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى بىر- بىرلەپ ھېسابلىدى.
دۇ خۇڭگاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى تېزلا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى ناھايىتى ھاياجانلاندى: «دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇشتا، خەلق خاتىرجەم بولسا دۆلەت ئاندىن تىنچ بولىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنىڭ تىنچ- ئامانلىقى، ھال- ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا يۇرتداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».
كەلكۈن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى ساقلىنىپ، پۇختىلىنىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇلدى... بوران- چاپقۇندا، پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىدى، بىرلىكتە جان تىكىپ ئېلىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلدى.
«جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەپ، ھەممىدە خەلققە تايىنىپ، تىرىشىپ ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىسلاھات- تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى.
ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە تايىنىش، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىش −
«تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك»
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى، بېيجىڭ خەلق سارىيى. رەئىس شى جىنپىڭ 28 دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى ھەم ئۇلار بىلەن بىر- بىرلەپ سۈرەتكە چۈشتى.
«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەس.» بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان رەسىم ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئەلچىلەرگە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش، بىر- بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشنى خالايدۇ».
زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان نىشانى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى.
2024- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى سەپىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھە زاتلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ خەلقئارا بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.
داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە دۆلىتىمىزگە پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياراتتى −
چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك. بىر يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن لىمادا ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسىدا جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى؛ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى؛ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇلار»دەك ئېسىل داستاننى داۋاملىق پۈتتى، گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن دياۋيۈتەيدە سەيلە قىلدى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەندە يەنە ئۇچراشتى... جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.
ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلار بىلەن يېقىن ئۆتۈش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چىقىشىپ ئۆتۈش يولى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھىندىستان، ياپونىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو بىلەن رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، گۇمان تۈگىتىلدى؛ ۋىيېتنام، ھىندونېزىيە رەھبەرلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ئۆسۈپ، دەرىجىسى ئېشىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى.
نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىناشماي بەلكى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزمەي» بەلكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بارغانسېرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىدە باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلدى −
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسى. رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدىكى 53 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار بىلەن داغدۇغىلىق جەم بولدى.
رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ «ئالتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى، «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئارقا- ئارقىدىن ياڭراپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭى مۇساپىدە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.
«2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو- ئافرىقا خەلقى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ئورتاق يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە مېڭىشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى يەتكۈزدى.
ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىن كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا يىغىنلارغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ بايرىقى روشەن ھالدا يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە تايىنىش، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا يېتەكلىدى.
11- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىرازىلىيەدىكى رىئودې ژانېيرو، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى «ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش» قارالمىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چىن، سەمىمىي سۆزى يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى- سىرتىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
«جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق، قەتئىي ئىرادە ۋە كۈرەش قىلىش روھى بولغاندىلا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئاجىز قۇشمۇ بالدۇر ئۇچىدۇ، ئېگىز ئۇچىدۇ، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى».
تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، يەرشارىنىڭ جەنۇبى بىرلىكتە «تۆت چوڭ كۈچ» بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى جاكارلىدى؛ «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» باشلىقلار يىغىنىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق يول، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاۋانگارت كۈچ قىلىپ بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا- سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدىكى يازما نۇتۇقىدا، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى...
2024- يىلى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى بىر يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىگە ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.
«يەرشارىدىكىلەر جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»تىن ئىبارەت دەۋر چاقىرىقىدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بوشاشماي تۈرتكە بولدى −
100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ، ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قوشنىلىرىغا ئورا كولاش كېرەكمۇ، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى سىنىماقتا.
«جۇڭگودا قەدىمكىلەر <جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇش> دېگەن، مېنىڭچە ھازىر <يەرشارىدىكىلەر جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇش>قا ئېھتىياجلىق.» رەئىس شى جىنپىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى ئارقىلىق تەقدىرداش بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈش داۋلىسىنى بايان قىلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت- سودا يەرمەنكىسى، تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسى، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «جۇڭگونى ساياھەت قىلىش» پۈتۈن يەرشارىدىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆزگە ئايلاندى؛ بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى، باھار بايرىمىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى... دۇنيا ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتا.
«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىنتايىن قايىلمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى، ئۆرنەك قىلىشنى خالايمىز» «جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىمىز» «رەئىس شى جىنپىڭ خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەيدۇ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدايدۇ، ئۇرۇش ئەمەس بەلكى تىنچلىقنى، قارشىلىشىش ئەمەس بەلكى ھەمكارلىشىشنى، بۇزغۇنچىلىق ئەمەس بەلكى ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولدى»...
بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەۋر ساداسى، بۇ، بۈگۈنكى جۇڭگو ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى.
بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش −
«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك»
2024- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى، لىڭدىڭياڭدا زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كېيىنكى گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى يەنە بىر چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشى − شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان دەريا ھالقىغان يول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ياراتقان يەنە بىر مۆجىزىگە گۇۋاھ بولدى.
«بارلىق قاتناشقۇچىلار جاپالىق ئەجرى، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالايىتەن تەبرىك خەت ئەۋەتكەنلىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.
ئەجدىھا دېڭىزدىن كۆتۈرۈلدى، تەبىئىي توسۇقنى راۋانلاشتۇردى. «دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان» دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇشلار خۇاشيا زېمىنىدا بەس- بەستە قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن.
«بىز باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك».
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا توختالغاندا، بىرىنچى بولۇپ «جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېدى.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.
تۇنجى قېتىم پارتىيە ئىنتىزامى باش تېما قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك تەربىيە قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتى كۈچەيتىلدى؛ «شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىسلاھاتقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىك دەل جايىدا، كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلدى...
بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، پارتىيە ئۆزلۈك ئىنقىلابى داۋامىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش... پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
كۈچ ئۇلۇغ روھنىڭ يېتەكلىشى، چاقىرىقىدىن كەلگەن.
ئالتۇن كۈزدىكى 9- ئايدا، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچىسىغا رەتلىك يېشىل ھەربىي فورما كىيگەن 93 ياشلىق پېشقەدەم ئىنقىلابىي ئەسكەر خۇاڭ زۇڭدې چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوردېن تارقىتىش سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئىككى قولى بىلەن خۇاڭ زۇڭدېنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى ۋە ئۇنىڭغا جۇمھۇرىيەت ئوردېنى ئېسىپ قويدى: «سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ».
«خەلق قوغدىغۇچىسى» «خەلق سەنئەتكارى» «خەلق ئالىمى» «خەلق مائارىپچىسى» «خەلق تېببىي خىزمەتچىسى»... دۆلەت ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلىدى. ھەربىر ئوردېن، مېدال كۆزلەرنى چاقنىتىپ، ئۆچمەس ئالاھىدە تۆھپىلەرنى خاتىرىلەپ تۇرماقتا، يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقلارنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئېھتىياجلىق، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېتىقاد يېتەكچىلىكىگە ئېھتىياجلىق.
33- نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى ماختاپ: «جۇڭخۇا مىللىتى روھى ۋە دەۋر روھىنى بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشى ۋە ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈردى؛ فۇجيەن ئۆلكىسى دۇڭشەن ناھىيەسىدىكى گۇ ۋېنچاڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تاپىلىدى: «خەلقنىڭ كۆڭلىدە سان بار، ئالتۇن لوڭقا، كۈمۈش لوڭقىمۇ پۇقرالارنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ»؛ «قەھرىمان شەھەر»گە چوڭقۇر چۆكۈپ، خۇبېي ۋۇخەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «دابيېشەن تېغى روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىدا، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ياخشى كەيپىيات كۈنسېرى شەكىللەنمەكتە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ تارقىلىپ، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئۇلۇغ روھنى داۋاملاشتۇرماقتا، يېڭى مۇساپىدە چوڭ قەدەم تاشلىماقتا.
كۈچ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى، تەربىيەلىشىدىن كەلگەن.
چىنلىڭ تېغى ئېتىكىدە، ئېگىز پەشتاقلىق ساراي شەكلىدىكى شەنشى باۋجى مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرى مۇزېيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
ھازىرغا قەدەر «جۇڭگو» دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازما خاتىرىسى ئويۇلغان دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك مىس بۇيۇم خېزۈن جامى ئالدىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، ئەينەك كۆرگەزمە ئىشكاپىنى ئاستاغىنا بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇزاققىچە زەن سېلىپ قارىدى.
«5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇلۇغ ئەقىل- پاراسەتنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تاپىلىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن.
جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى.
«بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى»نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىدىكى قاينام- تاشقىنلىق بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا؛ «باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان جەمئىيەت ئەمەلىيىتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرىپ، ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بەلگىلىرى دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلەندى؛ «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» نەشر قىلىپ تارقىتىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى...
جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچى مىسلىسىز ئاشتى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى تولۇق ئۇرغۇدى.
كۈچ بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن.
گۈللەنگەن دەۋردىكى نېلۇپەر گۈلى پورەكلەپ ئېچىلىپ جۇلالاندى. 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋمېنغا كېلىپ، خاۋجياڭ ھېكايىسىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى.
ئۇپۇق سىزىقىدا، ئېگىز بىنالار دېڭىزنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى؛ دېڭىز قىرغىقى بويىدا نۇرغۇن كېمە دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئىجادىي ئەمەلىيىتىنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن قىياپىتى نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا.
«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، چوقۇم ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ قالتىس سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلىدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدى ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ئىچىدە جاسارەت بىلەن تەرەققىيات يېڭى مەنزىلى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.
«بىر دۆلەت»تىن ئىبارەت ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، «ئىككى تۈزۈم» پايدىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغاندا، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلىتىمىز بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش يولى ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ؛ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىگەندە، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدۇ.
يولدا توسالغۇ كۆپ ھەم يول ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا مەنزىلگە يېتىپ بارالايمىز؛ بوشاشماي تىرىشقاندىلا، نىشانغا ھامان يەتكىلى بولىدۇ.
ئىككى ئاي ئىلگىرى، ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ئۈمىدى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلىماقتا −
«ھازىرقى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، مۇشۇنداق بىر دەۋردە، تېخىمۇ كۆپ يېتىلىۋاتقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش تاڭ نۇرى».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)