− 2024- يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، پەقەت مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرغاندىلا، ئاندىن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.
«كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 17- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.
بىر يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاش
2024- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.
«توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش،تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى- نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
دىققەتنى، كۈچنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى.
نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى.
بېيجىڭ كىتاب سارىيىنىڭ 1- قەۋەت زالىغا كىرگەندە، ئوقۇرمەنلەر يېقىندا نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تېزىسى» ناملىق كىتابنى قولىغا ئېلىپ، قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈۋاتاتتى.
70 مىڭ خەتكە يېقىن بۇ نوپۇزلۇق كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىجادىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي ھەقىقەت قىممىتى، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، مول مەدەنىيەت ھېسسىياتى، روشەن ئەمەلىيەت پەزىلىتى كىتاب بەتلىرىدە نامايان قىلىنغان.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.
بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ توغرىسىدا» «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا» ۋە «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» قاتارلىق ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىغا دائىر نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى...
بىر قاتار نەزەرىيە نەتىجىلىرى ئوخشاش بولمىغان نەزەر دائىرە، ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ھەم ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش جەھەتتە چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ھەم ئاممىۋىلاشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلەش جەھەتتە كۈچەپ، جانلىق ئىدىيە جانلىق تەشۋىق قىلىندى.
بىر مىكروفون، بىر نەزەرىيە چۈشەندۈرگۈچىسى. جېجياڭ خاڭجوۋدىكى «ياشلارنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىمىز . نەزەرىيەنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈش بويىچە ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەتقىقات لېكسىيەسى» پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ياشلار «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى مەن سۆزلەي» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوچۇق پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.
«ئوچۇق چۈشەندۈرۈش» شەكلى 2024- يىلى جېجياڭنىڭ نەزەرىيە لېكسىيەسى بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلىمىدىكى يېڭى ئىزدىنىشى بولۇپ، ياشلار ياقتۇرىدىغان ناتىقلىق شەكلىنى نەزەرىيە تارقىتىشتا قوللىنىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىشى»گە تۈرتكە بولدى.
ئاممىغا يېقىن، جانلىق، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىگە باي ئاممىباب سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاممىغا يەتكۈزىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەندەك، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ئىنتايىن جانلىق بولدى، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزمۇ جانلىق بولۇشى كېرەك.
بىر يىلدىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ نەزەرى، پۇقرالارنىڭ سۆزى، پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق نەزەرىيەنىڭ ئامما بىلەن «نۆل ئارىلىق» «يۈزتۇرا» ئۇچرىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈشكە، پۇقرالارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار «مىكرو كۆرۈنۈش» «بىرىنچى كۆزىتىش·نەق مەيدان» قاتارلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىجادىي يارىتىپ، «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (3- بۆلۈم) قاتارلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاپ، چوڭ- كىچىك ئېكرانلار ئارقىلىق نەزەرىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتتى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى نەزەرىيە بازىسى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «ھەممەيلەن قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق ئۆگىنىش»كە كۈچ قوشتى؛ «ھويلا كىچىك دەرسخانىسى» «مەھەللە مىكرو دەرسخانىسى» يېزا- كەنت، كوچا باشقارمىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «يېڭى ئىدىيە»نى تارقاتتى، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋاسىتىلىرىنى كۈنسېرى بېيىتتى، شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى.
ئىدىيە شانلىق نۇرى ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، نەزەرىيە ئۆگىنىش قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈردى، چوڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرستە «ياشلار ياشلارغا سۆزلەپ بەردى»، نەزەرىيە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى بازارلىق كىتابلار تىزىملىكىگە كىردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يەنىلا خەلق ياقتۇرىدىغان، خەلق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، خەلق ئىگە بولغان نەزەرىيە بولۇپ قالدى.
ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىپ،مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش
مىللەتنى گۈللەندۈرۈش قىممەت يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇزۇن سەپەر مەنىۋى تىرەككە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
«جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، چوڭ ئىشلارنى كۆزلىدى، بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
بۇ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ۋەتەننى سۆيۈش چوڭقۇر مۇھەببىتى −
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن مېلودىيەگە ئەگىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئۆزى ئوردېن، مېدال تارقىتىپ بەردى.
ھەربىر ئوردېن، مېدالغا ئۆچمەس تۆھپە خاتىرىلەنگەن. تاراتقۇ ۋە تور ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى- شىمالىغا تارقىلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقى ۋە ئۇلۇغ ئىشلارغا بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ھەم ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتتى.
ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللەت قەلبى، مىللەت روھى، بىزنىڭ مىللەت روھىمىزنىڭ يادروسى.
«ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەتئىي ئېتىقادى ۋە مەنىۋى تايانچى قىلىش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلب رىشتى، ھېسسىيات مايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
2024- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مۇھىم تۈگۈننى پۇرسەت بىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى مەدھىيەلەش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جۇشقۇن ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى:
جايلاردىكى سەھنىلەردە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكىدىكى تەسىرلىك مېلودىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاجايىپ تارىخىي مۇساپىلەر ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەسلىمىلىرىنى ئويغاتتى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇنەۋۋەر ئەلنەغمە نومۇرلىرى كۆرىكى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ ئۇچرىشىشى داۋامىدا دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدى؛
تۈرلۈك ئېكرانلاردا «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش» تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇشتا، «غەربىي جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش» «تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغاندا» قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەركەزلىك كۆرسىتىلدى، «پىدائىي قوشۇن: ھايات- ماماتلىق جەڭ» «شىفىرنى يېشىش» ناملىق كىنولاردا قاينام- تاشقىنلىق يىللار قايتا ئەسلەپ ئۆتۈلدى، قىزىل تومۇر داۋاملاشتۇرۇلدى؛
كۆرگەزمە زاللىرى، كۆرگەزمە سارايلىرىدا «ئوتقاشتەك قىپقىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا − مۇزېيدا ساقلانغان قىزىل كىلاسسىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» «<دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەينىكى . ئەسىر نۇرى> ئاخبارات فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلار كۆرۈرمەنلەر قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىپ كەلگەن ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى؛
...
تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۈز يىللىق تەرەققىيات توغرا يولىنى كۆرسىتىپ بەردى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىن ھېسسىياتى يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىدە مەۋج ئۇردى.
بۇ، بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىسلاھات كۈچى −
«قانداق قىلغاندا سىرتتىن كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قالغىلى، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياشنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟» يۈننەن ئۆلكىسى چېڭجياڭ شەھىرى يوۋسو بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنبىن سەمىمىي سورىدى.
ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدىكى شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا توختىلىپ، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى قانداق قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارغا سىجىل كۈچەش قاتارلىق جەھەتلەردىن سوئالغا جاۋاب بەردى، نەق مەيداندا ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈزۈلمىدى، ئالقىش سادالىرى قايتا- قايتا ياڭرىدى.
بۇ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يۈننەندىكى كەنت- بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلىگەن چاغدىكى كۆرۈنۈش.
2024- يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 52 مەيدان دوكلات بەردى، تۈرلۈك شەكىلدىكى ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 57 مەيدان ئۆتكۈزدى، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچى 980 مىڭ كىشىگە يېقىنلاشتى، تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا ئۇلاپ تارقىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاڭلىغان، كۆرگەنلەرنىڭ سانى 20 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى.
پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغىتىش ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم».
ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇش ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق.
ئاخبارات تاراتقۇلىرى «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش» قاتارلىق سەھىپىلەرنى تەسىس قىلدى، «ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى» ناملىق ئالاھىدە خەۋەرنى ئېلان قىلدى، كەڭ مۇخبىر، مۇھەررىرلەر ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قاينام- تاشقىنلىق ئەمەلىيەتنى خاتىرىلىدى؛
نەشرىيات ساھەسى «يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى: شېنجېننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىلھاملىرى» «خەينەن ئەركىن سودا پورتىغا دائىر قىزىق نۇقتىلىق ئىزاھات» قاتارلىق نادىر كىتابلارنى نەشر قىلىپ، ئىسلاھات ئېگىزلىكىنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ئىنتايىن قىممەتلىك تەجرىبە ئىلھامىنى تاۋلاپ چىقتى...
ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىجىل خەۋەر قىلىش، ئىسلاھات ھېكايىسىنى ئەتراپلىق، ياخشى سۆزلەش ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھات ئورتاق تونۇشى تولۇق مۇجەسسەملەندى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچى ئۈزلۈكسىز توپلاندى.
ھەم ئىسلاھات ئۈچۈن مەدەت بېرىلدى ۋە كۈچ قوشۇلدى، ھەم ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، تەتقىق قىلىش، پىلانلاش، كونكرېت لايىھە تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىدا قەدەمنى پۇختا ئېلىش، ئۇنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى.
بۇ، تېخىمۇ مۇستەھكەم تەرەققىيات ئىشەنچى −
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىن، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى، بولۇپمۇ ئاخبارات تاراتقۇلىرى يىغىن روھىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.
«ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتمىسىلا، چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.» 2024- يىللىق مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىشەنچ» دېگەن سۆزنى تەكىتلىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئىقتىسادىي تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىرلىكتە «ئىشەنچنى ئاشۇرۇش» ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.
دىققەتنى ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز تاراتقۇلىرى بىر تۈركۈم نەزەرىيە جەھەتتىكى بايان قىلىش- چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرى ۋە جانلىق ئەمەلىيەت مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، شەكىللىنىش تومۇرى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.
سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلىدى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىقتىساد ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق تارماقلارنى بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ھەرقايسى تاراتقۇلار ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چۆرىدەپ يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار سىياسەت بىرىكمە تەدبىرىدە «قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش» «مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش» «مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى»نى ئېنىق سۆزلەپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ سىياسەتنى چۈشىنىش دەرىجىسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئاشۇردى.
ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، يۈرۈشلۈك چوڭقۇر كۆزىتىش ماقالىلىرىنى پەسىللىك، ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ دىيالېكتىك ئەقلىي تەھلىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك ئۆرلەشتەك ئاكتىپ ۋەزىيەتنى ۋە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپىنى ئېنىق، ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇردى.
تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدى، مۇخبىر، مۇھەررىرلەر «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش» «يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» باش تېما زىيارەت پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تىپىك مىساللىرى ۋە تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى تولۇق قېزىپ خەۋەر قىلدى. ھەرقايسى تاراتقۇلار يەنە 7- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى كۆزىتىش كۆزنىكى قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ھەم ماكرو قاتلامدىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات «ۋەزىيىتى»نى ياخشى سۆزلەپ، ھەم مېسو قاتلامدىن بازار ئۆزگىرىشى «ھالىتى»نى ئىگىلەپ، يەنە مىكرو قاتلامدىن ھەممە ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىك «ئەمەلىيىتى»نى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، ئىشەنچنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇ، تېخىمۇ جۇشقۇن دەۋر كۈچلۈك ساداسى −
AI تېخنىكىسى ئارقىلىق كونا سۈرەتلەرنى «ھەرىكەتلەندۈرۈپ»، ئاۋاز سىزىقىنى كىلونلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە قىلىش، كالپۇك شەكلىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئون نەچچە خىل چەت ئەل تىلىدىكى سىننى بىر كۇنۇپكا بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئىشلەش...
ئالاقە تورى تەپەككۇرى ئارقىلىق بايلىق تەقسىملەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشقان شارائىتتا ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سىستېمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
ئاممىۋى پىكىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچ. ياخشى ئاممىۋى پىكىر تەرەققىياتنىڭ «ئالغا سىلجىتقۇچىسى»، خەلق رايىنىڭ «بارومېتىرى»، جەمئىيەتنىڭ «يېپىشتۇرغۇچىسى»، ئەخلاقنىڭ «يۆنىلىش بەلگىسى» بولالايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەم قەيەردە بولسا، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە تور ئەھلى كۆلىمى 1 مىليارد 100 مىليون كىشىگە يېقىنلىشىپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان رەقەملىك جەمئىيەت شەكىللەندى. كىم ئالاقە تورىنى ئىگىلىسە، شۇ دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ.
2024- يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى، 2024- يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «تورنى ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆز تاراتقۇ»لارنىڭ ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى قايرىپ قويۇپ ئېقىم قوغلىشىش ئەھۋالى، تور بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ساختا ۋە چاكىنا ھادىسىلەر تۈزىتىلدى... ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتى كۈنسېرى زورىيىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندى.
ئاممىۋى پىكىرنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدارنى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاشۇرۇلما مىقدارغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۈز مىليونلىغان تور ئەھلىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىدا، «زور ئېقىم مىقدارى» سىجىل تۈردە «ئاكتىپ كۈچ»نى ئۇرغۇتتى.
سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇردى، خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتىنى ئېلان قىلىپ، «دەۋر ئۈلگىسى» «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەم» «ئەڭ گۈزەل شەخس» «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»نى ئېلان قىلىپ، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت- بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ بەرپا قىلىشنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈردى؛
كىنو ساھەسىدىكىلەر دەۋرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، رېئاللىققا يېقىنلىشىپ، تېخنىكا ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېمىسى كۆپ خىل، تۈرى مول ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، 2024- يىللىق مەملىكەت بويىچە كىنو ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال پەسلىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆرۈرمەنلەرگە نەپ يەتكۈزدى؛
«كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قايتا ئەسلەش» تېلېۋىزىيە قانىلى تەسىس قىلىپ، «بىر تىزگىنەك بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈش»، مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزىيە مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق «تېلېۋىزور كۆرۈش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رادىيو- تېلېۋىزىيە ساھەسىدە ئابۇنىچىلارنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى...
ھەربىر كونكرېت تەدبىر پۇختا، كۈچلۈك بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ياڭرىتىلدى.
مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش
2024- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشى باۋجى مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرى مۇزېيىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. مۇزېينىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى بولغان خېزۈن جامى ئالدىدا تۇرۇپ، باش شۇجى ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى ۋە قەدىمكىنى ئەسلەپ بۈگۈنكى ئۈستىدە توختالدى:
«5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغ ئەقىل- پاراسەتنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنى ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك».
سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچ ئاساسىمىز، كۈچ- قۇۋۋەت مەنبەيىمىز.
بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى «باھار سۈيى» جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇڭگو زېمىنىدا مول مەزمۇنلۇق كاتتا كەيپىيات ئۇرغۇدى.
يىلتىز ساقلاپ قېلىنىپ، مەنىۋى ماكان قوغدالدى −
بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى، «مەدەنىيەت ئومۇرتقىسى» ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. 13- ئەسىردە قۇرۇلغان، بېيجىڭ كونا شەھىرىنىڭ جەنۇب- شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن شەھەر ئوق لىنىيەسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى پايتەخت پىلانلاش نەزەرىيەسى ۋە «ئوتتۇرا يول تۇتۇش» «ئىناقلىق» پەلسەپەۋى ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە بولۇپ قالدى.
2024- يىلى 7- ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 46- نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپى نادىر ئەسىرى» «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى.
«بۇ قېتىمقى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنىڭ بىر پۈتۈن، سىستېمىلىق قوغدىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىراسلارنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى ۋە تەبىئىي گۆھىرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، ئاجايىپ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئورتاق خاتىرىسى ساقلانغان.
مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، بۇ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا بىزنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەدەنىيەت بۇرچىمىز.
بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
«باھار بايرىمى»نى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، «چياڭزۇلارنىڭ بايرىمى» قاتارلىق ئۈچ مىراس تۈرى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نى سىستېمىلىق قوغداش كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى؛ فېڭشىڭشۇ داڭقان شەكىللىك قاچا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قايتۇرۇپ كېلىندى، ۋۇۋاڭدۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىق «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش»تىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ قىياپىتى تېخىمۇ روشەنلەشتى؛ 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بىخەتەرلىك توسۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.
يىلتىز قوغدىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىندى، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئادەم تەربىيەلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلدى.
بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى قەدىرلىشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك جەلپ قىلىش كۈچى ۋە دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلدى.
جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەندى −
«سېتىۋالدىم، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن!» دۆلەت مۇزېيىدا ئەمدىلا سېتىۋالغان ئىككى دانە «سۇمۇرغ تاجى توڭلاتقۇ چاپلىقى»نى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى شياۋيۈەن ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىدا دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «مىڭ سۇلالىسىدىكى شياۋدۇەن خانىشنىڭ توققۇز ئەجدىھا، توققۇز سۇمۇرغ تاجى» لايىھەلەش ئەسلىي تىپى قىلىنغان بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا تېزدىن قالتىس بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بەس- بەستە يىغىپ ساقلاشقا جەلپ قىلدى.
قەدىمىي مەدەنىيەت تومۇرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى، شۇنداقلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشى، دەۋر تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.
ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىپ، بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاخبارات سېپى «جۇڭگو مەدەنىيىتى سەپىرى» باش تېمىلىق تەشۋىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، «گۈزەل جۇڭگودا سەپەر» «جاھاندىكى ياخشى مەزگىل» «يېڭى مەدەنىيەت، گۈللەنگەن ياشلار» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان يېڭى كىشىلەر» «چاڭجياڭ دەرياسى ناخشىسى» «ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ ئادىمىيەت سىنلىق تەزكىرىسى» «جۇڭخۇا مەدەنىيەت چەمبىرىكى مەستانىلىرى خاتىرىسى» «دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۆرگەزمە كۆرۈش پىلانى» «دۆلەت گۆھىرى رەسىملىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» «جۇڭخۇانىڭ رەسساملىق سەنئىتى» قاتارلىق يېڭى مەنىگە ئىگە، گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە، ھەمتۈرتكىلىكى كۈچلۈك بولغان زور بىر تۈركۈم يۇغۇرما خەۋەرلەر پىلانلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، 240تىن ئارتۇق تېما ۋېيبودا قىزىق نۇقتا تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئوقۇلۇش مىقدارى 11 مىليارد 700 مىليوندىن ئاشتى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت كەيپىياتى جانلىق نامايان قىلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.
يېڭىدىن ئىشلەنگەن يۆجۈ تىياتىرى «شىنلۇڭمېن سارىيى» سىجىل قىزغىن قويۇلدى، تاماشىبىنلار: «ھەم گۈزەل، ھەم مەردانە ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى؛ خېنەن ئەنياڭدىكى يىنشۈ مۇزېيى رەقەم تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك سەزگۈسىنى قوزغىتىپ چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ چۆكۈش شەكلىدىكى ئائىلىۋى مۇزىكىلىق تىياتىر «لۇدۇەن»نىڭ مەخسۇس قويۇلىدىغان ئويۇن شەكلى گۇگۇڭ سارىيىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇردى...
بۈگۈنكى جۇڭگودا، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىزغىنلىقى» كۈچىيىپ، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئۇسلۇبى» ئەۋج ئالدى، كەڭ زېمىنغا تىزىلغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلار جانلاندى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى، ئىجادچانلىقى، تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلدى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق تۇتاشتۇرۇلدى −
«ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا گۈزەل تۇرمۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
2024- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى، مەملىكەتلىك ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئارزۇدىكىدەك جاي» گۈزەل مەنزىرىسىنى پىلانلاپ بەردى.
مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت ئىلگىرى سۈرۈلدى، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەت نامايان قىلىندى. بىر يىلدىن بۇيان، «ئارزۇدىكىدەك جاي» كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى مەنزىرىنى نامايان قىلدى.
باش ياز كۈنلىرىدىكى بىر چۈشتىن كېيىن، ئالتاي تېغى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ قابا ناھىيەسى چىبار بازىرىنىڭ جىلىن يېڭى كەنتى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى، تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئالتىيىم» سۈرەتكە ئېلىنغان جايدا داكا قىلدى، بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىر شەھەرنىڭ داڭقىنى چىقاردى.
دۇنخۇاڭدا، 10 مىڭ كىشىلىك يۇلتۇزلۇق ئاسمان ناخشا كېچىلىكى يۆياچۈەننىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇپ، خۇددى چۈش كەبى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى؛ شىئەن داتاڭ كېچە بولماس شەھەرچىسىدە «قەدىمىي رەسىم»لەردىكى «كېنىزەك قىزلار» لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ساياھەتچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا «تارىخقا كېلىپ قالدۇق» دېيىشتى...
تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىك ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈلدى، ساياھەت شانلىق مەدەنىيلىك ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۆلەت ئىچىدە ساياھەتكە چىققانلار 4 مىليارد 237 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، 2023- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشقان؛ 2024- يىلى 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، 29 مىليون 218 مىڭ ئادەم قېتىم چەت ئەللىك جۇڭگوغا كەلگەن، «China Travel» (جۇڭگونى ساياھەت قىلىش) دۇنيادا ئەۋج ئالغان.
تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى مەدەنىيەتتە «يېڭىلىق يارىتىش»بىلەن ساياھەتتە «چەمبىرەكتىن چىقىش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولدى، كەڭ خەلق ئاممىسى گۈزەل تاغ- دەريالارنى تاماشا قىلىش جەريانىدا قويۇق مەدەنىيلىكتىن ھۇزۇرلىنىپ، رەڭدار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولدى.
جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇش
قىزىل ئالتۇن رەڭلىك ئەجدىھانىڭ جانلىق نامايان قىلىنىشى، ئۈچ خىل رەڭلىك تۆگىگە مىنىپ ساز چېلىۋاتقان قورچاقلارنىڭ ئەينەن ياسىلىشى، فىرۇزە تاش قويۇلغان سۇمۇرغ ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ كامالەتكە يېتىشى...
فىرانسىيە جىمېي دۆلەتلىك ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىنىڭ يەر ئاستى 1- قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، «جۇڭگو. تاڭ سۇلالىسى − كۆپ خىل ئېچىۋېتىلگەن بىر سۇلالە (7- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە)» كۆرگەزمىسىدىكى شەرقنىڭ قەدىمىي گۈزەللىكىگە تولغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى مەملىكەت سىرتىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەر «گۈزەل ھەم ھەيۋەتلىك» ئىكەن، دەپ ماختاشتى.
كۆرگەزمە ئېچىلىش پەيتىدە، جۇڭگو- فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كىرىش سۆزىدە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز تارىخىي مەدەنىيەتتىن ئىلھام ئىزدەپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز گۈزەللىكىمىزدىن زوقلىنىپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك».
«ئۆز گۈزەللىكىدىن زوقلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلدى، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئىزاھلىدى.
باشتىن- ئاخىر بۇ مەدەنىيلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
مەدەنىيەت ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيا سەھنىسىدە چاقنىدى −
«ئاڭلىسام جۇڭگونىڭ <تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېقىنقى مەزگىلدە كومورودا قىزغىن قويۇلۇۋېتىپتۇ.» 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن كۆرۈشكەندە خۇرسەن بولغىنىچە شۇنداق دېدى.
تاغ- دېڭىزلاردىن ھالقىغان ئورتاق سادا گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشتىن كەلگەن. ئىللىقلىققا تولغان جۇڭگو ھېكايىلىرى دۇنيا بىلەن «ئورتاق ھېسسىيات، ئورتاق سادا» ھاسىل قىلماقتا.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئويۇن ئوينىغۇچىلار «قارا رىۋايەت: ۋۇكۇڭ»دىن ئىبارەت ئويۇن دۇنياسىغا غەرق بولدى، رىۋايەت ئۆرنەكلىرى، ئەنئەنىۋى خەلق مۇزىكىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى؛ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئەنگلىيە دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا، ئۆزگىچە شەرق مەدەنىيىتى مەملىكەت سىرتىدا سىجىل تۈردە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە... بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئۈزلۈكسىز دۇنياغا يۈزلەندى، شۇنداقلا جۇڭگو ئوبرازىنى تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ جانلىق تۈسكە كىرگۈزدى.
چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى دۇنيانى لەرزىگە سالدى −
«جۇڭگونى چۈشىنىشتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ».
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، 2024- يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى گۇاڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى. تەبرىك خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭگونى چۈشىنىش»نىڭ مۇھىم شىفىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ جۇڭگوسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئاسىيانىڭ جۇڭگوسى، دۇنيانىڭ جۇڭگوسى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىدىيەۋى قاراش، ئادىمىيەت روھى، ئەخلاق ئۆلچىمى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە روھىنىڭ ئىچكى يادروسى بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشتى.
يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، چەت ئەللەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى يول»؛ كۆپ خىل تىل- يېزىق نۇسخىسىدىكى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ئىنتايىن ياخشى باھالارغا ئېرىشتى، چەت ئەللىك مېھمانلار سەمىمىيلىك بىلەن: جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشەنچىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، دېدى؛ «جۇڭگو يولىنى چۈشىنىش» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ ئىنگلىز تىل- يېزىقى نۇسخىسى قاتارلىقلار تارقىتىلدى، چەت ئەل سودىگەرلىرى ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى كىتاب ئارقىلىق ئىزاھلىنىپ، دۇنيانى ئۈمىدكە تولدۇردى» دېدى.
جۇڭگو ئەنئەنىسىگە داۋاملىق تۈردە ۋارىسلىق قىلغان ھەم دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرغان، ئۆز ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان ھەم دۇنيا ئېقىمىغا ماسلاشقان جۇڭگو ئىدىيەسى تارقىتىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتتە «دۇنيانىڭ جۇڭگوسى»غا بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش شەكىللەندى.
ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش مەدەنىيلىك نۇرىنى مۇجەسسەملىدى −
2024- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، بېيجىڭ يەنچىخۇ كۆلى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا كىلاسسىكشۇناسلىق يىغىنى بۇ جايدا باشلاندى.
30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم مۇھاكىمە جەريانىدا ئىدىيە مەنبەسىنى ئەسلەپ، تارىخىي ئەقىل- پاراسەتنى يەكۈنلەپ، مەدەنىيلىك ئەنئەنىسىنى قېزىپ، كىلاسسىك مەدەنىيلىكتىن ئوزۇق ئېلىپ، زامانىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.
مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھەممىنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكلەردىن ئوزۇق ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشى، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تاراتقۇلار ۋاسىتە قىلىنىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، يەرشارىۋى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىدا جەم بولۇپ، قانداق قىلىپ دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا بىرلىكتە كېڭەشتى؛
شېئىر ئارقىلىق دوستلىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلەشتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن كەلگەن شائىرلار خەلقئارا ياشلىق باھارى شېئىر دېكلاماتسىيە يىغىنىغا كېلىپ، ئەدەبىياتنى ۋاسىتە قىلىپ، روھنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلدى؛
مۇزىكا ئارقىلىق ھېسسىيات ئىپادىلىنىپ، سەنئەت ئارقىلىق قەلبلەر تۇتاشتۇرۇلدى، فىرانسىيە ئېلسې سارىيىدا جۇڭگو خەلق ناخشىسى «يەسىمەن گۈلى» چېلىندى، جۇڭگو دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئىتالىيەنىڭ داڭلىق مۇزىكىسى «بۈگۈن كېچە ھەممە ئۇيقۇسىز» ياڭرىدى، شەرق ۋە غەرب مۇزىكانتلىرى كىلاسسىك مېلودىيەلەرنى ياڭراتتى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئەسلىمىلىرى ئۆزئارا يۇغۇرۇلدى؛
...
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، بىر- بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
2025- يىلىنىڭ مۇقەددىمىسى ئاستا- ئاستا ئېچىلدى. يىللار تەرتىپ بويىچە ئالمىشىپ تۇرىدۇ، باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ قىياپىتى؛ يېڭى شانلىق سەھىپە ئېچىلىپ تۇرىدۇ، باشتىن- ئاخىر ئېنىق بولغىنى ئالغا ئىلگىرىلىگۈچىلەرنىڭ قەدىمى.
شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، مەدەنىيەت تۈزۈلمە- مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)