ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:10:17 2025-01-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مەركەزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2025- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ۋە ئۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى»نىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، مەركەزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردىكى سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2025- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يېڭى بىر يىلدىكى پارلاق ئىستىقبالغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن نەزەر سېلىندى، بۇ مۇقەررەر ھالدا 100 مىليونلىغان خەلقنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە، باتۇرانە ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنى ھەم مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى بىر يىلدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15- بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ، مەركىزىي خىزمەتنى، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، ئاكتىپ ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ كۆپ ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق، ئىلمىي پىلانلاپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مۇقىم شەكىلنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا، مەركەزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئايرىم- ئايرىم يەتكۈزۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش قىلىپ، ئۇنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇپ سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي تۇتقا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئىشلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ھۆججەت مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈكلەردىكى ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك جەڭلەرنى ياخشى قىلىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغاشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا، يېڭى دەۋردىكى سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججەت مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئىككى ساغلام»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۆزلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئىدىيەۋى- سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار ھۆججەت مۇھاكىمە قىلىنىپ، مۇزاكىرە قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاچقۇچلۇق چەكلىمىلەرنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاشنى چىڭ كۆزلەپ، شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچىنىڭ يېڭى مىقدار دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۈزۈش كېرەك. ئېغىر يۈك توشۇيدىغان تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. كۈچنى مۇجەسسەملەپ كەسىپنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، تىرىشىپ شەرقىي جۇڭغارنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ سالمىقى بار بولغان كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125