جىڭدۇڭ سۇپىسى باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا شىنجاڭغا توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنى يولغا قويدى
11:41:18 2025-01-06 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

    باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، جىڭدۇڭ سۇپىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا، جىڭدۇڭ ئورگان تەرەپ ئىستېمالچىلارغا پوچتا ھەققى ياردەم پۇلى بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئەرزان بولغان مال سېتىۋېلىش تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

 مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 2- كۈنى جىڭدۇڭ سۇپىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىستېمالچىلار جىڭدۇڭ سۇپىسىغا كىرگەندىن كېيىن، «باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئىستراتېگىيەسى مەيدانى (年货节攻略会场)»دىكى «تېخىمۇ كۆپ ئەرزان باھالىق ماللار بىلەن تەمىنلەش پائالىيەتلەر (更多超值活动)» ئارقىلىق «شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەيدانى (新疆包邮会场)»غا كىرسە بولىدىكەن، زاكاز تالونىدىكى مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى شىنجاڭ بولسىلا، پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

 جىڭدۇڭ سۇپىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئاساسىي مەيدانىدىكى بارلىق قىزىل بولاق، ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى قاتارلىق كۆپ خىل پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن.

 جىڭدۇڭ سۇپىسىنىڭ بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدە كىيىم- كېچەك، ئۆي جاھازلىرى، رەقەملىك مەھسۇلاتلار، كىتاب، پەرداز بۇيۇملىرى قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلار ئىنچىكە تاللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

 بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدىكى تاۋارلارغا قارىتا، جىڭدۇڭ سۇپىسى يەنە مالنى ئىشىك ئالدىغىچە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلار بىلەن ئوخشاش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، جىڭدۇڭ سۇپىسى كۈچلۈك ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ باھار بايرىمىلىق سېتىۋالغان ماللىرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، جىڭدۇڭ گۇرۇھى 2009- يىلى شىنجاڭدا كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتقان، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا كۆلىمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئەشيا ئوبوروتى تورىنى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرىكى «پوچتا ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلمەيدىغان رايون»دىكى ئىستېمالچىلارنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستېمالىدا «چۈشتىن بۇرۇن زاكاز چۈشۈرسە، چۈشتىن كېيىن مال تاپشۇرۇۋېلىش»تەك قولايلىقتىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلغان.

 2024- يىللىق «قوش 11»دىن باشلاپ، جىڭدۇڭ ئورگان تەرەپ ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى ئۆز ئالدىغا بىۋاسىتە ساتىدىغان تاۋارلاردىن 3- تەرەپ تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋارلىرىغىچە كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125