ئۈرۈمچىدە «شەھەر دەرىجىلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى»دىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇلار مىگۇلى شىنجاڭ خاس يېمەك- ئىچمەك كوچىسى، مىدۇڭ ۋۇيۆ مەيدانى خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى، تىيانشان ۋەنكې مەيدانى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى، شېڭدا مەيدانى 77- كوچا رايونى، شيەنلەي كىچىك بازىرى، ئارال ۋە دولقۇن گۈزەل تۇرمۇش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، مەنجيې يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت تۇرمۇش كوچا رايونى، يۈەنكەي . شىڭفۇلى خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىدىن ئىبارەت.
مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى باش بولۇپ قۇرغان خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىنى باھالاش كومىتېتى بۇ كوچا رايونلىرىنى نەق مەيداندا باھالىغان. باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «شەھەر دەرىجىلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى» دەپ نام بېرىلگەن.
2015- يىلىدىن بۇيان، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر دەرىجىلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىدىن 29ى باھالاپ بېكىتىلدى ۋە ئۇلارغا نام بېرىلدى.
يېڭىدىن باھالاپ بېكىتىلگەن خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سودا ئىشلىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەر بېرىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىيدىغان ۋە يوقلىما قىلىدىغان جايغا ئايلاندى.
مەسىلەن: مىگۇلى شىنجاڭ خاس يېمەك- ئىچمەك كوچىسى بار يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى جەمئىي 300دىن ئاشىدۇ، بۇ يەرگە شىنجاڭ قورۇمىسى، سىچۇەن قورۇمىسى، خۇنەن قورۇمىسى، تېز تاماقخانا قاتارلىق كۆپ خىل قورۇما سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تائاملار توپلاشقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆپ خىل مەززىلىك تائاملار بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تىيانشان ۋەنكې مەيدانى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىنىڭ تىجارەت كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىرغا، دۇكان 64كە يەتكۈزۈلۈپ، «ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە يېمەك- ئىچمەك توپى» بەرپا قىلىندى؛ ئارال ۋە دولقۇن گۈزەل تۇرمۇش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى خاسلىققا ئىگە يۈك ساندۇقى كوچا رايونى بولۇپ، جەمئىي 168 دۇكان بار.
بۇ قېتىم باھالاپ بېكىتىشتە خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى ئورنىنىڭ قاتناشقا قولايلىق بولۇشىغا، كىشىلەر راۋان يۈرەلەيدىغان بولۇشىغا؛ كوچا رايونىدىكى يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى 30دىن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 300دىن كۆپ بولۇشىغا، ھەر 100 كىۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئۈچ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سەپلەنگەن بولۇشىغا، يىللىق تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇشىغا؛ كوچا رايونى ئىچىدە ئۆلچەمگە يەتكەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قاتناش، تازىلىق، مۇھىت ئاسراش، يورۇتۇش، رادىيو، يۈرۈشلەشكەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلىرى بولۇشىغا ھەم بۇ شارائىتنى ھازىرلىغان بولۇشىغا؛ كوچا رايونىنىڭ ئەسلىھەلىرى پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەر دەرىجىلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، شەھەرلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىنى باھالاش كومىتېتى شەھەر دەرىجىلىك خاس مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ، قايتا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارنىڭ نامى ساقلاپ قېلىنىدۇ. (مۇخبىرگو لىڭ)