​ئۈرۈمچى قىزغىنلىقى مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا تۇردى
11:40:09 2025-01-06 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

باھار بايرىمىدا شىمالىي رايونلارغا بېرىپ قار مەنزىرىسىنى كۆرۈش، نۇرغا ئەگىشىش

ئۈرۈمچى قىزغىنلىقى مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا تۇردى

 2025- يىللىق باھار بايرىمىغا بىر ئايمۇ قالمىدى، ساياھەت بازىرى كۆرۈنەرلىك جانلاندى. شيېچېڭ ئېلان قىلغان «2025- يىللىق باھار بايرىمىلىق ساياھەت بازىرىنى مۆلچەرلەش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالدا قار سەيلىسى قىلىپ نۇرغا ئەگىشىش باھار بايرىمىدىكى بىر چوڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، مەملىكەت بويىچە قار- مۇز ساياھىتىدىكى قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەر ئىچىدە ئۈرۈمچى 4- ئورۇندا تۇرغان.

 مۇخبىرنىڭ 1- ئاينىڭ 2- كۈنى شيېچېڭ گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53 ئاشقان، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان؛ شاڭخەي، بېيجىڭ، شېنجېن، گۇاڭجوۋ ۋە خاڭجوۋ ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى بولغان. گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، شىئەن، بېيجىڭ، شاڭخەي ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى بارىدىغان قىزىق نۇقتا جايلارغا ئايلانغان.

 باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسىدىن شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، خۇڭسەن باغچىسى، بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈك باغچىسى، خۇڭگۇاڭشەن تېغى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلانتورۇق بازىسى، شىمىگۇ مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىقلار بار.

 شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ رايون مەمۇرىي ئىشلىرى باش دىرېكتورى سۇن ۋېيلى مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58 ئاشتى، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، قاناس مەنزىرە رايونى، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى، تىيانشان بوغدا كۆلى، جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، جىكبېلېڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، تىيانشان بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى شىنجاڭدىكى قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى. (مۇخبىر لى كەي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125