ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
18:37:38 2025-01-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،«14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ما شىڭرۇي خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى

1- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2024- يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، 2025- يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلدى.

 يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك كومىتېتى 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2024- يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەت- دىن خىزمىتى قاتارلىق ئۇللۇق خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق، پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيدى، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى تۈزەشتە زور ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېز ھەل قىلىندى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ھالەت ساقلاندى، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇساپىسى ناھايىتى قالتىس بولدى، نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى تۇتۇشىمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ زورلۇقى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، «يېڭى بولۇش»نىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تىرىكىمىز. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تايانچىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەر ۋە تاشقى زەربىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، «15- بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئېغىپ كەتمەسلىك، قىيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش»نى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككى يېڭى» سىياسەتنى يولغا قويۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان تەرەققىياتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى، قەشقەر شەھەر چەمبىرىكى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن شەھەر- بازار بەلبېغى بەرپا قىلىپ، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىڭىشمە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇھىم ساھەنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، تۈرلۈك بايلىق كۈچىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپلەر بويىچە «ئاساسىي قۇرۇلما» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى باشقۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، 2025- يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. دىققەتنى «ياخشى تاماملاش» «ياخشى پىلان تۈزۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى ئىنتىزام، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقايلى.

 يىغىندا يولداش سۈن خۇڭمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن، يولداش زۇلھايات ئىسمايىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشىگە قوشۇلۇش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، بىڭتۇەن ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلىرىغىچە ئېچىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125