كۈزلۈك بەسەينىڭ ئۈستىدىكى قارا چېكىت نېمە؟ يېگىلى بولامدۇ؟
11:41:32 2025-01-07 تىيانشان تورى

 قىش كېلىشى بىلەن، بەسەي تاماق ئۈستىلىمىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ باھاسى ئەرزان، تەمى تەملىك، پىشۇرۇش ئۇسۇلى مول، مەيلى قورۇپ يېيىش، قاينىتىپ يېيىش، دۈملەپ يېيىش ياكى تۇزلاپ يېيىش بولسۇن، ھەممىسى ئۆزگىچە تەمگە ئىگە.

01 

ئوزۇقلۇق مول، پايدىسى كۆپ 

 بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن بار، بولۇپمۇ ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ھەتتا چېڭزى، جۈزى، يوۋزى قاتارلىق گەنجۈ تۈرىدىكى مېۋىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، ھەر كۈنى 300 گىرام بەسەي يېگەندە بەدەننىڭ كۈندىلىك ۋىتامىن C ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

 بەسەي يېيىش يەنە كالتسىي، كالىي ھەمدە پولىفېنول ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنى تولۇقلايدۇ، بەسەي تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ «كىچىك قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

02 

بەسەي يوپۇرمىقىدىكى يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدىغان كىچىك قارا چېكىت نېمە؟ 

 بەسەيدىكى يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدىغان كىچىك قارا چېكىتلەر بەسەيدىكى بىر خىل فىزىئولوگىيەلىك كېسەللىك زىيانداشلىقى بولۇپ، «بەسەي كۈنجۈتسىمان داغ كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، كىچىك قارا چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

 كۈزلۈك بەسەي ئۆسۈش مەزگىلىدە ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدۇ، ھۈجەيرە دىۋارى، ھۈجەيرە پەردىسى قاتارلىقلارنىڭ نورمال قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ھۈجەيرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، ھۈجەيرە دىۋارى تولغىنىپ شەكلى ئۆزگەرگەن جايدا قارا رەڭلىك ماددا پەيدا بولۇپ، بۇنىڭدىن كىچىك قارا چېكىت شەكىللىنىدۇ. كىچىك قارا چېكىتلەر ئاساسلىقى بەسەينىڭ يوپۇرماق ساپىقى ئېپېدېرما ھۈجەيرىلىرىگە مەركەزلەشكەن، بەزىلىرى يوپۇرماق گۆشى ھۈجەيرىلىرىدىمۇ كۆرۈلۈپ، بەسەينى ئالا- بۇلىماچ كۆرسىتىپ، رەڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

 كۈزلۈك بەسەيدە كىچىك قارا چېكىتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئازوتلۇق ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۈزلۈك بەسەينىڭ سورتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

 كۈزلۈك بەسەينىڭ خىلمۇخىل تۈرلىرى بار، بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان كۈزلۈك بەسەينىڭ يوپۇرمىقى قاتمۇقات دەستىلىپ، ئاخىرىدا بىر تال چىڭڭىدە يوپۇرماق شارچە ھاسىل قىلغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ئۇزاق بولىدۇ؛ يەنە باشقا تۈردىكى كۈزلۈك بەسەيلەرمۇ بار، مەسىلەن، كۇەيسەي (快菜)، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى بوش بولۇپ، چىڭڭىدە يوپۇرماق شارچە ھاسىل قىلمايدۇ، ئۆسۈش دەۋرى قىسقا بولىدۇ.

 ئۆسۈش دەۋرى قىسقا بولغان كۈزلۈك بەسەيدە كىچىك قارا چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىكرەك بولىدۇ.

03 

قارا چېكىت بار بەسەينى يېگىلى بولامدۇ؟ 

 ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كىچىك قارا چېكىت پەقەت قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ، بەسەينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، نورمال يېسە سالامەتلىككە زىيانلىق ئەمەس.

 ئەمما، ئەگەر تۆۋەندىكى قارا داغ بولسا ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بۇ بەسەينىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.

04 

بەسەينى قانداق تاللايمىز؟ 

 بەسەي تاللىغاندا، يوپۇرمىقى مۇكەممەل، رەڭگى يېشىل، قارا دېغى يوق، يەنە پۇرىقىدىن يېڭىلىقى چىقىپ تۇرىدىغانلىرىنى تاللاش كېرەك.

 سېتىۋالغاندىن كېيىن قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا قويۇپ قويساق، بەسەي يېڭى تۇرىدۇ، كىچىك قارا چېكىتلەر ئاسان پەيدا بولۇپ قالمايدۇ ياكى بۇ ئەھۋال ئېغىرلىشىپ كەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125