ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يىل ھالقىغاندىن كېيىن داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدىغان 2025- يىللىق سودا ساھەسىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش بويىچە ئىلتىماس قىلىش ئېغىزى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24:00تە مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تاقىلىدۇ، 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن ئىستېمالچىلار داۋاملىق ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، تولۇقلاپ تۈزىتىش ئېغىزى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 24:00تە مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش تاقىلىدۇ.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى «يېڭىلاش» جەھەتتە، 2024- يىللىق ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24:00تە ئاخىرلاشتى، پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلار 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، قۇراشتۇرۇش، ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلىش، ئېنىقلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى تاماملايدۇ.
توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، 2024- يىللىق توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشمۇ 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24:00تە ئاخىرلاشتى، قاتناشقان ھەرقايسى كارخانىلار 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تاماملايدۇ.
2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەت ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنغىچە ئالاقىدار ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار 2024- يىللىق سىياسەت شەرتىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ساقلىۋېلىپ، 2025- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىپ بولغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)