چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بالامغا چاڭغا تېيىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قىشلىق لاگېرغا تىزىملاتقانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ چاڭغا تېيىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى. ھەپتە ئاخىرىدا ئوغلۇمنى ئېلىپ قانغۇچە چاڭغا تېيىلىۋالدۇق».
تىيانشان شياۋشياگۇ چاڭغا تېيىلىش، قار ئويناش باغچىسىنىڭ باش دىرېكتورى شېڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: «باغچىمىز چاڭغا تېيىلىش، قارلىق دالىدا خوگو يېيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەر بويىچە ئېتىبار بېرىش يۈرۈشلۈكىنى كۆپەيتتى، بۇ ئائىلىدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقانلار، دوست- بۇرادەرلەر يىغىلىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ئاممىنىڭ چاڭغا تېيىلىش، قار ئويناش، قار تاماشا قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ».
شەھەر ئاھالىسى جاڭ شۆلىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ يەردە 2025- يىلىدىكى تۇنجى چاڭغا تېيىلىشنى باشلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە چاڭغا تېيىلغىلى، چانا ئاپتوموبىلى قاتارلىق ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى ھېس قىلغىلى، يەنە ئاپتاپقا قاقلانغىلى، پىيادە ماڭغىلى، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكىلى بولىدىكەن».
شۈيشىگوۋ بازىرى جاتەن كەنتىدىكى يېلۇزى لاگېرىنىڭ مەسئۇلى جوۋ چېڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردە دالىدا قونۇش كۆپۈكچە ئۆيى، ئەينەكتىن سېلىنغان ئاشخانا بار، ئەتراپتا يەنە قەھۋەخانا، ئەتكەن چاي دۇكىنى، ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى، يۈك ساندۇقىدىن ياسالغان دۇكان، بازار بېزەك ئاپتوموبىلى، بالىلار باغچىسى قاتارلىقلار بار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە تېخىمۇ مول تەسىراتقا ئىگە بولالايدۇ. 1- ئاينىڭ 4- كۈنىلا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1300 (قېتىم)دىن ئاشتى.
يېڭى يىلنىڭ تۇنجى ھەپتىسىنىڭ ئاخىرىدا شيەنلەي كىچىك بازىرىغا يېڭىدىن ئېچىلغان بازاردىكى يېڭى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، نەپىس مەدەنىيەت ئىجادىيىتى لايىھەسى، يەرلىك ئۇششاق يېمەكلىكلەر، مەززىلىك تائاملار قاتارلىقلار كىشىگە قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تۇرمۇش كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى؛ يېلۇزى لاگېرىغا كىرىپ، كۈمۈش لىباس كىيگەن نەنسەندە ئوچاقنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىش، خوگو قاينىتىش، كاۋاپ يېيىش قىشتا دالىدا قونۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ؛ ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردىكى مۇز مەيدانى ۋە قار باغچىسىغا بېرىپ، نەچچە ئون خىل قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ئارقىلىق قار- مۇز قىزغىنلىقىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ... (مۇخبىر گو جۈنگې)