بىلەك تىرەكسىز ئەھۋالدا قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، نەتىجىسى سەل يۇقىرى چىقىپ قالىدۇ
11:43:19 2025-01-07 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلى شۇكى،  ئالدى بىلەن ئاغرىقنى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، مۇۋاپىق بىلەك بوغقۇچىنى تاللاش ۋە ئۈچ مىنۇتچە ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. ئاغرىق ئىككى پۇتىنى يەر يۈزىگە تەكشى قويۇشى، ئالمىۋالماسلىقى، قان بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان بىلىكىنى يۈرەك بىلەن باراۋەر ئېگىزلىكتە ئۈستەلگە قويۇشى كېرەك. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، 2- قېتىملىق ياكى ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچلارغا سەل قارىغاندا، روشەن خاتالىق پەرقى كۆرۈلۈپ، دورا بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت زۆرۈرىيىتى يوق داۋالاش ياكى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئامېرىكا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە،  بىلەكنى پۇتقا قويۇپ ياكى يانغا ساڭگىلىتىپ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە،  ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا ئۆلچىگەنگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بېسىم 3.9 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن 6.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگىچە، تۆۋەن بېسىم 4 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن 4.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگىچە يۇقىرى چىقىپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن، قان بېسىمىنى  ئۆلچەملىك ھالەتتە ئۆلچەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125