ئېھتىيات قىلىڭ! ئالدامچىلىقنىڭ دەرىجىسى ئۆستى! ئالدامچىلار ئالدى بىلەن سىزگە پۇل يۆتكەپ بېرىشتىن باشلايدۇ
13:50:59 2025-01-08 تىيانشان تورى

توردىشىڭىز «سېخىيلىق بىلەن» سىزگە 500 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بېرىپ

سىزنى مەبلەغ سېلىشقا ياردەم قىلىڭ دېسە

سىز ياردەم قىلامسىز؟

ئېھتىيات قىلىڭ! بۇ بەلكىم ئالدامچى ئۇنسۇرلار

كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلىگەن بىر ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن

 يېقىندا، جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ دۇڭخەي ناھىيەسىدىكى لى خانىم توردا بىر «تورداش» بىلەن تونۇشۇپ قالدى، قارشى تەرەپ «سېخىيلىق بىلەن» لى خانىمغا 500 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بېرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىگە مەبلەغ سېلىشقا ياردەم قىلىشىنى ئېيتتى. لى خانىم ئەسلىدە قارشى تەرەپنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ راستتىنلا ئۇنىڭغا پۇل يۆتكەپ بەردى.

 لى خانىم بىلەن ئېرى ليۇ ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشقا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى، ئارقىدىن ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن پۇلبەرگۈدىن راستتىنلا 40 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئالدى. ليۇ ئەپەندى بۇ ئىشنى ئويلىغانسېرى نورمال ئەمەستەك ھېس قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

 خەلق ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى قاتلامدىكى ئالدانغۇچىلار پۇلنى لى خانىمنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئالدامچىلار لى خانىمنى قانۇنسىز يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئاتالمىش مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەپ، ئاندىن پۇلنى يۆتكەپ، ئالدامچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان.

 نۆۋەتتە، ساقچىلار ئىككى قېتىم راسچوت قىلىنغان پۇلنى ئالدى ھەمدە بۇ مەبلەغنىڭ ھەقىقىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

خەلق ساقچىلىرى كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى

شەخسىي «ئىككى كارتا»نى ئارىيەت بېرىشكە بولمايدۇ

بانكا كارتىسى، تېلېفون كارتىسى پەقەت ئۆزى ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ

 ھەرقانداق شەكىلدە ئارىيەتكە بېرىشكە، ئىجارىگە بېرىشكە، باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكە

ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125